تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

كونا دوستلارنىڭ يېڭى ھېكايىسى

ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم، دىلنار ئەخمەت، پىراكتىكانت نىگارە پەرھات


      _ ئاڭلىدىڭلارمۇ؟ داڭلىق ئۇيغۇر رەسسام، خەتتات ئابدۇشۈكۈر كېرەم كۆك بىلەن داڭلىق خەنزۇ خەتتات ۋاڭ شيەنگو ئۇيغۇر خەتتاتلىقى بىلەن خەنزۇ خەتتاتلىقىنى ئۆزئارا كىرىشتۈرۈپ، ئەنئەنىدىن ھالقىغان يېڭى بىر خىل خەتتاتلىق شەكلىنى ئىجاد قىپتۇ، ئۇلار بۇ خىل ئۇسلۇبتا نۇرغۇن ھۆسنخەت ۋە مەسنەۋىلەرنى يېزىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپتۇ!   
     بۇ يىلقى چاغانغا ساناقلىق كۈنلەر قالغاندا، ئۈرۈمچىدىكى ھەر مىللەت كىشىلىرى ئارىسىدا تارقالغان بۇ خەۋەر بىزنىمۇ ئىختىيارسىز ئۆزىگە جەلپ قىلدى. خوش، ئۇنداقتا، ئابدۇشۈكۈر كېرەم كۆك زادى كىم؟ ۋاڭ شيەنگوچۇ؟ بۇ ئىككىيلەن ئىجاد قىلغان ئۇيغۇر خەتتاتلىقى بىلەن خەنزۇ خەتتاتلىقى ئۆزئارا كىرىشتۈرۈلگەن يېڭىچە خەتتاتلىق شەكلى زادى قانداق شەكىل؟! بىز مانا مۇشۇ بىر قاتار سوئاللارغا جاۋاب ئىزدەش مەقسىتىدە 2 – ئاينىڭ 11 – كۈنى ۋاڭ شيەنگونىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئائىلىلىكلەر قورۇسىدىكى ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى چەكتۇق. بىز ئۆيگە كىرگەندە بۇ ئىككى پېشقەدەم خەتتات ئۈستەل ئۈستىگە قىزىل، سېرىق، ئاق رەڭلىك ئۇزۇن، قىسقا قەغەزلەرنى يېيىۋېلىپ، قوللىرىدىكى موي قەلەمنى ھېلىدىن – ھېلىغا سىياھداندىكى قارا سىياھقا چىلاپ ھۆسنخەت يېزىۋاتقان ئىكەن. ئىككى سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشقان زىيارەت جەريانىدا بىز ئۇلارنىڭ قىسقىچە ھايات كەچمىشلىرى ۋە كونا – يېڭى دوستلۇقى توغرىسىدا نۇرغۇن ئۇچۇرغا ئىگە بولدۇق.
    بۇ يىل 69 ياشقا كىرگەن كۆپ قىرلىق سەنئەتكار ئابدۇشۈكۈر كېرەم كۆك شىنجاڭ رەسساملار ئاكادېمىيەسىنىڭ پېنسىيەگە چىققان كەسپىي رەسسامى، جۇڭگو رەسساملار ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەتلىك 1 – دەرىجىلىك رەسسام، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزدا بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە داڭلىق خەتتات، ئۇنىڭ ‹‹ئۇدۇم قالدۇرۇش››، ‹‹قومۇل كۆك مەشرىپى››، ‹‹چاق ئۇسسۇلى››، ‹‹كۆچەت ئۇسسۇلى››، ‹‹ھۈنەرۋەن››، ‹‹پامىرلىقلار››، ‹‹مېنىڭ ئائىلەم›› قاتارلىق ئەسەرلىرى مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرلۈك كۆرگەزمىلەرگە تاللانغان ھەمدە مەملىكەت ئىچى – سىرتىدىكى نوپۇزلۇق گېزىت – ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان. ئۇ 1995 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەردىن تۇنجى بولۇپ جۇڭگو گۈزەل سەنئەت سارىيىدا ماي بوياق رەسىم ئەسەرلىرى ۋە خەتتاتلىق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئاچقان. ‹‹ئايال خوجايىن››، ‹‹قىزىم›› قاتارلىق ماي بوياق رەسىملىرى جۇڭگو گۈزەل سەنئەت سارىيىدا ساقلاشقا ئېلىپ قېلىنغان. 2011 – يىلى ‹‹مېھرى ئاي ئانام›› ناملىق ھۆسنخەت ئەسىرى مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەش گۈزەل سەنئەت، ھۆسنخەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن.  
    بۇ يىل 70 ياشقا كىرگەن ۋاڭ شيەنگو شىنجاڭ مائارىپ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، جۇڭگو مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتى خەتتاتلىق مائارىپى كەسپى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى – سىرتىدا بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە داڭلىق خەتتات، ئۇنىڭ نۇرغۇن ھۆسنخەت ئەسەرلىرى مەملىكەت، ئاپتونوم رايون ۋە ئۈرۈمچى شەھىرى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرلۈك ھۆسنخەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىلىرىگە تاللانغان ھەمدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، بىر قىسىم نادىر ھۆسنخەت ئەسەرلىرى ئاپتونوم رايون ئىچى – سىرتىدىكى گېزىت – ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان. يەنە بىر قىسىم ئەسەرلىرىنى ياپونىيە، سىنگاپور، ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ھۆسنخەت ھەۋەسكارلىرى سېتىۋېلىپ ساقلىغان.
    ئابدۇشۈكۈركېرەم كۆك بىلەن ۋاڭ شيەنگو ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70 – يىللىرىدا تونۇشقان قەدىناس دوستلاردىن ئىدى. ئەلۋەتتە، بۇ ئىككىيلەننىڭ 40 نەچچە يىللىق دوستلۇق رىشتىسىنىڭ باغلىنىشىغا سەۋەبچى بولغىنى باشقا نەرسە ئەمەس، دەل ئۇلارنىڭ ئورتاق قىزىقىشى بولغان خەتتاتلىق سەنئىتى ئىدى. ئۇ چاغلاردا، ئابدۇشۈكۈر كېرەم كۆك سابىق قومۇل ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ كەسپىي خادىمى، ۋاڭ شيەنگو بولسا قومۇل پولات – تۆمۈر زاۋۇتىنىڭ ئىشچىسى ئىدى. ۋاڭ شيەنگونىڭ خەتتاتلىق سەنئىتىگە بولغان ئوتتەك ئىشتىياقى، گۈزەل سەنئەت خادىملىرىنى دوست تۇتۇشنى خالايدىغان ھەم بىلىملىك كىشىلەرنى ھۆرمەتلەيدىغان مىجەزى ئابدۇشۈكۈر كېرەم كۆككە ياراپ قالدى، ۋاڭ شيەنگومۇ ئابدۇشۈكۈر كېرەم كۆكنىڭ رەسساملىق ھەم خەتتاتلىق جەھەتتىكى ئىجادىي ئەمگەكلىرى ۋە ئۆزگىچە قاراشلىرىنى، كەمتەر ھەم كىچىك پېئىل مىجەزىنى ياقتۇراتتى. شۇنداق قىلىپ، ئورتاق قىزىقىش، ئورتاق نىشان ئەينى چاغدىكى بۇ ئىككى نەۋقىران يىگىتنى تېزلا قەدىناس دوستلارغا ئايلاندۇرغانىدى. كېيىنچە، بۇ ئىككىيلەن ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچىگە، يەنى ئابدۇشۈكۈر كېرەم كۆك شىنجاڭ رەسساملار ئاكادېمىيەسىگە، ۋاڭ شيەنگو ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىگە يۆتكىلىپ كەلدى. ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن، ئۇلار خىزمەت ئالدىراشچىلىقى سەۋەبىدىن بىر – بىرى بىلەن ئىلگىرىكىدەك پات – پات كۆرۈشۈپ تۇرالمايدىغان بولۇپ قالدى، ھەتتا، بىر مەھەل ئالاقىسى ئۈزۈلۈپمۇ قالدى. بىراق، قانداقلا بولمىسۇن، بۇ ئىككى قەدىناس ھەر ۋاقىت بىر – بىرىنى ئەسلەپ ھەم بىر – بىرىنىڭ ئىجادىي ئەمگەكلىرىگە دىققەت قىلىپ تۇرۇشتى. بۇ ئىككىيلەن 2008 – يىلى ۋە 2009 – يىلى ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، ئارىدا نەچچە يىللار ‹‹يوقىتىپ قويغان›› كونا دوستلۇقىنى قايتا تېپىۋالدى، بۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ باردى – كەلدىسى قومۇلدىكى چاغلاردىكىدىنمۇ بەكرەك قويۇقلىشىپ، پات – پات ئۇچرىشىپ، خەتتاتلىق توغرىسىدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرىدىغان، ھېيت – بايراملاردا بالا – چاقىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ بىر – بىرىنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ مېھمان بولۇشىدىغان ھەمدە ياشلىقتىكى قىزىقارلىق كەچمىشلىرىنى ئەسلىشىپ قىزغىن پاراڭغا چۈشىدىغان بولۇشتى. نەتىجىدە، ئۇلارنىڭ بىر – بىرىگە بولغان مېھىر – مۇھەببىتى كۈچىيىپ، دوستلۇق رىشتىسى تېخىمۇ مەھكەم باغلاندى.

     2015 – يىلى باھار ئايلىرىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى ۋاڭ شيەنگو ئابدۇشۈكۈر كېرەم كۆكنى ئىزدەپ كېلىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:
   - مەن يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان بىر ئىشنى ئويلاپ كېلىۋاتىمەن، بۇ ئىشنى ئىككىمىز بىرلىشىپ قىلساقمىكىن دەيمەن.
   - قايسى ئىشنى دەيسىز،  دەپ سورىدى ئابدۇشۈكۈر كېرەم كۆك ۋاڭ شيەنگودىن.
   - ھەر ئىككىمىز خەتتات، پەرقىمىز شۇكى، مەن خەنزۇ يېزىقىدا يازىمەن، سىز ئۇيغۇر يېزىقىدا يازىسىز. شۇڭا، مەن خەنزۇ ھۆسنخېتى بىلەن ئۇيغۇر ھۆسنخېتىنى كىرىشتۈرۈپ يېزىپ باقساقمىكىن دەپ ئويلايمەن. سىز كەسپىي جەھەتتە مەندىن كۆپ ئۈستۈن تۇرىسىز، سىزگە سېلىشتۇرغاندا، مەن ئىشتىن سىرتقى خەتتات ھېسابلىنىمەن، شۇڭا، بۇ ئىشتا سىزنىڭ پىكرىڭىزگە تولىمۇ موھتاجمەن،  دېدى ۋاڭ شيەنگو.
ۋاڭ شيەنگونىڭ سۆزىدىن كېيىن ئارىنى بىر مەھەل جىمجىتلىق باستى، ئابدۇشۈكۈر كېرەم كۆك دەماللىققا بىر نەرسە دېيەلمەي تۇرۇپ قالدى. دەرۋەقە بۇ چوڭقۇر ئويلىنىشقا تېگىشلىك بىر ئىش ئىدى، چۈنكى، ئوخشىمىغان ئىككى مىللەتنىڭ خەتتاتلىقىدا نۇرغۇن ئوخشىمايدىغان تەرەپلەر، بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىك بىر قاتار تېخنىكىلىق مەسىلىلەر بار ئىدى، بىر ئاز ئويلىنىشتىن كېيىن، ئابدۇشۈكۈر كېرەم كۆك ئاخىر بىر قارارغا كەلدى:
   - بولىدۇ، مېنىڭچە، بۇ ئىككى مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى تېزلىتىدىغان ۋە بۇ ئارقىلىق مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ياخشى ئىش ئىكەن، ئاۋۋال بىر سىناپ كۆرەيلى، ئۇچرىغان مەسىلىلەرنى ئەمەلىيەت جەريانىدا ھەل قىلساق بولىدۇ.
   شۇنىڭ بىلەن، بۇ ئىككى كونا دوست خەنزۇ ھۆسنخېتى بىلەن ئۇيغۇر ھۆسنخېتىنى ئۆزئارا كىرىشتۈرۈپ، ئەنئەنىدىن ھالقىغان يېڭى بىر خىل خەتتاتلىق شەكلىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈستىدىكى ئىزدىنىشلىرىنى باشلىۋەتتى. خۇددى لۇ شۈن ئەپەندى ‹‹زېمىندا ئەسلىي يول يوق ئىدى، ئادەملەر ماڭغاچقا يول پەيدا بولغان›› دەپ ئېيتقاندەك، ئۇلارنىڭ بۇ ئىزدىنىشلىرى نۇرغۇن قېتىملىق تەجرىبىلەردىن كېيىن ئاستا – ئاستا ئىزىغا چۈشۈپ، دەسلەپكى ئەمگەك مېۋىلىرى بارلىققا كېلىشكە باشلىدى. بۇ جەرياندا، بۇ ئىككىيلەنمۇ نۇرغۇن تەجرىبە – ساۋاقلارغا ئىگە بولدى.
     2015 – يىلى 9 – ئايدا، ئەينى چاغدىكى قومۇل ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ تەكلىپى ۋە قوللىشى بىلەن، ئىلگىرى قومۇلدا خىزمەت قىلغان ۋە قومۇلدا تۇرمۇش كەچۈرگەن ئابدۇشۈكۈر كېرەم كۆك، ۋاڭ شيەنگو قاتارلىق يەتتە پېشقەدەم رەسسام ۋە خەتتات بىرلىكتە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ‹‹يەتتە مويسىپىتنىڭ ماي بوياق، ھۆسنخەت، فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى››نى ئۆتكۈزدى. بۇ كۆرگەزمىگە ۋاڭ شيەنگو ئابدۇشۈكۈر كېرەم كۆك بىلەن بىللە يازغان يېڭىچە ھۆسنخەت ئەسىرىدىن ئون نەچچە پارچىنى قاتناشتۇردى، بۇ ئۆزگىچە ئىجادىيەت مېۋىلىرى شۇ قېتىملىق كۆرگەزمىنىڭ يارقىن نۇقتىسى بولۇپلا قالماي، ئۆز نۆۋىتىدە ئابدۇشۈكۈركېرەم كۆك بىلەن ۋاڭ شيەنگونىڭ كەسپىي ھەمكارلىقى ۋە دوستلۇقىدىكى ئابىدە خاراكتېرلىك بىر ئىش بولۇپ قالدى.
   ئابدۇشۈكۈر كېرەم كۆك ئۆزلىرىنىڭ خەنزۇ ھۆسنخېتى بىلەن ئۇيغۇر ھۆسنخېتىنى ئۆزئارا كىرىشتۈرۈشتىن ئالغان ھاسىلاتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
 مەلۇم بىر مىللەتنىڭ خەتتاتلىق سەنئىتىدىكى ئۆزىگە خاس ئىپادىلەش ئۇسلۇبىدىن ھالقىپ، يەنە بىر خىل ئۇسلۇبنى بارلىققا كەلتۈرۈش بىز ئويلىغاندىنمۇ بەكرەك قىيىن ئىش ئىكەن. بىز ئەمەلىيەت جەريانىدا، بۇ ئىككى مىللەتنىڭ خەتتاتلىقىنى ئۆزئارا كىرىشتۈرۈشنىڭ ئەنئەنىدىن ھالقىغان يېڭى بىر خىل خەتتاتلىق شەكلىنى ئىجاد قىلىشتا بەلگىلىك رولىنىڭ بارلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق، شۇنداقلا ئىجادىيەت جەريانىدا، خەنزۇچە ھۆسنخەتنى ئاساس قىلىپ يازغاندا، ئۇيغۇرچە ھۆسنخەتنى خەنزۇچە ھۆسنىخەتنىڭ بەدىئىيلىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇردۇق. ئوخشاشلا، ئۇيغۇرچە ھۆسنخەتنى ئاساس قىلىپ يازغاندا خەنزۇچە ھۆسنخەتنى ئۇيغۇرچە ھۆسنخەتنىڭ بەدىئىيلىكىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇردۇق، نەتىجىدە، بۇ خىل يېڭىچە ئۇسلۇبتا يېزىلغان ھۆسنخەتلىرىمىزدە ئابستراكتلىق ۋە بوشلۇق پەيدا بولۇپ، خۇددى سىزىلغان رەسىم ئەسەرلىرىدەك سەنئەتلىك تۇيغۇ ۋە ئۆزگىچە ئۈنۈم ھاسىل بولدى، بۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ يېڭىچە ھۆسنخەت ئەسەرلىرىمىزنىڭ بەدىئىيلىكى بارغانچە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.
   ۋاڭ شيەنگو بىزگە مۇنداق دېدى:  بىز ئۇيغۇر خەتتاتلىقى بىلەن خەنزۇ خەتتاتلىقى ئۆزئارا كىرىشتۈرۈلگەن يېڭىچە ھۆسنخەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىشتا، ئەڭ ئاۋۋال پارتىيەمىزنىڭ نۆۋەتتىكى فاڭجېن – سىياسەتلىرىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەشۋىق قىلىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويدۇق، ئۇنىڭدىن باشقا، ھازىرقى ۋەزىيەت ۋە سىياسەتكە ماس كېلىدىغان ماقال – تەمسىل، ئەقلىيە سۆزلەرنى يېزىشقىمۇ ئەھمىيەت بەردۇق. يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيان، بىز چاغان مۇناسىۋىتى بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلققە بەخت – ئامەت تىلەش ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېجىل – ئىناق تۇرمۇشىنى كۈيلەشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان چاغانلىق مەسنەۋى يېزىشنى باشلىۋەتتۇق ھەم يېنىمىزدىن 10 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ، چاغانلىق مەسنەۋىدىن 4000 پارچە باستۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلققە ھەقسىز تارقىتىپ بەردۇق، يېڭىچە ئۇسلۇبتا يېزىلغان بۇ مەسنەۋىلەر ھەر مىللەت كىشىلىرىمىزنىڭ ياقتۇرۇشىغا ۋە ماختىشىغا سازاۋەر بولدى.
     ياشانغاندا ياشارغان بۇ بىر جۈپ پېشقەدەم خەتتات، كونا دوستلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى يېڭى ھېكايىلىرى، بولۇپمۇ مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە بۇ ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش يولىدا باسقان ئەھمىيەتلىك قەدەملىرى بىزگە كۈچلۈك تەسىر قىلدى، بىز چىن دىلىمىزدىن ئۇلارنىڭ ئىجادىي ئەمگەكلىرىگە تېخىمۇ مول مېۋە ۋە تېنىگە سالامەتلىك تىلىدۇق!
 

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇتەللىپ ئابدۇقادىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى