تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

«خەلق گېزىتى» ئوبزورى: ھەممە ئائىلە ياخشى بولسا، دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ

«خەلق گېزىتى» ئوبزورچىسى

     ئائىلە ئەڭ كىچىك دۆلەتتۇر، دۆلەت مىڭلىغان-تۈمەنلىگەن ئائىلىدۇر. «ھەممە ئائىلە ياخشى بولسا، دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ، مىللەت گۈللىنىدۇ»، «ئائىلىنى سۆيۈش بىلەن ۋەتەننى سۆيۈشنى بىرلەشتۈرۈپ، شەخس ئارزۇسىغا، ئائىلە ئارزۇسىغا يېتىشنى دۆلەت ئارزۇسىغا، مىللەتنىڭ ئارزۇسىغا سىڭدۈرۈش كېرەك»، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2018-يىللىق چاغانلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ئىنسانىي غەمخورلۇق تولۇپ تاشقان، دۆلەت، ئائىلىگە بولغان مۇھەببەت ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، چوڭ دۆلەتنىڭ مەردانە سالاپىتى نامايان قىلىنغان، دۆلەت، ئائىلە ۋە شەخسنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق باغلىنىشى چوڭقۇر شەرھلەنگەن، جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ يادرولۇق قىممىتى ۋە كۈچ مەنبەسى ئېنىق كۆرسىتىلگەن، ئۇ جۇڭخۇا مىللىتى تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا يېتىشكە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

     «دۇنيانىڭ ئاساسى دۆلەت، دۆلەتنىڭ ئاساسى ئائىلە». دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئاخىرىدا مىڭلىغان-تۈمەنلىگەن ئائىلىنىڭ بەختلىك، كۆڭۈللۈك بولۇشىدا، مىليونلىغان خەلقنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىدا نامايان بولىدۇ. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاھالىلەر كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى GDP نىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن تېز بولدى، ھەر يىلى ئوتتۇرىچە 10 مىليوندىن كۆپرەك كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، ھەر كۈنى ئوتتۇرىچە يېڭىدىن 40 مىڭ بازار سۇبيېكتى كۆپەيدى، بەش يىلدا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئەنگلىيەنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىغا تەڭلەشتى... خەلقنى مەركەز قىلىشتەك تەرەققىيات ئىدىيەسىدە، خەلققە بەخت يارىتىشنى ئەڭ چوڭ نەتىجە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، بىر سىياسىي پارتىيەنىڭ ئۆزگەرمەس ئەسلىي مەقسىتى، بىر دۆلەتنىڭ چىڭ تۇرىدىغان قىممەت يۆنىلىشى سانسىزلىغان ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ بەخت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «جۇڭگو» ناملىق پاراخوتنىڭ يېڭى سۇ دائىرىسىگە كىرىشىگە تۈرتكە بولدى.

     تەرەققىياتنىڭ ئاخىرقى نىشانى خەلققە بەخت يارىتىش. باش شۇجى شى جىنپىڭ قايتا-قايتا تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «جۇڭگو ئارزۇسى تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا خەلقنىڭ ئارزۇسى، ئۇنى جەزمەن خەلققە مەھكەم تايىنىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز بەخت يارىتىش شەرت». جۇڭخۇا مىللىتى ئۇلۇغ گۈللىنىش جەريانىغا قەدەم قويدى، بۇ، دەل خەلق تۇرمۇشىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولىدىغان جەريان. ئورنىدىن دەس تۇرۇشتىن بېيىشقىچە، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان تارىخىي ھالقىش بولسۇن ياكى «دەۋرگە يېتىشىۋېلىش»تىن «دەۋرگە باشلامچى بولۇش»تەك ئۇلۇغ ھالقىش بولسۇن، تەدرىجىي يېقىنلىشىۋاتقان جۇڭگو ئارزۇسى شەخس ئارزۇسىنى كەڭ بوشلۇققا ئىگە قىلدى. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، «مۇپەسسەل» دۆلەت ئارزۇسى، مىللەت ئارزۇسى دەل «دائىرىسى تار، مەزمۇنى كەڭ» شەخس ئارزۇسى، ئائىلە ئارزۇسىغا يېتىش داۋامىدا نامايان بولىدۇ؛ خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، شەخسنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشىنى جۇلالاندۇرۇش ئارزۇسىنى قاندۇرۇش دەل جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ سېھرىي كۈچكە ئەڭ باي سەھىپىسى.

     چاغان ئائىلىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى جەم بولىدىغان ۋاقىت. جەم بولۇش ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەر، ئائىلىدىكىلەرنىڭ جەم بولۇشىلا ئەمەس، يەنە جۇڭخۇا مىللىتى تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئۇيۇشۇشى بولۇپ، قائىدە-يوسۇنلۇق بولۇش، ئائىلە، دۆلەتكە بولغان مۇھەببەت قاتارلىق ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت قىممىتىگە بولغان تونۇشنى كۈچەيتىشتە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. «دەريادا سۇ بولمىسا، ئۆستەڭ قۇرۇپ قالىدۇ»دا شەرھلەنگىنى تەقدىرداش ئورتاق گەۋدە لوگىكىسى دېيىلسە، «ئۆستەڭدە سۇ بولسا، دەريا سۇغا تولىدۇ»دا تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مېخانىزمى ئېچىپ كۆرسىتىپ بېرىلگەن. نامراتلارنى يۆلەشنىڭ بىرىنچى سېپى، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ئالدىنقى سېپى، زاۋۇت سېخى، ئېتىز بېشى... سىز تۇرغان جاي سىزنىڭ سەھنىڭىز، ئائىلىنى سۆيۈش بىلەن ۋەتەننى سۆيۈشنى بىرلەشتۈرۈپ، شەخس ئارزۇسىغا، ئائىلە ئارزۇسىغا يېتىشنى دۆلەت ئارزۇسى، مىللەتنىڭ ئارزۇسىغا سىڭدۈرگەندىلا، 400 مىليوندىن كۆپرەك ئائىلە، 1 مىليارد 300 مىليوندىن كۆپرەك خەلقنى بىر ياقىدىن باش چىقارغۇزۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا يېتىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ.

     يىغىلغاندا ئەڭ خۇشال، جەم بولغاندا ئەڭ بەختلىك، ئىتتىپاقلاشقاندا ئەڭ كۈچلۈك بولىمىز. يېڭى مۇساپىدە قول تۇتۇشۇپ بىللە ئىلگىرىلەشتە، ھەربىر كىشى «جۇڭگو ئارزۇسى كوماندىسى»نىڭ بىر ئەزاسى، ھەربىر ئائىلە جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ئورگانىك تەركىبىي قىسمى. ئاممىنى ئىسلاھات، تەرەققىياتقا ئەڭ زور دەرىجىدە قاتناشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىش ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتكۈل خەلقنى بىر مەقسەتتە بولۇپ، جۇڭگو ئارزۇسىغا ئورتاق يېتىشكە ئەڭ زور دەرىجىدە سەپەرۋەر قىلساقلا، دۆلىتىمىز تېخىمۇ قۇدرەت تاپىدۇ، مىللىتىمىز تېخىمۇ گۈللىنىدۇ، ئۇلۇغ ئىشلىرىمىز تېخىمۇ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىدۇ.


(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 15- فېۋرال تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى