تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

نۇرلان ئەبىلمەجىن قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق مەلۇم قىسىمىدىكى ئوفىتسېر–ئەسكەرلەردىن ھال سورىدى


     لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن 2 – ئاينىڭ 14 – كۈنى چۈشتىن كېيىن قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق مەلۇم قىسىمىدىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، ئۇلارغا بايراملىق سالام يوللىدى ۋە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى، ئۇلار بىلەن ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ بېلىق بىلەن سۇدەك يېقىن مۇناسىۋىتى توغرىسىدا پاراڭلاشتى.
نۇرلان ئەبىلمەجىن ھال سوراش داۋامىدا قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرى بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ھەم ئۇلارغا بايراملىق سالام يوللىدى. ئۇ ئوتتۇرا ئەترەت ئاشخانىسىغا كېلىپ، يېقىنقى مەزگىلدىكى تاماق ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى، ئوتتۇرا ئەترەت كادىرلىرىغا بايرام مەزگىلىدە تاماقنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەسكەرلەرنىڭ چاغاننى خۇشال – خۇرام، خەيرلىك ئۆتكۈزۈشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىشنى تاپىلىدى. ئارقىدىن نۇرلان ئەبىلمەجىن دىجورنىلىق ئىشخانىسىغا كىرىپ، دىجورنىلىق قىلىش، ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا تەييارلىق قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ يەنە تەنتەربىيە پائالىيەت ئۆيى، ئۆگىنىش ئۆيىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، قىسىمنىڭ ھەربىي مەشىقنى ياخشى تۇتۇش بىلەن بىللە، ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، قەتئىي ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق ئەسكەرلەرنىڭ كاللىسىنى قوراللاندۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى.
    نۇرلان ئەبىلمەجىن ئەسكەرلەر ئۆگىنىش ئۆيىدە ئەسكەرلەر بىلەن پاراڭلىشىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەن يېڭى ئەسكەرلەردىن شىنجاڭنىڭ ھاۋاسى، مۇھىتى، قىسىمنىڭ تۇرمۇشىغا ماسلىشالىغان – ماسلىشالمىغانلىقىنى سورىدى. ئۇ يەنە ئەسكەرلەرگە چاغاندا ئائىلىسىدىكىلىرى بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىپ، تىنچ – ئامان ئىكەنلىكىنى دەپ قويۇشنى ھەم ئەسكەرلەرنىڭ تۇغقانلىرىغا ئۆزىنىڭ چاغانلىق سالىمىنى يوللاپ قويۇشىنى تاپىلىدى.                    
نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتقا مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا قەتئىي مەركەزلەشتۈرۈپ، فۇنكسىيەسىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ قەلبى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇھىم تۆھپە قوشتى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىنى قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق مەلۇم قىسىمىدىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرنىڭ جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. يېڭى بىر يىلدا قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق مەلۇم قىسىمىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قىسىمنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قوماندانلىقىغا باشتىن – ئاخىر بويسۇنۇپ، رەئىس شى جىنپىڭ ئالدىدا مەسئۇل بولۇپ، رەئىس شى جىنپىڭنى خاتىرجەم قىلىپ، چاقىرغان ھامان كېلەلەيدىغان، كەلگەن ھامان جەڭ قىلالايدىغان، جەڭ قىلغان ھامان غەلىبە قىلالايدىغان سەرخىل قوشۇننى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلالايدىغان، ئىستىلى ياخشى، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قىسىم قۇرۇپ چىقىپ، چېگرا رايوننى قوغداش، دۆلەت مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش، مۇقىملىقنى قوغداش پولات ئىستىھكامىنى مۇستەھكەملىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرنىڭ تۇرۇشلۇق جايىنى يۇرتى، ئاممىنى تۇغقىنى دەپ بىلىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ئىشلىرىغا پائال يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
    نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنى تۇرۇشلۇق قىسىمغا ئىلگىرىكىدەكلا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇنى قوللاپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىك ‹‹بىر تاختا شاھمات›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ، قىسىم ۋە ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرنى غەمدىن خالاس قىلىپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ بېلىق بىلەن سۇدەك يېقىن مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىدۇ.
    ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چېڭ جېنشەن، مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە باش كاتىپى جاڭ بو ھال سوراشتا بىللە بولدى.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : mutallip

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى