تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

2018–يىللىق چاغانلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنىدا سۆزلەنگەن سۆز

   (2018-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى)

شى جىنپىڭ

يولداشلار، دوستلار:
   ‹‹باش باھاردا، بارلىق مەۋجۇدات ئۇيقۇدىن ئويغىنىدۇ››. باش باھار ئۆتۈپلا، چاغان كەلدى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەنئەنىۋى بايرىمى  چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، بۇ يەرگە خۇشال–خۇرام جەم بولۇپ، كونا يىلنى ئۇزىتىپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋالغانلىقىمىزدىن ناھايىتى خۇشالمەن.
ئالدى بىلەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن كۆپچىلىككە چاغانلىق گۈزەل تىلەكلەرنى تىلەيمەن! پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە چەت ئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلەيمەن! كۆپچىلىككە چاغانلىق بەخت تىلەيمەن!  
   ۋاقىت ئەڭ ئوبيېكتىپ گۇۋاھچى. ئۆتكەن بىر يىلدا، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادى تېز يۈكسەلدى، ئىسلاھات چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، كۆپ نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىندى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش چوڭقۇر يولغا قويۇلدى، خەلقنىڭ تۇرمۇشى داۋاملىق ياخشىلاندى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى، ھەر تەرەپلىمە دىپلوماتىيە ئىشلىرىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى. بولۇپمۇ بىز پارتىيە 19– قۇرۇلتىيىنى ئېچىپ، پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەت ۋە تەجرىبىلەرنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندىكى ئۇلۇغ كەلگۈسىنى سۈرەتلەپ بېرىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدۇق.
   بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەر پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئۇزاققىچە كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ خۇددى كىچىك ئېقىنلاردىن ھاسىل بولغان دەريا–دېڭىزغا ئوخشاش، ‹‹جۇڭگو›› ناملىق پاراخوتنىڭ يېڭى سۇ دائىرىسىگە كىرىشىگە تۈرتكە بولدى. يېقىنقى زاماندىن بۇيان، نۇرغۇن ئازاب–ئوقۇبەتنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن جۇڭخۇا مىللىتى قەيسەرانە كۈرەش قىلىش داۋامىدا ئورنىدىن دەس تۇرۇشتىن بېيىشقىچە، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى. جۇڭگونىڭ ئۇلۇغ تەرەققىيات نەتىجىسىنى جۇڭگو خەلقى ئىككى قولىغا تايىنىپ ياراتقان، بۇ، نەچچە ئەۋلاد جۇڭگولۇقنىڭ كۈچ ئۇلاپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. بىز ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە يۈكسىلىشى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇستەقىللىقى، قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان بارلىق پېشقەدەم قەھرىمانلار، پېشقەدەم نەمۇنىچىلار، پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار، پېشۋالارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمىز!

يولداشلار، دوستلار!
   جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدە ئىت ئىنساننىڭ ئەڭ سادىق ھەمراھى، ساداقەتمەنلىك ۋە تىنچلىقنىڭ سىمۋولى، جۇڭگولۇقلار ھەمىشە ئۇلارنى ئالتۇن ئىت، قاشتاش ئىت، قۇت ئىتى، ھەققانىيەت ئىتى دېگەن ناملار بىلەن ئاتايدۇ. ئالتۇن خوراز تاڭدىن خەۋەر بېرىدۇ، قۇت ئىتى باھاردىن خەۋەر بېرىدۇ، ۋەتىنىمىزنىڭ كەلگۈسى يىلدىن–يىلغا ياخشى بولىدۇ.
   چاغان يېڭى باشلىنىش ھېسابلىنىدۇ، يېڭى ئۈمىدتىن بېشارەت بېرىدۇ. 2018–يىلى پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى تۇنجى يىل، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان، 13–بەش يىللىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشتا يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى بىر–بىرىگە باغلايدىغان ھالقىلىق يىل، شۇنداقلا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى. مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان خەلقئارا ۋەزىيەت، مۈشكۈل ھەم ئېغىر ئىچكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسىزم، لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ئاساسىي خىزمەت رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش، دادىل تۇتۇپ جاسارەت بىلەن ئىشلەش، ماھىرلىق بىلەن تۇتۇپ ئەپچىل چارە تېپىش، دائىم تۇتۇپ بوشاشماي كۈچەش غەيرىتى بىلەن ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ، بېكىتىلگەن ھەرىكەت پىروگراممىسى، ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، بىز بېكىتكەن ئۇلۇغ نىشانغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشى كېرەك.

يولداشلار، دوستلار!
   يىغىلغاندا ئەڭ خۇشال، جەم بولغاندا ئەڭ بەختلىك، ئىتتىپاقلاشقاندا ئەڭ كۈچلۈك بولىمىز. چاغان ئائىلىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى جەم بولىدىغان ۋاقىت. جۇڭخۇا مىللىتى ئەزەلدىن ئائىلىگە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن، ‹‹دۇنيانىڭ ئاساسى دۆلەت، دۆلەتنىڭ ئاساسى ئائىلە››، ئائىلە ئىناق بولسا، ئىشلار روناق تاپىدۇ. دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئاخىرىدا مىڭلىغان–تۈمەنلىگەن ئائىلىنىڭ بەختلىك–كۆڭۈللۈك بولۇشىدا، مىليونلىغان خەلقنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىدا نامايان بولىدۇ. ھەممە ئائىلە ياخشى بولسا، دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ، مىللەت گۈللىنىدۇ. بىز سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى پائال يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئائىلىنى سۆيۈش بىلەن ۋەتەننى سۆيۈشنى بىرلەشتۈرۈپ، شەخسىي ئارزۇغا، ئائىلە ئارزۇسىغا يېتىشنى دۆلەتنىڭ ئارزۇسىغا، مىللەتنىڭ ئارزۇسىغا سىڭدۈرۈپ، 400 مىليوندىن ئارتۇق ئائىلە، 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق خەلقنىڭ ئەقىل–پاراسىتى ۋە كۈچىدىن پايدىلىنىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا يېتىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك.

