تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: چاغان ھارپىسىدا، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن قاتارلىقلار مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن تۆمۈر داۋامەت، ئىسمائىل ئەھمەت، ئىسمائىل تىلىۋالدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئابلەت ئابدۇرىشىت ۋە ھامىدىن نىياز، ئابدۇرېھىم ھامىد، نەيىم ياسىن، بادەي، جانابىل سىماغۇل، ئەسقەت كەرىمباي، جاڭ سىشۆ، قېيۇم باھاۋۇدۇن، جاڭ شيۇمىڭ، فۇ چياڭ، شيې فۇپىڭ، ماھىنۇر قاسىم، تۆربايىر، شۈ پېڭ، ئامىنە غاپپار، يۈسۈپ مەمەت، غوجىخان ھاكىموف، قادىس جانابىل، خەلچەم ئىسلام، مىجىت ناسىر، لى فېڭزى، جاڭ خېڭ، ما جيەنگو، ۋاڭ خۇەييۈ، دەلىلقان مامىقان، مەمتىمىن زاكىر، ئاسانبېك تۇردى، دۇ چىنرۈي، جاڭ گولياڭ، ئالپىسباي راقىم، جاپپار ھەبىبۇللا، تىلىۋالدى ئابدۇرىشىت، مەمتىمىن ياسىن، چۆجۈپ، چيەن جى، ھۆرىگۈل جاپپار، نىجات سۇلتان، ئىنام نەسىردىن، جاڭ يى، دىيار قۇماش، فېڭ داجىن، ۋېن كېشياۋ، ۋۇ جياخې، ۋاڭ يۇسەن، ماۋ دېخۇا، يۈسۈپ ئەيسا، ۋاڭ خەنرۇ، شيې جىچياڭ، لى دۇڭخۇي، غوپۇر ئابدۇللا، جاڭ گۈيتىڭ، جاڭ يۈجۇڭ، پاشا ئىشان، ۋۇ دۇنفۇ، شيۇڭ خۇييىن، ئابدۇقادىر نەسىردىن، ياۋ يۇڭفېڭ، جياڭ شەن، سېرجى، جۇ جېنجۇڭ، شارىپقان كەرىم، مەمەتجان ئەمەت، ليۇ ياۋخۇا، قىزايجان سېيىلقوجا، كې لى، مەمەتھەسەن توختالى، ئايۇپ تېيىپ، ماۋكەن سېيىتقامزا، خۇاڭ چاڭيۈەن، ۋاڭ ۋېي، بەي جىجيې، ليۇ يەنلياڭ، رىزۋان ئەبەي، لى شياڭلىن، ليۇ جىيۇڭ، يۈ شيۇدۇڭ، كادىرقان مىراسقان، ئابدۇلېتىپ ئابدۇرېھىم، قۇربان روزى، مەمەت روزى، روزى ئىسمائىل، مەمەت يۈسۈپ، قاسىم مامۇت، نىشان ئىبراھىم، چېن جىنچى، جاۋ شياڭۋا، ۋاڭ جىۋېن، لى گۈيماۋ، ياڭ جاۋجى، جاڭ جىشۈن، مەمەت روزى سەپەر، جاڭ گۇاڭخەن، دۇ خۇڭجيەن قاتارلىق پېشقەدەم يولداشلارنى يوقلاپ ياكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇل يولداشلىرىغا يوقلاشنى ھاۋالە قىلىپ، پېشقەدەم يولداشلارغا چاغانلىق سەمىمىي سالام يوللىدى، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ چاغاننى خۇشال ئۆتكۈزۈشىنى، تېنىنىڭ سالامەت، ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشىنى تىلىدى.

   ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، بىڭتۈەن رەھبەرلىرى بىڭتۈەندىكى دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم يولداشلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر قاتارلىق ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى،  بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش  ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق–مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئىقتىسادنى سىلىق، ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كۈچەيتىپ، دىن ساھەسىنىڭ ئېجىل–ئىناقلىقىنى ساقلاپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشى قوغداپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ خالىس ياردىمىنىڭ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئورتاق تىرىشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇنىڭغا پېشقەدەم رەھبەرلەر ۋە پېشقەدەم يولداشلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قوللىشى، يۈرەك قېنى مۇجەسسەملەنگەن. كۆپچىلىكنىڭ چاغاننى خۇشال ئۆتكۈزۈشىنى، ئائىلىسىنىڭ بەختلىك بولۇشىنى تىلەيمىز، كۆپچىلىكنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەتلىرىگە ئىلگىرىكىدەكلا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە مەدەت بېرىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.
    پېشقەدەم يولداشلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ غەمخورلۇقىغا تەشەككۈر بىلدۈردى. ئۇلار مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىپ، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 19– قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى