تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇ خەيلۈن خوتەن ناھىيەسىدە ئاممىۋى خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

ھەممە ئائىلىدە كادىر تۇرۇشنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك

      لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: دېھقانلار كالېندارى بويىچە 2-ئاينىڭ 15-كۈنى چاغاننىڭ ھارپا كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۈن خوتەن ناھىيەسىگە بېرىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ چاغانلىق تىلىكىنى يەتكۈزدى، ئۆيلىرىگە كىرىپ زىيارەت قىلغان ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا ئۆزى سېتىۋالغان ئۈستەل چىرىغى، ئەمبەل ۋە شەخسىي تازىلىق بۇيۇملىرى قاتارلىق سوۋغاتلارنى بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. جۇ خەيلۈن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نۆۋەتتە ئائىلە زىيارىتى، ئائىلىلەردە تۇرۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنت دەرىجىلىك ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترەتلىرىدىكى بارلىق كادىرلار ئائىلىلەردە تۇرۇش، كەنتلەردىكى ھەربىر ئائىلىدە كادىر تۇرۇشتىن ئىبارەت «ئىككى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاممىغا يۈزتۇرا تەربىيە بېرىش ۋە ئۇلارنى يېتەكلەش ئارقىلىق، مۇقىملىقنى قوغداش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك.

     چاغاننىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، خوتەن ناھىيەسىنىڭ كوچىلىرىغا پانۇس ۋە لېنتىلار ئېسىلىپ، ئەتراپ قويۇق بايرام كەيپىياتىغا چۆمگەنىدى. خوتەن ناھىيەسىنىڭ باغچى بازىرى يۇقىرى باغچى كەنتىدە، نۇرغۇن دېھقان ئىشىك ئالدىغا چاغانلىق مەسنەۋى چاپلىغانىدى. دېھقان بۇسۇدىخان ماڭسۇرنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە، ئۇ بالىلىرى بىلەن مانتا تۈگۈۋاتقانىدى، مەشتىكى ھور چىقىپ تۇرغان كورىدىكى مانتا پىشايلا دەپ قالغانىدى. ئۇ جۇ خەيلۈنگە مۇنداق دېدى: ئائىلىمىزنى ھۆددىگە ئالغان كادىر ماڭا مانتا تۈگۈشنى ئۆگەتتى، ئىشىك ئالدىدىكى چاغانلىق مەسنەۋىنى شۇ كادىر چاپلىشىپ بەردى. جۇ خەيلۈن خۇشال ھالدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: مەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا ۋاكالىتەن ئاساسىي قاتلامدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى مەخسۇس يوقلاپ كەلدىم. چاغان جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى، بۈگۈن ھارپا كۈنى، كۆپچىلىكتىن بايراملىق ھال سورايمەن، كۆپچىلىكنىڭ چاغىنىنىڭ كۆڭۈللۈك، ئائىلىسىنىڭ بەختلىك بولۇشىنى تىلەيمەن. بۇسۇدىخان ماڭسۇر ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ھازىر بالىلار مەكتەپتە ھەقسىز ئوقۇيدۇ، تۇرمۇشىمىز كاپالەتكە ئىگە بولدى، قىيىنچىلىقىمىز بولسا، ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئالغان كادىرلار بار، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا، رەئىس شى جىنپىڭغا رەھمەت، تۇرمۇشىمىز جەزمەن كۈندىن-كۈنگە ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.

     جۇ خەيلۈن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى دېھقان ھەبىبىخان تۇرسۇننىيازنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە كەچ بولۇپ قالغانىدى. ھەبىبىخان تۇرسۇننىياز ھورى چىقىپ تۇرغان تۈگرە ۋە نان، تاۋۇز، ياڭاقلار بىلەن ئۈستەلنى توشقۇزۇپ، جۇ خەيلۈن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى ھارپا كېچە تامىقى يېيىشكە تەكلىپ قىلدى. جۇ خەيلۈن يەنە ئەدلىيە نازارىتىنىڭ مۇشۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنى مەخسۇس يوقلىدى ۋە ھال سورىدى. جۇ خەيلۈن مۇنداق دېدى: كۈرەش قىلىشنىڭ ئۆزى بەختتۇر، ھارپا كۈنى ئائىلىدىكىلەر جەم بولىدىغان ۋاقىتتا، كۆپچىلىك يەنىلا ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتىسىلەر، سىلەرنىڭ باش شۇجىنىڭ تەلىپىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماي، مەسئۇلىيەتچانلىق، بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، مۇقىملىقنى قوغداش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

     جۇ خەيلۈن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر ئاساسىي قاتلامدىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى تۈرلۈك ۋەزىپە−مۇقىملىقنى قوغداش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش. ھەر دەرىجىلىك كادىرلار، كەنتلەردە تۇرۇشلۇق خىزمەت كۈچلىرى ئاساسىي قاتلامغا داۋاملىق چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، ئائىلە زىيارىتى قىلىش، ئائىلىلەردە ئومۇميۈزلۈك تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەپ، قەلبلەرنى مۇجەسسەملىشى كېرەك. ئاممىۋى خىزمەتنى يۈزتۇرا ئىشلەش ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ۋە ئىدىيەۋى ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىشى، ھەم ئىدىيە جەھەتتە يېتەكلەپ، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، غەمخورلۇق قىلىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلاپ، ھەر جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا، كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ نامراتلارنى يۆلەش پىلانىنى تۈزۈپ، نامرات ئاممىنى تېزرەك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىشى كېرەك. باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، قەدەمنى پۇختا بېسىپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى