تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى

ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش كېرەك

   جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 2–ئاينىڭ 14–كۈنى چۈشتىن كېيىن پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى  ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 2–ئاينىڭ 14–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئاچقان دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى.
   ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
   يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ھالقىلىق مەزگىلدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېغىر نامرات رايونلارغا يەنە چوڭقۇر چۆكۈپ، نامرات ئاممىنى يوقلاپ ۋە ئۇلاردىن ھال سوراپ، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئورتاق كېڭىشىپ، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، باش شۇجىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، باش شۇجىنىڭ نامرات ئاممىغا بولغان ئالاھىدە غەمخورلۇقىنى، باش شۇجىنىڭ خەلقپەرۋەر، خەلقنى سۆيىدىغان، خەلقنى كۆزلەيدىغان داھىيلىق سالاپىتىنى تولۇق نامايان قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى بىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى قىلىشىمىزغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى ۋە ئۇنى تۈپ قوللانمىغا ئىگە قىلدى.
   يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىش كېرەك. تەلەپلەرگە ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىنى چوڭقۇر ئويلىنىپ پىلانلاپ، نىشاننى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، رەھبەرلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، دەل جايىدا كۈچەش كېرەك. ئېغىر نامرات كەنتلەرنىڭ 1–شۇجىلىرى، دائىمىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ كەنتلەردە تۇرۇشلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، شەكىل ۋە ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغىچە ئالاقىنى ئۈزمەي، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم–كوتسىز جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما–تەلەپلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.
   يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ۋەزىپىسى مۈشكۈل ۋە ئېغىر، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىدىكى بارلىق كادىرلار ۋە ئىشچى–خىزمەتچىلەر مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ قەتئىي ئىشەنچ ۋە ئىرادە، تېخىمۇ پۇختا، دەل چارە–تەدبىر، تېخىمۇ قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان خىزمەت ئىستىلى بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدىكى فۇنكسىيەسى ۋە بۇرچىنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشى، ئۇنىڭغا خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۆھپىسىنى قوشۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى