تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك

شى جىنپىڭ نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك
 

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چېڭدۇ، 2–ئاينىڭ 14–كۈنى تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 2–ئاينىڭ 12–كۈنى سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ چېڭدۇ شەھىرىدە نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى ھەم بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىش تەدبىرىنى مەركەزلىك مۇھاكىمە قىلدى. شى جىنپىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان كادىرلار ۋە ئېغىر نامرات رايونلاردىكى ھەر مىللەت ئاممىغا چاغانلىق گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى.
   شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىش پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ بىرى، ئۆز قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش پارتىيەمىزنىڭ بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يېتىشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە دۇچ كېلىدىغان ۋەزىپىلەرنىڭ مۈشكۈللۈكى، ئەمەلىيەت داۋامىدا ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇش ۋە ئىگىلەش، بوشاڭلىق قىلماي، توختاپ قالماي، بىخۇدلۇق قىلماي، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
   ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.
   شى جىنپىڭ سىچۈەندە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەن مەزگىلدە بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىنى ئاچتى. سۆھبەت يىغىنىغا سىچۈەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ دۇڭمىڭ، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى پېڭ چىڭخۇا، گۈيجۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى سۈن جىگاڭ، يۈننەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن خاۋ، شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋۇ يىڭجيې، گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لىن دو، چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ گوشېڭ، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى شى تەيفېڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو قاتناشتى ھەم يازما سۆز بىلەن تەمىنلىدى؛ شىزاڭ ئاپتونوم رايونى چاڭدۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ئابۇ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى نىڭپىڭ، يۈننەن ئۆلكىسى جاۋتۇڭ شەھىرى جېنشيۇڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جەي يۈلۇڭ، چىڭخەي ئۆلكىسى خۇاڭنەن ئوبلاستى خېنەن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى خەن خۇا، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى چۇڭزۇ شەھىرى لۇڭجۇ ناھىيەسى جىنلۇڭ بازارلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى لى فېڭ، گۈيجۇ ئۆلكىسى چيەننەن ئوبلاستى فۇچۈەن شەھىرى شيەنچياۋ يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى ياڭ شىجياڭ، سىچۈەن ئۆلكىسى گۇاڭيۈەن شەھىرى ساڭشى ناھىيەسى بەييى بازىرى شيۇيۈن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى جۈن، گەنسۇ ئۆلكىسى تيەنشۈي شەھىرى چىڭشۈي ناھىيەسى تۇمېن بازىرى لياڭسەن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى فېڭ شياۋمىڭ، ج خ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى، گۈيجۇ ئۆلكىسى چيەنشىنەن ئوبلاستى شىڭرېن ناھىيەسى شىنلۇڭچاڭ بازىرى مىنيۈ كەنتىنىڭ 1–شۇجىسى چېڭ شيەنچېن، فۇجيەن ئۆلكىسى فۇجۇ شەھىرى مىنخۇ ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى گۇيۈەن شەھىرى لوڭدې ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ھاكىم فەن شۆشۇاڭ سۆز قىلدى. ئۇلار نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئەھۋالىنى ئوخشىمىغان نۇقتا ۋە قاتلامدىن تونۇشتۇردى، خىزمەت تەسىراتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىش توغرىسىدا پىكىر ۋە تەكلىپ بەردى. شى جىنپىڭ ئارىلاپ ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرىلەشتى.
   شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش تەلىپىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش–ئېچىش خىزمىتىنى ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، بۇنى بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يېتىشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپە قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ سالمىقى زور، كۆلىمى كەڭ، تەسىرى چوڭقۇر، مىسلىسىز بولۇپ، ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى.
   شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز پارتىيەنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ھەركىم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان، ھەركىم ئۆز ئىشىنى ئوبدان قىلىدىغان مەسئۇلىيەت سىستېمىسى، نامراتلارنى دەل جايىدا پەرقلەندۈرىدىغان، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرىدىغان خىزمەت سىستېمىسى، يۇقىرى–تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولىدىغان، بىرلىككە كەلگەن ماس سىياسەت سىستېمىسى، مەبلەغقە كاپالەتلىك قىلىدىغان، ئادەم كۈچىنى كۈچەيتىدىغان سېلىنما سىستېمىسى، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرىدىغان، ھەربىر كەنت، ھەربىر ئائىلە، ھەربىر كىشىگە قاراپ سىياسەت يۈرگۈزىدىغان يۆلەش سىستېمىسى، ئومۇميۈزلۈك قاتنىشىدىغان، بىرلىكتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىدىغان ئىجتىمائىي سەپەرۋەرلىك سىستېمىسى، كۆپ يوللۇق، كۆپ تەرەپلىمە نازارەتچىلىك سىستېمىسى ۋە ئەڭ قاتتىق تەكشۈرۈپ باھالاش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تۈزۈم سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىپ، دۇنيانىڭ نامراتلىقنى ئازايتىش ئىشلىرىغا جۇڭگو ئەقىل–پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسىنى تەقدىم قىلدۇق.
   شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە نۇرغۇن قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلىدۇق. بىرىنچى، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، تەشكىلىي كاپالەتنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا 1–باشلىق مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈردۇق، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە، يېزا، كەنت بەش دەرىجىلىك شۇجىلار بىرلىكتە تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلدۇق. ئىككىنچى، دەل جايىدا بولۇش تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، كىمنى يۆلەش، كىم يۆلەش، قانداق يۆلەش، نامراتلىقنى قانداق تۈگىتىش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا، تۈپ يىلتىزىدىن يۆلىدۇق. ئۈچىنچى، سالماقنى ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەبلەغ جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت سېلىنمىسىنىڭ سۇبيېكتلىق ۋە يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي مەبلەغنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كەڭ دائىرىدە قاتنىشىشقا جەلپ قىلدۇق. تۆتىنچى، جەمئىيەتتىكىلەرنى سەپەرۋەر قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ھۆكۈمەت بىلەن جەمئىيەت كۈچىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا پۈتكۈل جەمئىيەت قاتنىشىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردۇق. بەشىنچى، قاتتىق بولۇش تەلىپىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي جەريانى ۋە ھەرقايسى ھالقىسىغا سىڭدۈرۈپ، يۆلەش خىزمىتىنىڭ پۇختا بولۇشىغا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنىڭ ھەقىقىي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈنۈمىنى ئەمەلىيەت ۋە تارىخنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قىلدۇق. ئالتىنچى، ئاممىنى سۇبيېكت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، نامرات ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا خەلقنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى تايانچ قىلدۇق. بۇ تەجرىبىلەر ناھايىتى قىممەتلىك، ئۇنىڭدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇشىمىز ھەم ئۇنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز ۋە راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك.
   شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىق ۋە خىرىس ھېلىھەم ناھايىتى زور، ھەل قىلىشقا تېگىشلىك گەۋدىلىك مەسىلىلەر ھېلىھەم ئاز ئەمەس. بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ يىلدا 30 نەچچە مىليون كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا بېسىم ۋە قىيىنچىلىق كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئاخىرىغا بارغانچە تېخىمۇ زور قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىمىز. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىدە شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق، ساختىپەزلىك، ئالدىراڭغۇلۇق ۋە بىزارلىق كەيپىياتى، شۇنىڭدەك پاسسىپلىق، چىرىكلىشىش ئەھۋالى ھېلىھەم مەۋجۇت، بەزى ئەھۋاللار ئېغىر دەرىجىدە ساقلانماقتا. ئىشلار ئاخىرىغا بارغانسېرى قىيىنلىشىدۇ. جەزمەن تېخىمۇ زور غەيرەت بىلەن داۋاملىق جەڭ قىلىش ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر خىل قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇلارنى يېڭىش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك.

   شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى قىلىشتا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى 1–ئورۇنغا قويۇشىمىز، دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ تۆۋەندىكى سەككىز تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى:

   بىرىنچى، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرى، بولۇپمۇ 1–باشلىقلار يۈكسەك تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئۆزى تۇتۇشى كېرەك. نامرات ناھىيەلەردىكى پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك، 1–باشلىق 1–مەسئۇل كىشى بولۇپ، ئاساسلىق زېھنىي كۈچىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا قارىتىشى كېرەك. مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ ھەرىكەت پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىپ تۈزۈپ، ئۈچ يىللىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى ۋە يول خەرىتىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىشنى يۆنىلىشكە ئىگە قىلىشى كېرەك.

   ئىككىنچى، نىشان ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. 2020–يىلىغا بارغاندا ھازىرقى ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئېغىر نامراتلىقنى تۈگىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش؛ نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، رايون خاراكتېرلىك ئومۇميۈزلۈك نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نامرات ئاھالىلەرنى ‹‹ئىككىدىن خالاس قىلىش، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش››نى مۇقىم ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامرات رايونلارنىڭ ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى ساھەسىدىكى ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەرنى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يېقىنلاشتۇرۇش كېرەك. ئۆلچەمنى تۆۋەنلىتىپ، سۈپەتكە تەسىر يەتكۈزمەسلىك، شۇنداقلا ئۆلچەمنى يۇقىرىلىتىپ، چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك كېرەك.

   ئۈچىنچى، تۈزۈلمە–مېخانىزمنى كۈچەيتىش كېرەك. مەركەز بىرتۇتاش پىلانلاش، ئۆلكىلەر باش مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش، شەھەر، ناھىيەلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتەك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. مەركەز بىرتۇتاش پىلانلاش  يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى ياخشى ئىشلەپ، سىياسەت، مەبلەغ قاتارلىق جەھەتلەردە يەرلىككە شارائىت يارىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈنۈمىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش دېگەنلىك. ئۆلكىلەر باش مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش  يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى بىر–بىرىگە باغلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم سىياسەت، فاڭجېنلىرىنى يولغا قويۇش لايىھەسىگە ئۆزگەرتىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش دېگەنلىك. شەھەر، ناھىيەلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش، شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار سىياسەت، تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يىلتىز تارتقۇزۇش دېگەنلىك. تەكشۈرۈپ باھالاش مېخانىزمىنى ياخشىلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۇنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

   تۆتىنچى، دەل جايىدا بولۇشنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، كارتا بېجىرىشنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلارنى كەسىپ ئارقىلىق يۆلەش، كۆچۈرۈپ يۆلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق يۆلەش، خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش، مائارىپ ئارقىلىق يۆلەش، ساغلاملىق ئارقىلىق يۆلەش، ئېكولوگىيە ئارقىلىق يۆلەش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. 

   بەشىنچى، مەبلەغ باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نامراتلارنى ئاشكارا، پاك بولۇش ئاساسىدا يۆلەش كېرەك. سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش سېلىنمىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى نىشان–ۋەزىپىلەر بىلەن ماسلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەبلەغنى بىرىكتۈرۈشنى كۈچەيتىش، مەبلەغ بىكار تۇرۇپ قېلىش ۋە مەبلەغدە زىيان تارتىش، ئىسراپ بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئېلان قىلىش، ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيەلەرنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى تەقسىملەش نەتىجىسىنى بىردەك ئاشكارىلاش، يېزا، كەنت دەرىجىلىك نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە مەبلەغ ئىشلىتىش ئەھۋالىنى بىردەك ئېلان قىلىش، ئاشكارىلاش، ئامما ۋە جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ساھەسىدىكى چىرىكلىك مەسىلىلىرىدىن بىرى بايقالسا، بىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش، قەتئىي يۈز–خاتىر قىلماسلىق كېرەك.

   ئالتىنچى، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 2018–يىلىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىستىل قۇرۇلۇشى يىلى قىلىشنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇردى. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ساھەسىدىكى ‹‹تۆت ئاڭ›› كۈچلۈك بولماسلىق، مەسئۇلىيەتنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك، خىزمەت تەدبىرى دەل جايىدا بولماسلىق، مەبلەغ باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىش قېلىپلاشماسلىق، خىزمەت ئىستىلى پۇختا بولماسلىق، تەكشۈرۈپ باھالاش قاتتىق بولماسلىق قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تۈزۈم قەپىسىنى پۇختىلاش كېرەك.

   يەتتىنچى، كادىرلارنى نۆۋەت بىلەن تەربىيەلەشنى تەشكىللەش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىش ئادەمگە، ئادەمنىڭ قارىشى، ئىقتىدارى، غەيرىتىگە باغلىق. ھەر دەرىجىلىك نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرىنىڭ ئۆگىنىش، تەربىيەلىنىشىنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇش كېرەك. ھاكىم دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارغا نىسبەتەن، نۇقتىلىق ھالدا ئۇلارنىڭ ئىدىيەۋى تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنى توغرا نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، ئۇلارغا نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش مېتودولوگىيەسىنى ئىگىلىتىپ، ئۇلارنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا نىسبەتەن، نۇقتىلىق ھالدا ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەشنى بىلىدىغان، نامراتلارنى يۆلەشكە ياردەم بېرەلەيدىغان، ئىستىلى ياخشى بولغان نامراتلارنى يۆلەش كادىرلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە يېزىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قاتنىشىشقا جەلپ قىلىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

   سەككىزىنچى، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئۇرغۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. نامرات ئامما نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئوبيېكتى، شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىشنىڭ سۇبيېكتى. نامراتلارنى يۆلەشنى ئىرادە، ئەقلىي جەھەتتىن يۆلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، نامرات ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۇلارنى ئۆز تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشكە رىغبەتلەندۈرۈش ۋە يېتەكلەش كېرەك. يۆلەش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، ‹‹ئىشلىگەن چىشلەيدۇ›› دېگەننى تەشەببۇس قىلىپ، تىرىشىپ ئىشلەپ بېيىش، شەرەپ بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش كەيپىياتىنى يارىتىش كېرەك.

   شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرسەك، جۇڭخۇا مىللىتىدە نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن ئېغىر نامراتلىق مەسىلىسى بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ قولىدا تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىنىدۇ. بۇ، كىشىلىك ھاياتىمىزدىكى ئەڭ زور بەخت. بىز بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭخۇا مىللىتى، پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ ئۇلۇغ ئىشنى بىرلىكتە تاماملايلى. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلغاندىلا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە چوقۇم غەلىبە قىلالايمىز.

   دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې يىغىنغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى، ئالاقىدار ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگە مەسئۇل يولداشلار، ئالاقىدار شەھەر، ئوبلاستلاردىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.                      

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.