يولداشلار، دوستلار!
   مەن بۇ يىلقى يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزۈمدە ‹‹بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ›› دېگەنىدىم. بۈگۈن مەن يەنە شۇنداق دەيمەنكى، كۈرەش قىلىشنىڭ ئۆزى بىر بەخت. كۈرەشچان ھاياتنىلا بەختلىك ھايات دېيىشكە بولىدۇ. كۈرەش قىلىش جاپالىق، جەبىر–جاپا ۋە ئازاب–ئوقۇبەت ئادەمنى تاۋلايدۇ، جاپا–مۇشەققەت بولمىغان كۈرەش ھەقىقىي كۈرەش ئەمەس، بىز جاپالىق كۈرەش ئارقىلىق روھىمىزنى ساپلاشتۇرۇشىمىز، ئىرادىمىزنى تاۋلىشىمىز، ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىشىمىز كېرەك. كۈرەش ئۇزاق داۋاملىشىدۇ، ئالدىنقىلار كۆچەت تىكسە، كېيىنكىلەر سايىدايدۇ، ئۇلۇغۋار ئىشلار نەچچە ئەۋلاد، ئون نەچچە ئەۋلاد، نەچچە ئون ئەۋلاد كىشىنىڭ داۋاملىق كۈرەش قىلىشىغا موھتاج. كۈرەش جەريانى ئەگرى–توقاي بولىدۇ، ‹‹ئەڭ ئۇلۇغ ئىستەك ئۈچۈن قىلغاچقا مەردلەر جان پىدا، يېڭى بىر دۇنيا ياراتتى مىسلىسىز جۈرئەت بىلەن››، كۈرەش قىلغان ئىكەن، قۇربان بېرىش بولىدۇ، بىز قورقماس روھ ۋە خالىس تۆھپە قوشۇش روھىنى باشتىن–ئاخىر جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. كۈرەش قىلغۇچىلار مەنىۋىيىتى ئەڭ باي كىشىلەردۇر، شۇنداقلا بەختنى ئەڭ چۈشىنىدىغان، بەختتىن ئەڭ بەھرىلىنەلەيدىغان كىشىلەردۇر. خۇددى ماركس ئېيتقاندەك: ‹‹تارىخ ئورتاق نىشان ئۈچۈن ئەجىر–مېھنەت سىڭدۈرۈپ، ئالىيجاناب كىشىلەرگە ئايلىنالىغانلارنى ئۇلۇغ شەخسلەر دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ؛ تەجرىبىلەر كۆپ ساندىكى كىشىلەرگە بەخت ئېلىپ كەلگەن ئاشۇ كىشىلەرنى ئەڭ بەختلىك كىشىلەر، دەپ مەدھىيەلەيدۇ››.
   يېڭى دەۋر كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ دەۋرى. بىز خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن باشتىن–ئاخىر بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، خەلق بىلەن بىللە كۈرەش قىلىپ، كۈرەش روھىنى ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلىش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇشلارنى ئېلىپ بېرىش، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئالغا سىلجىتىش، ئۇلۇغ ئارزۇغا يېتىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، پائال كۈرەش قىلىش، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتەك جانلىق ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.

يولداشلار، دوستلار!
   ‹‹كونا يوپۇرماقنىڭ ئورنىغا يېڭى يوپۇرماق چىقىدۇ، ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر باسىدۇ››. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، بىز بۆسۈپ ئۆتۈشكە ۋە ئىشلەشكە جۈرئەت قىلىش جاسارىتى ۋە ئۆزىنى يېڭىلاش مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن يېڭى يول، ياخشى يول ئېچىپ، ‹‹دەۋرگە يېتىشىۋېلىش››تىن ‹‹دەۋرگە باشلامچى بولۇش››تەك ئۇلۇغ ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. بۈگۈن بىز ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، داۋاملىق تاغ–دەريالارنى بۆسۈپ ئۆتىدىغان روھ بىلەن ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئۆزىمىز ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتىكى كۈچ–قۇۋۋىتىمىزنى ئاشۇرۇپ، بىپايان دۆلەت زېمىنىمىزدا 1 مىليارد 300 مىليون خەلقنىڭ ئۇلۇغ كۈرىشىنىڭ يېڭى تارىخىي سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتەيلى!
    ئاخىرىدا، كۆپچىلىكنىڭ تېنىنىڭ سالامەت، چاغىنىنىڭ قۇتلۇق، ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق، ئائىلىسىنىڭ بەختلىك بولۇشىنى تىلەيمەن!
    كۆپچىلىككە رەھمەت.


    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2– ئاينىڭ 14–كۈنى تېلېگراممىسى
 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.