تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

گۇچۇڭ بازىرىدا چاغان شادلىقى

مېھرىگۈل ناسىر، ليۇخۇڭ، ياۋگاڭ


     گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ گۇچۇڭ بازىرى ‹‹لىخۇاجەن›› مەھەللىسىگە كەلگىنىمىزدە، يىراقتىنلا ئاڭلانغان ‹‹چۈمبىلىڭنى ئېچىۋەت›› دېگەن ناخشا بىزنى ئۆزىگە رام قىلىۋالدى، ئەسلىدە مۇشۇ تەۋەلىكتىكى تەتىلدە قايتىپ كەلگەن ئىستۇدېنتلار ‹‹<لىخۇاجەن> مەھەللىسىنىڭ 2018 – يىللىق چاغاننى كۈتۈۋېلىش بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى››دە نومۇر كۆرسىتىۋاتقان ئىكەن. زالغا مەھەللىدىكى ھەر مىللەت ئامما يىغىلغان، ئۈستەلگە ئاپېلسىن، گازىر – پۇرچاق، كەمپۈت قاتارلىقلار تىزىلغانىدى. مەھەللىدىكىلەر پىشۇرۇقلارغا ئېغىز تەگكەچ، ئېسىل نومۇرلاردىن ھۇزۇرلىنىۋاتاتتى. ھەربىر نومۇر ئاخىرلاشقاندا كۆپچىلىكنىڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئەۋجگە چىقاتتى. فېۋرالنىڭ سۆڭەكتىن ئۆتكۈدەك سوغۇقى بۇ يەردىكىلەرنىڭ قىزغىن كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتەلمىگەنىدى...
     2– ئاينىڭ 8 – كۈنى بىز گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ گۇچۇڭ بازىرى ‹‹لىخۇاجەن›› مەھەللىسىگە باردۇق. ‹‹لىخۇاجەن›› مەھەللىسىدە 73 ئىستۇدېنت بار ئىكەن، ئۇلار بۇ يىل قىشلىق تەتىلدە يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن ئاكتىپلىق بىلەن دۆلەت بايرىقى چىقىرىش، لېكسىيە سۆزلەش، پىدائىيلىق مۇلازىمىتى ۋە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپتۇ. ئۇلارنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە تەييارلىغان بىرنەچچە نومۇرى كۆپچىلىكنىڭ ياقتۇرۇشىغا ۋە قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپتۇ.
    __ دۆلەت ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى، ئەتراپىمدىكى نۇرغۇن بالىلار ئىچكىرىدە ئوقۇيدۇ. ئىستۇدېنت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۈگۈنكى بەختىيار كۈنلەرنى قەدىرلىشىمىز كېرەك. مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ، يۇرتۇمنىڭ تەرەققىياتىغا بىر كىشىلىك ھەسسە قوشىمەن،  دېدى نومۇر ئورۇنلىغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان مەدىنە ئابدۇللا. ئۇ ھازىر غەربىي شىمال نېفىت ئىنستىتۇتىنىڭ نېفىت خىمىيە كەسپى 4 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئىكەن، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى تيەنجىن چۇڭۋېن ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇغان ئىكەن.
     كۆپچىلىكنىڭ گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى زىيارىتىمىزنى بۆلۈۋەتتى. مۇشۇ مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ مەدەنىيەت قابىلى ئادىل غۇلام ئورۇنلىغان ‹‹رەئىس ماۋ زېدۇڭنى كۈيلەيمەن›› دېگەن ناخشا سورۇن كەيپىياتىنى يەنە ئەۋجگە كۆتۈرگەنىدى.
    __ مەن ئىلگىرى گۇچۇڭ ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتىدا ئىشلىگەن، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن بىكار ئولتۇرماي، 30 نەچچە ئادەمنى باشلاپ جاي – جايلارغا بېرىپ ئاممىۋى ئويۇن قويۇش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللىدىم، ياشلارغا ساز چېلىشنى ئۆگەتتىم، بىزنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىز تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ۋارىسلىق قىلىشىغا موھتاج،  دېدى ئادىل غۇلام. ئۇ بۇ يىل 67 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، قارىماققا خېلى تېتىك كۆرۈنەتتى.
     بۈگۈنكى پائالىيەتكە مۇشۇ مەھەللىدىكى ئابلىز شېرىپمۇ نومۇر ئەكەلگەنىدى، بۇ يىل 70 ياشقا كىرگەن ئابلىز شېرىپ كارخانىدىن پېنسىيەگە چىققان ئىكەن. ئۇ خەنزۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن ئۇزاق يىل بىللە ئىشلىگەچكە، دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقىغا پىششىق ئىكەن ھەم ‹‹سۆيىمەن سېنى جۇڭگو››، ‹‹مەدھىيە ناخشىسىنى سۆيۈملۈك پارتىيەمگە بېغىشلايمەن›› قاتارلىق 50 نەچچە خەنزۇچە ناخشىنى ياخشى ئېيتالايدىكەن، ئۇنىڭدىن سىرت، ئۇ يەنە ئېتۇت ئورۇنلايدىكەن، ‹‹كۈەيبەر›› چېلىپ ناخشا ئېيتالايدىكەن، مەھەللە ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتلەرگە دائىم قاتنىشىدىكەن.
    __ ھازىر تۇرمۇشىمىز ياخشىلاندى، ئامما رەڭدار، مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە موھتاج. مەن تەكلىپ بىلەن بەزى ئەدەبىيات – سەنئەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ تۇرىمەن، بۇنىڭدىن ئۆزۈممۇ خۇش، باشقىلارغىمۇ خۇشاللىق ئېلىپ كېلەلەيمەن،  دېدى ئابلىز شېرىپ.
    نومۇرلار بىر – بىرىدىن سەرخىل بولۇپ، ئاممىنىڭ كەيپىياتى تولىمۇ يۇقىرى ئىدى، ئاخىرىدا ھەر مىللەت كادىر، ئامما بىر مەيدان شادىيانە مەشرەپكە چۈشۈپ، پائالىيەتنى ئاخىرلاشتۇردى.
     ‹‹لىخۇاجەن›› مەھەللىسى سەككىز مىللەتتىن بولغان ئاھالە ئولتۇراقلاشقان كۆپ مىللەتلىك مەھەللە ئىكەن، مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى مېھرىبان غەيرەت بىزگە مۇنداق دېدى: ‹‹لىخۇاجەن›› مەھەللىمىز بازارلىق پارتكومنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە باش نىشاننى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلىدى. بىز قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتى پارتىيە باش ياچېيكىسى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ جاپالىق تىرىشىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. بىز بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىنى مۇجەسسەملەيمىز.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : mutallip

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى