تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4–قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئېچىلدى

 يىغىندا 13–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1–يىغىنىغا قاتنىشىدىغان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى ئەھۋالى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى


    جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 – يىغىنى 3 – ئاينىڭ 5 – كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 2 – ئاينىڭ 14 – كۈنى چۈشتىن كېيىن 4 – قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئېچىپ، 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 – يىغىنىغا قاتنىشىدىغان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى ئەھۋالىنى ئاڭلاپ ئۆتتى، مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
   يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 – يىغىنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدىن كېيىن ئېچىلىدىغان تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى بولۇپ، زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز كۈچلۈك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى، جىددىي، ئەستايىدىل پوزىتسىيە، ناھايىتى ئېھتىياتچان، ئىنچىكە خىزمەت ئىستىلى بىلەن تۈرلۈك تەييارلىق ۋە مۇلازىمەت، كاپالەت خىزمەتلىرىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى ئىشلەپ، يىغىنغا ئالاقىدار خىزمەتلەرنىڭ تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.
    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپتە چىڭ تۇرۇپ، بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇقاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يىغىنغا ئالاقىدار خىزمەتلەرنىڭ تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، مۇلازىمەت قىلىش، ماسلىشىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىش تەقسىماتىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش؛ شەكىل ۋە ئۇسۇلنى ياخشىلاپ، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ياخشى شارائىت يارىتىش؛ يىغىن ئىستىلى ۋە يىغىن ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلەش كېرەك.
    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن لى شۆجۈن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، دۇڭ شىنگۇاڭ، گۈلشات ئابدۇقادىر، مانەن زەينەل، سۇ يۆ يىغىنغا قاتناشتى.   
 

مەسئۇل مۇھەررىر : mutallip

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى