تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ سايلانغان زۇڭتۇڭى راماپوساغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2–ئاينىڭ 16–كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2–ئاينىڭ 16–كۈنى تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، راماپوسانىڭ جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
     شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق كۆرسەتتى: زۇڭتۇڭ ئەپەندى جۇڭگو خەلقىنىڭ كونا دوستى، جۇڭگو–جەنۇبىي ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشقان. مەن جۇڭگو–جەنۇبىي ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو–جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، 2018–يىللىق جۇڭگو–ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى ۋە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ جوھاننىسبۇرگ ئۇچرىشىشىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشنى ئۆزئارا قوللاپ، جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى خالايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.