تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون 2018–يىللىق چاغانلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

   چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلدى شۆھرەت زاكىر سۆز قىلدى

  شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن يىغىلىشقا قاتناشتى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ 1–شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1–شۇجىسى، 1–سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر قاتارلىقلار ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، كونا يىلنى ئۇزىتىپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋالدى.(سۈي جىجيەن فوتوسى)

  ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 2–ئاينىڭ 14–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 2018–يىللىق چاغانلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن قاتارلىقلار ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، چاغاننى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى.

  چاغانلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنى باشلىنىشتىن بۇرۇن، چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر ئايرىم – ئايرىم ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا چاغانلىق گۈزەل تىلەكلەرنى بىلدۈردى.

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ 1–شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1–شۇجىسى، 1–سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو چاغانلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە ۋاكالىتەن، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلق، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيە كوماندىر–جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى–قىسىم ئوفىتسېر–ئەسكەرلىرى، ج خ كادىر–ساقچىلىرى، ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىكى ئىشچى–خىزمەتچىلەر، دېموكراتىك پارتىيە–گۇرۇھلار، سودا–سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، پارتىيە–گۇرۇھسىز زاتلار، خەلق تەشكىلاتلىرى، دەم ئېلىشقا ۋە پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم يولداشلار، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە ئۇنى قوللىغان دوستلارنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا ياخشى تىلەكلەرنى بىلدۈردى.

    چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: ھەر بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە خاس بۇرچى، ئۆزىگە خاس مەسئۇلىيىتى بولىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك تارىخىي مۇھىم ۋەزىپە بىزنىڭ زىممىمىزگە يۈكلەندى. بىز جەزمەن باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، ئۆزىمىزنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا بېغىشلاش ھەم پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا جاۋاب قايتۇرۇشتەك غەيرەت–جاسارەت، ‹‹ئۆلۈمگە پىسەنت قىلماسلىق››تەك باتۇرانە زىممىگە ئېلىش روھى ئارقىلىق شىنجاڭنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى مۇقىملاشتۇرۇشىمىز، ياخشى قوغدىشىمىز، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: گۈزەل كەلگۈسىنىڭ خەرىتىسى سىزىلدى، ئاتاكىغا ئۆتۈش بۇرغىسى چېلىندى. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋرنىڭ تارىخىي ئىمتىھان سوئالىغا ياخشى جاۋاب بېرىپ، ئىتتىپاق–ئىناق، ئاۋات–باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، ھەممەيلەن خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلايلى.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر چاغانلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنىدا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى قەتئىي ياخشى ئېتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئايلىنىش ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ۋاقتىدا نەقلەشتۈرۈپ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى، ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە جەمئىيەت مۇقىم بولدى، قەلب–كۈچ تېخىمۇ مۇجەسسەملەندى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىنىڭ نەتىجىسى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ بىر تۇتاش يېتەكچىلىكىنىڭ نەتىجىسى، مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ خالىس ياردەم بەرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 23 مىليوندىن كۆپرەك ھەر مىللەت كادىر ۋە ئاممىنىڭ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

    شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: يېڭى بىر يىلدا، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىنى ھەقىقىي تۈردە زور مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى يەنىمۇ مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ‹‹باش نىشان›› ئېڭىنى تېخىمۇ مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تېررورلۇققا تېخىمۇ قەتئىي قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاپ، خەلق تۇرمۇشىنى تېخىمۇ سەمىمىيلىك بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ، تەرەققىياتنى تېخىمۇ ئىلمىي ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر مۇستەھكەملەپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىللە بولۇپ، بىللە ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىتتىپاق–ئىناق، ئاۋات–باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، ھەممەيلەن خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

     ليۇ ۋەنلۇڭ، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن، پېڭ جيارۈي قاتارلىق ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى رەھبەرلىرى ۋە قىسمەن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى، ھاۋا ئارمىيە ئۈرۈمچى بازىسى، شىنجاڭ ج خ چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتى، شىنجاڭ ج خ ئوت ئۆچۈرۈش باش ئەترىتى، ج خ نازارىتى مۇھاپىزەت ئىدارىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ئاپتونوم رايون (مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ئۈرۈمچىدىكى پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە قىسمەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، دېموكراتىك پارتىيە–گۇرۇھلار، سودا–سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، پارتىيە–گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، ھەر مىللەت، ھەر ساھە، دىن ساھەسى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار ۋەكىللىرى، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، ئىلغار كوللېكتىپلار ۋەكىللىرى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى–تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخسلەر ۋە ئىلغار كوللېكتىپلار ۋەكىللىرى، ۋەتەننى سۆيۈش، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش نەمۇنىچىلىرى، ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىش–خەلقنى سۆيۈش نەمۇنىچىلىرى ۋە قەھرىمان نەمۇنىچىلار ۋەكىللىرى، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، خەلققە قولاي ساقچى پونكىتىنىڭ ۋەكىللىرى چاغانلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنىغا قاتناشتى.

    چاغانلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنىدا ھەر مىللەت ئەدەبىيات–سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئېسىل ئەدەبىيات–سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى