تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

پەرىدە ئارزۇسىغا يەتتى

مۇيەسسەر ئاباھامىت، يۈچياڭفۇ، لۇۋېيچۈن


     2– ئاينىڭ 4 – كۈنى، پەرىدە توختىنىياز ئۆزىنىڭ قايتىدىن مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇيدىغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندا، ئىختىيارسىز كۆز يېشى قىلدى، چۈنكى ئۇ ئاخىر ئۇزاق يىللىق ئوقۇش ئارزۇسىغا يەتكەنىدى.
    پەرىدە توختىنىياز ئىككى يىل بۇرۇن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندە ئۆرلەپ ئوقۇش ئارزۇسى بولسىمۇ، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئوقۇيالماي قالغانىدى، ئۇ ھازىر تۇرپان شەھىرىدىكى مەلۇم بىر تاللا بازىرىدا ئىشلەپ، ئايدا 1500 يۈەن ئىش ھەققى ئېلىۋاتاتتى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇنىڭ كۆڭلى يەنىلا يېرىم ئىدى، چۈنكى ئۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندە ئىچكىرى ئۆلكىدىكى كەسىپ – تېخنىكا مەكتىپىدىن چاقىرىق كەلگەن بولسىمۇ، ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنى ئوقۇشقا ئەۋەتمىگەنىدى. بۇ يىل تەتىلدە ئۇنىڭ كۆڭلى تېخىمۇ يېرىم بولدى. ئۇنىڭ ئوقۇشقا كەتكەن ساۋاقداشلىرى تەتىلدە قايتىپ كېلىپ، ئىچكىرى ئۆلكىدىكى تەرەققىيات – ئۆزگىرىشلەرنى، ھازىرقى ئەۋزەل ئوقۇش شارائىتىنى تىلغا ئېلىشىپ، پەرىدەنىڭ ئىچىنى تېخىمۇ ئاچچىق قىلدى. ئۇ ساۋاقداشلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ بىتەلەيلىكىگە تېخىمۇ ئېچىندى.
    1– ئاينىڭ 20 – كۈنى، تۇرپاندا ئوقۇغۇچىلار تەتىلگە قويۇۋېتىلگەندىن كېيىن، ئوقۇتقۇچىلار ئائىلە زىيارىتىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. يار بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى رىشات مەڭسۇر بىلەن ئامىنىگۈل شەمشى يار بازىرىنىڭ تاغ تۈۋى كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ ئۆيىگە ئائىلە زىيارىتىگە كەلدى. ئۇلار بۇ بىرنەچچە كۈندە ھاجىخان كىبىرنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ، بۇ ئائىلىدىكىلەر بىلەن تاماقتا، يېتىپ – قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولدى. بۇ جەرياندا ھاجىخان كىبىرنىڭ دائىم نېمىگىدۇر ئۇھسىنىپ، كۆز ياشلىرىنى سۈرتىدىغانلىقى ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ئامىنىگۈل شەمشى بۇ ئايالنىڭ ئېيتالمايۋاتقان بىر دەردىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇلار نەچچە كۈن بىللە تۇرۇپ خۇددى بىر تۇغقان ئاچا – سىڭىللاردەك چىقىشىپ كەتكەنىدى. ئامىنىگۈل سەۋرچانلىق بىلەن ئەھۋال ئىگىلەش ئارقىلىق ھاجىخان كىبىرنىڭ ئىككى يىل ئىلگىرى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، ئىچكىرى ئۆلكىدىكى كەسىپ – تېخنىكا مەكتىپىدىن چاقىرىق كەلگەن قىزى پەرىدە توختىنىيازنى مەكتەپكە ئەۋەتمىگەنلىكىگە تولىمۇ پۇشايمان قىلىدىغانلىقىنى بىلدى. ھاجىخان كىبىر ئەسلىدە قىزىنى بالدۇرراق خىزمەتكە چىقسۇن، دەپ مەكتەپكە ئەۋەتمىگەنىدى. كۆزنى يۇمۇپ – ئاچقۇچە ئىككى يىل ئۆتتى، پەرىدە توختىنىيازنىڭ ئوقۇش ئارزۇسى كۈچلۈك ئىدى، ئوقۇۋاتقان ساۋاقداشلىرىنى كۆرسىلا كۆڭلى يېرىم بولاتتى. يېقىندىن بۇيان، ئۇ باشقىلارغا تۈزۈك گەپمۇ قىلمايدىغان بولۇپ قېلىپ، كۈندىن – كۈنگە جىمغۇرلىشىپ كەتتى. قىزىنىڭ بۇ ھالىنى كۆرگەن ھاجىخان كىبىرنىڭ ئىچى سىقىلىپ، پۇشايماننى ئالىدىغانغا قاچا تاپالماي قالدى.
      - ئۆز ۋاقتىدا نېمە دەپ بۇرنۇمنىڭ ئۇچىنىلا كۆرگەن بولغىيتتىم، قىزىمنى ھايات چېغىمىزدا ئوقۇتۇپ، نېنىنى پۈتۈن قىلىپ قويمىغىنىمغا بەك پۇشايمان قىلىمەن،  دەپ ئۇھسىندى ھاجىخان ئانا.
     بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى ئىگىلىگەن ئامىنىگۈل شەمشى بىلەن رىشات مەڭسۇر توردىن ئاپتونوم رايونىمىز ۋە تۇرپان شەھىرىنىڭ مائارىپ ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشكە ئالاقىدار سىياسەتلىرىنى ئىگىلىدى. ئۇلار ئالاقىدار سىياسەتلەر بويىچە پەرىدەنى ئوقۇش ئارزۇسىغا يەتكۈزگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئەھۋالنى يار بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئەنۋەر روزىغا ئېيتتى، ئەنۋەر روزى دەرھال مۇۋاپىق بىرەر كەسىپ  – تېخنىكا مەكتىپى بىلەن ئالاقىلىشىپ، پەرىدەنى قايتىدىن مەكتەپ قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن، پەرىدە ئوقۇش ئارزۇسىغا يېتىدىغان، ھاجىخان كىبىرنىڭ يۈرەك يارىسىمۇ ساقىيىدىغان بولدى.
    تۇرپان شەھىرىدە قىشلىق تەتىلدە قانات يايدۇرۇلغان ‹‹ئوقۇتقۇچىلار ئائىلە زىيارىتى›› پائالىيىتى ناھايىتى مول مەزمۇنلۇق بولدى، ئوقۇتقۇچىلار ئائىلە زىيارىتى جەريانىدا، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى، ئاتا – ئانىلارنىڭ تەلىم – تەربىيە قارىشى ۋە ئائىلە شارائىتىغا ئاساسەن، بالىلارغا قانداق ياردەم قىلىش توغرىسىدا پىلان تۈزۈپ، شۇ بويىچە خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا – ئانىلارغا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى، پارتىيەنىڭ فاڭجېن  – سىياسەتلىرىنى يەتكۈزدى. قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم قىلىپ، قېرى، ئاجىز، مېيىپ كىشىلەرنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ، ئۇلارغا پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇردى. بۇ جەرياندا ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا – ئانىلار ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىش تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى مائارىپ خىزمىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆرۈنەرلىك ئۇل سېلىندى.
     ھاجىخان كىبىرنىڭ ئۆيىدە تۇرۇۋاتقىنىغا 15 كۈنچە بولغان ئامىنىگۈل شەمشى بىلەن رىشات مەڭسۇر مۇنداق دېدى: بىز ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈش جەريانىدا زىيارەت قىلغان ئائىلىلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسلەرگە يېتىشەلمەسلىكىنىڭ سەۋەبلىرىنى تېپىپ چىقتۇق ھەم ئاتا – ئانىلارغا بالىلارغا قانداق يېتەكچىلىك قىلىش توغرىسىدا مەسلىھەت  – تەربىيە بېرىپ، ئاتا – ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ياخشى ئوقۇتۇش ئىشەنچىسىنى ئاشۇردۇق.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇتەللىپ ئابدۇقادىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى