تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا يولداش شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك
چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

      ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 2-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن كېيىن دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى ھەم ئىدىيەنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تەدبىرلەرنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

     يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ھالقىلىق مەزگىلدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېغىر نامرات رايونلارغا يەنە چوڭقۇر چۆكۈپ، نامرات ئاممىنى يوقلاپ ۋە ئۇلاردىن ھال سوراپ، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئورتاق كېڭىشىپ، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، باش شۇجىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، باش شۇجىنىڭ نامرات ئاممىغا بولغان ئالاھىدە غەمخورلۇقىنى، باش شۇجىنىڭ خەلقپەرۋەر، خەلقنى سۆيىدىغان، خەلقنى كۆزلەيدىغان داھىيلىق سالاپىتىنى تولۇق نامايان قىلدى.

     يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يۆلەش- ئېچىش خىزمىتىنى «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈشتە چىڭ تۇردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى جەڭگە ئاتلىنىپ، ئۆزى جەڭنى نازارەت قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەتكە ئۈلگە كۆرسىتىپ ۋە نەمۇنە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ نامراتلىققا تاقابىل تۇرۇش تارىخىدا يېڭى سەھىپە پۈتۈپ، مول، قىممەتلىك تەجرىبىلەرگە ئېرىشىپ ۋە توپلاپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىنى جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى. تەجرىبىلەر تەستە قولغا كەلتۈرۈلگەن، ئۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، ئىشەنچنى يەنىمۇ چىڭىتىش كېرەك؛ تەجرىبىلەر تولىمۇ قىممەتلىك، ئۇنىڭدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

     يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭ نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، دۆلىتىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشلەرنى خۇلاسىلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە توپلانغان قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى ئىلمىي يەكۈنلەپ، يېڭى دەۋردىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى قىلىشىمىزغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى ۋە ئۇنى تۈپ قوللانمىغا ئىگە قىلدى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىش كېرەك.

     بىرىنچىدىن، نىشاننى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. نامرات ئاھالىلەرنى «ئىككىدىن خالاس قىلىش، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى مۇقىم ئىشقا ئاشۇرۇشنى، نامرات رايونلارنىڭ ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى ساھەسىدىكى ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلىرىنى پۈتۈن رايوننىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يېقىنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمىنى زىچ چۆرىدەپ، سالماقنى ئاشۇرۇپ، ئىشنى پۇختا قىلىپ، ھەم ئۆلچەمنى تۆۋەنلىتىپ سۈپەتكە تەسىر يەتكۈزمەي، ھەم ئۆلچەمنى يۇقىرىلىتىپ چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمەي، 2020- يىلى ھازىرقى ئۆلچەم ئاساسىدا يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنى ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، كۆك نامراتلىقنى تۈگىتىش؛ نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى ئومۇميۈزلۈك چۆرۈپ تاشلاشقا كاپالەتلىك قىلىپ، رايون خاراكتېرلىك ئومۇميۈزلۈك نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك.

     ئىككىنچىدىن، رەھبەرلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ئاپتونوم رايون ئومۇميۈزلۈك مەسئۇل بولۇش، شەھەر، ناھىيەلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بەش دەرىجىلىك شۇجىلار تەڭ تۇتۇپ، دەرىجىمۇدەرىجە بېسىم چۈشۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى دەرىجىمۇدەرىجە چىڭىتىش كېرەك. پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ 1-باشلىقلىرى ئۆزى تۇتۇپ ئومۇميۈزلۈك مەسئۇل بولۇشى، نامرات ناھىيەلەرنىڭ پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

     ئۈچىنچىدىن، دەل جايىدا بولۇشقا يەنىمۇ كۈچەش كېرەك. نامراتلانى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئالتە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئەڭ قاتتىق جەڭدە غەلىبە قىلىش كېرەك. ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، كارتا بېجىرىشنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامراتلىق دائىرىسىگە كىرگۈزۈشكە تېگىشلىكلىرىنى كىرگۈزۈش، نامراتلىق دائىرىسىدىن چىقىرىشقا تېگىشلىكلىرىنى چىقىرىۋېتىش، يۆلەشكە تېگىشلىكلىرىنى يۆلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ھەرىكەتچان باشقۇرۇش كېرەك. دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا، كەنت، ئائىلە ۋە ئادەمگە قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، «يەتتە بىر تۈركۈم»، «ئۈچ سالماقنى ئاشۇرۇش»نى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، نامرات ئاممىنى ۋاقتىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

     تۆتىنچىدىن، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى تېخىمۇ چىڭىتىش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى، تۈرلەرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ئىز قوغلاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يوچۇقلارنى ئېتىش كېرەك. ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇش، ھەقىقىي نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، خىزمەتتە بوشاڭلىق، تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە شەكىلۋازلىق قىلغان، ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن، ساختىلىق قىلغان، سانلىق مەلۇماتتىلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش، كەسكىن بىر تەرەپ قىلىش؛ نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى ئىگىلىۋالغان، يۆتكەپ ئىشلەتكەن، تۇتۇپ قېلىپ ئاستىرتىن بۆلۈشۈۋالغان، يالغان مەلۇم قىلىپ كۆز بوياپ ئېلىۋالغان، بۇزۇپ- چېچىپ ئىسراپ قىلغان، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى، نامرات ئاممىغا قولىنى سوزۇشقا پېتىنغان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، كەڭچىلىك قىلماي قاتتىق جازالاش كېرەك.

     بەشىنچىدىن، ئىقتىدارنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەشنى چۈشىنىدىغان، نامراتلارغا ياردەم بېرەلەيدىغان، ئىستىلى دۇرۇس نامراتلارنى يۆلەش كادىرلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كەنتنىڭ 1-باشلىقىنى ھەقىقىي ياخشى تاللاپ، كەنت دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىسىگە قابىللارنى سەپلەپ، ئىگىلىك تىكلەش، بېيىش باشلامچىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، يەرلىك مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى يۇرتىغا قايتىپ كەنت كادىرى بولۇشقا، يېڭىلىق يارىتىشقا ۋە ئىگىلىك تىكلەشكە جەلپ قىلىش كېرەك. ئېغىر نامرات كەنتلەرنىڭ 1-شۇجىلىقىغا، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىگە مۇنەۋۋەر، قابىللارنى تاللاپ سەپلەپ، ئۈچ يىلغىچە ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغىچە ئالاقىنى ئۈزمەسلىك كېرەك.

     ئالتىنچىدىن، سۇبيېكتنى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەشنى ئەقلىي جەھەتتىن يۆلەش، ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، نامرات ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، نامرات ئاممىنى ئىشلەپچىقىرىش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، نامرات ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئىشلەمچىلىك قىلىش، سودا قىلىش ئاساسىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. نامرات ئاممىغا ئەنئەنىۋى، قالاق قاراشنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، «كۈتۈپ تۇرۇش، تايىنىۋېلىش، تەلەپ قىلىش» ئىدىيەسىنى تۈگىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدىكى ئىلغار تىپلارنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ئاكتىپ كۈچنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىپ، ھەممە كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، مەدەت بېرىدىغان، قاتنىشىدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

     يىغىنغا شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن، پېڭ جيارۈي قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى