تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چاغاندا ياڭرىغان ئۈزۈلمەس كۈيلەر

ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم، پىراكتىكانت نىگارە پەرھات

     2-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 5 تىن ئاشقان چاغ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ «يەنئەن» يولىغا جايلاشقان «رۈيدا» خەلقئارا سودا مەركىزىنىڭ 7-قەۋىتىدىكى 2-نومۇرلۇق زال بۆلەكچىلا قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن بولۇپ، زال ئىچى ھەر مىللەت شەھەر ئاھالىلىرى ۋە مەھەللە كادىرلىرى بىلەن لىق تولغانىدى. زالدىكى ياڭراتقۇدىن چىقىۋاتقان شوخ ئۇسسۇللۇق كۈيلەر ۋە چاقناپ تۇرغان رەڭگارەڭ چىراغلار بايرام كەيپىياتىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرغان، سورۇن ئەھلىنىڭ كەيپىياتى بەكلا چاغ ئىدى. بۈگۈن بۇ يەردە شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مۇقام ئانسامبىلى 2018-يىللىق چاغان مۇناسىۋىتى بىلەن بىر مەيدان سەرخىل سەنئەت نومۇرىنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونى غالىبىيەت يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى قارىمىقىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھۇزۇرىغا بايراملىق سوۋغا سۈپىتىدە سۇنماقچى ئىدى.

     بىز ئويۇن باشلىنىشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مۇقام ئانسامبىلىنىڭ دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك ئۇسسۇل رېژىسسورى ئانارگۈل مەخسۇتنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ بىزگە ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى بۇ ئويۇن ئانسامبىلىمىزنىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جاي-جايلىرىدا قويۇۋاتقان «مېنىڭ جۇڭگو ئارزۇيۇم−مەدەنىيەتنى تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش» تېمىسىدىكى ئويۇن قويۇش پائالىيىتىنىڭ بىر قىسمى، بىزنىڭ بۇ ئويۇننى تەشكىللەشتىكى ئاساسىي مەقسىتىمىز مەركەز ئوتتۇرىغا قويغان مەدەنىيەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلققە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك تەشۋىق قىلىش، چاغان ھارپىسىدا ۋە چاغان مەزگىلىدە ھەر مىللەت خەلققە ئېسىل سەنئەت ئەسەرلىرىنى تەقدىم قىلىپ، سەنئەت نومۇرلىرى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى كۈيلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشكە تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشتىن ئىبارەت. بىز بۇ قېتىم نومۇرلارنى تەييارلاشتا ئۆمىكىمىزنىڭ ئىلگىرىكى نومۇر تاللاش ئۇسۇلىنى دادىل ئۆزگەرتىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش مەقسىتىدە ئۇلۇغ ۋەتەن، كومپارتىيە ۋە مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى كۈيلەنگەن دۆلەت ئورتاق تىلىدىكى نومۇرلارنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بۇ نومۇرلارغا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ناخشا- ئۇسسۇللىرىنى مەلۇم نىسبەتتە يانداشتۇردۇق. بۇ بىزنىڭ بۇ قېتىمقى سەنئەت نومۇرلىرىمىزدىكى روشەن بىر يېڭىلىق ۋە يارقىن نۇقتا. نومۇرلارنىڭ تېمىسى يېڭى، مەزمۇنى رەڭدار، سۈپىتى يۇقىرى ۋە ئارتىسلار قوشۇنى سەرخىل بولغاچقا، مەيلى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ يېزا- كەنتلىرىدە قويغاندا بولسۇن ۋە ياكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەھەللە، كوچا باشقارمىلىرى، قىسىم ۋە مۇقىملىقنى قوغداش كۈچلىرى تۇرۇشلۇق ئورۇنلاردا قويغاندا بولسۇن، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ۋە يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى.

     ئويۇن رەسمىي باشلاندى، دېمىسىمۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېجىل-ئىناق تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تۇنجى نومۇر «ئىتتىپاقلىق قەسىدىسى» ناملىق شوخ كوللېكتىپ ئۇسسۇل تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا مۇيەسسەر بولدى. «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمايمىز»، «تۇرمۇشىمىز كۈندىن-كۈنگە ياخشى» قاتارلىق جاراڭلىق ناخشىلار زالدىكى تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالسا، «ئويناسۇن»، «گۈزەل قىز» قاتارلىق شوخ ھەم جەزبىدار ئۇسسۇللار تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدە ئىزگۈ تۇيغۇلارنى پەيدا قىلدى، «ۋەتىنىم»، «كۆك ياقۇت» قاتارلىق ناخشىلار ئويۇن كەيپىياتىنى ئەۋجگە كۆتۈردى.

     بۈگۈنكى ئويۇن بىر سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشقان بولسىمۇ، تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشلىرى زادىلا ئۈزۈلمىدى، كەيپىياتمۇ ئىزچىل قىزغىن بولدى. ئاخىرىدا سورۇن ئەھلى «بىرلىكتە ئوينايلى» ناملىق ئۇسسۇللۇق ناخشىغا جور بولۇپ، مەشرەپكە چۈشتى. بىر قارىماققا بۇ يەردىكى ھەر مىللەت كىشىلىرى خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىگىلا ئوخشاپ قالغانىدى.

     ئويۇن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە غالىبىيەت يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى بيەنرۈي مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى جاڭ بىڭۋېي زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: مۇقام ئانسامبىلىنىڭ چاغان ھارپىسىدا ئېلىپ كەلگەن بۇ ئېسىل ئويۇنى ھەر مىللەت كادىر ۋە ئاممىغا بايراملىق تولىمۇ ياخشى سوۋغا ھەم مول مەنىۋى ئوزۇق بولدى. بۇ نومۇرلاردا ۋەتەنپەرۋەرلىك، مۇقىملىق ۋە ئىتتىپاقلىق ناھايىتى يارقىن ئەكس ئېتىپتۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نومۇرلارنىڭ تەربىيەۋى ئەھمىيىتى ۋە بەدىئىي قىممىتى يۇقىرى ئىكەن، مەن بۇ نومۇرلاردىن ناھايىتى ھوزۇرلاندىم.

     بيەنرۈي مەھەللىسى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى توختىگۈل ئابلىز مۇنداق دېدى: شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مۇقام ئانسامبىلى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى چاغان ھارپىسىدا مەھەللىمىزدىكى بارلىق ئاھالىلەرگە بايراملىق چوڭ خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى. بىز بۇ سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرۈش ئارقىلىق ھەر مىللەت كىشىلىرىنىڭ بىر-بىرىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادىتىنى ئوبدان چۈشەنگەندىلا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرگىلى ۋە ھەر مىللەت خەلقىنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇق. بىز بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇنداق ئاكتىپ ئېنېرگىيەلىك پائالىيەتلەرنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن كۆپرەك ئۇچرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

     شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مۇقام ئانسامبىلىنىڭ تەشۋىقاتقا مەسئۇل خادىمى دىلشات ئىبراھىم بىزگە مۇنداق دېدى: ئۆمىكىمىز بۇ يىل «مېنىڭ جۇڭگو ئارزۇيۇم −مەدەنىيەتنى تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش» تېمىسىدىكى ئويۇن قويۇش پائالىيىتى بويىچە چاغان ھارپىسىدا ۋە چاغان مەزگىلىدە 30 مەيدان ئويۇن قويۇشنى پىلانلىغان، ھازىرغىچە 20 نەچچە مەيدان ئويۇن قويۇپ بولدى. 1-ئايدا ئۆمىكىمىزدىكى ئارتىسلار قەھرىتان سوغۇققا قارىماي، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ يېزا-كەنتلىرىدە 17 مەيدان ئويۇن قويدى. 2-ئاي كىرىشى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەھەللە، كوچا باشقارمىلىرى ۋە قىسىملاردا ئويۇن قويۇشنى باشلىۋەتتى، ھازىرغىچە ئويۇننى كۆرگەنلەر 6000 كىشىدىن ئېشىپ كەتتى، ئۆمىكىمىز چاغان مەزگىلىدە يەنە ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ يېزا-كەنتلىرىدە ئون نەچچە مەيدان ئويۇن قويىدۇ. «مېنىڭ جۇڭگو ئارزۇيۇم−مەدەنىيەتنى تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش» تېمىسىدىكى ئويۇن قويۇش پائالىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى تەشكىللەپ، مەركەز ئوتتۇرىغا قويغان مەدەنىيەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشىمىز!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى