تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

«خەلق گېزىتى» ئوبزورى: كۈرەش قىلىشنىڭ ئۆزى بەختتۇر

  ‹‹خەلق گېزىتى›› ئوبزورچىسى

   قاينام–تاشقىنلىققا تولغان دەۋر مەنزىرىسىدە، كۈرەشنىڭلا چوڭقۇر ئىزناسى قالىدۇ، كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭلا ياشلىق باھارى مەڭگۈ ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.

   ‹‹يېڭى دەۋر كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ دەۋرى››، ‹‹كۈرەش قىلىشنىڭ ئۆزى بىر بەخت، كۈرەشچان ھايات بەختلىك ھاياتتۇر››. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2018–يىللىق چاغانلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە ‹‹كۈرەش قىلىش››تىن ئىبارەت دەۋرنىڭ بۇ باش تېما سۆزى قايتا تەكىتلەندى، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق، مەردانە سۆزلەر بوشاشماي كۈرەش قىلىپ ئۇلۇغۋار ئىشلارغا ئاتلانغان، خالىس تۆھپە قوشۇپ ئۇلۇغ مۇساپىنى يورۇتۇۋاتقان كىشىلەرگە ئىلھام بەرمەكتە.

   ۋاقىت ئەڭ ئوبيېكتىپ گۇۋاھچى. ئۆتكەن بىر يىلدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور ئىلگىرىلەشلەر كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ ئىش ئىزلىرىغا گۇۋاھ، شۇنداقلا كەلگۈسىدىكى داۋاملىق كۈرەش قىلىش مۇساپىسىنىڭ بەلگىسى بولدى. پەن–تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقىچە، ئارمىيە قۇرۇلۇشىدىن دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقىچە، مىليونلىغان كۈرەش قىلغۇچىلار ئەقىل–پاراسىتى ۋە قان–تەرى بەدىلىگە بىر مىللەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسىنى بېيىتماقتا. قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ–خەتەر ئالدىدا سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىۋاتقان، پايدا–زىيان بىلەن ھېسابلاشمايدىغان ئاشۇ كىشىلەر؛ تومۇز ئىسسىق ياكى قەھرىتان سوغۇقتا، قارا بوران ياكى يامغۇرلۇق كۈنلەردە، ھەممە ئۆيلەردە چىراغ چاقناپ تۇرۇشقا ئەجىر–مېھنەت سىڭدۈرۈۋاتقان ئاشۇ كىشىلەر؛ ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان پويىزدا سانسىزلىغان يولۇچىلارنى يۇرتىغا توشۇۋاتقان ئاشۇ كىشىلەر... ئۇلار كۈرەش قىلىش ۋە تۆھپە يارىتىش ئارقىلىق بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى جۇلالاندۇرماقتا، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ قىممىتى ۋە مۇۋەپپەقىيىتىنى نامايان قىلماقتا.

   ‹‹ئۇلۇغ ئىشلارنىڭ ئۇلۇغلۇقى بۇ ئىشلارنىڭ ھەققانىي، كاتتا بولغانلىقىدىلا ئەمەس، يەنە بۇ ئىشلارنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا تولغانلىقىدا››. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش لۇغىتىدە ‹‹ئاسان›› دېگەن سۆز ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس. دەل شۇنداق بولغاچقا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كۈرەش قىلىشنىڭ ئۆزى بىر بەخت، كۈرەش قىلىش يەنە مۈشكۈل، ئۇزاق مۇددەتلىك، ئەگرى–توقاي جەريان، مۈشكۈل بولمايدىكەن، ئۇ ھەقىقىي كۈرەش قىلىش بولماي قالىدۇ.

  كۈرەش قىلىش روھىنىڭ قىممەتلىكلىكى قىيىنچىلىق ۋە زىددىيەتكە قانچە يۈزلەنگەنسېرى، ئادەتتىن تاشقىرى كۈچنى شۇنچە ئۇرغۇتىدىغانلىقىدا. يېڭى بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىپ، يېڭى مۇساپىگە ئاتلانغاندا، بىز تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى ئانچە يۇقىرى بولماسلىق، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئانچە كۈچلۈك بولماسلىق، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدە كەمتۈكلۈكلەر ساقلىنىش قاتارلىق كۆپلىگەن ئاجىز ھالقىلار ئالدىدا، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا تەكىتلەنگىنىدەك، ‹‹جاپا–مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش، مەغرۇرلۇق ۋە ئالدىراقسانلىق قىلماسلىق ئىستىلىنى ساقلاش››، ‹‹ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ، مىنۇت–سېكۇنتنى قولدىن بەرمەسلىك كېرەك دېگەن روھ›› بىلەن دەۋر يۈكلىگەن بۇرچنى تېخىمۇ ياخشى زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك.

   بۇ بىر ئۇلۇغ دەۋر، تامچە ئېقىنلار تىرىشىپ دېڭىزغا قاراپ ئېقىۋاتىدۇ. جەمئىيەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۈرەش قىلىش دەۋرنىڭ ئالغا بېسىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ؛ شەخسلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۈرەش قىلىش پىشىپ يېتىلىشتىكى پەلەمپەي. ماركس مۇنداق دېگەن: ‹‹تارىخ ئورتاق نىشان ئۈچۈن ئەجىر–مېھنەت سىڭدۈرۈپ، ئالىيجاناب كىشىلەرگە ئايلىنالىغانلارنى ئۇلۇغ شەخسلەر، دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ؛ تەجرىبىلەر كۆپ ساندىكى كىشىلەرگە بەخت ئېلىپ كەلگەن ئاشۇ كىشىلەرنى ئەڭ بەختلىك كىشىلەر، دەپ مەدھىيەلەيدۇ››. يېڭى بىر يىلدا، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، باشتىن–ئاخىر خەلق ئۈچۈن كۈرەش قىلساق، خەلق بىلەن بىللە كۈرەش قىلساق، بەس–بەستە كۈرەش قىلساق، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلساقلا، خىزمەتلىرىمىزنى ھاياتلىق ئابىدىمىزگە پۈتەلەيمىز، ئىشلىرىمىزنى ۋەتەننىڭ بىپايان تۇپرىقىغا پۈتەلەيمىز، ئارزۇيىمىزنى دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ شانلىق كەلگۈسىگە پۈتەلەيمىز.

   يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ مۇساپىدە، كۈرەش قىلىش كۈرەش قىلغۇچىنىڭ مەڭگۈلۈك دەستۇرى. كۈرەش قىلغاندىلا، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ، كۈرەش قىلغاندىلا، ئۆزىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلغىلى بولىدۇ. 2018–يىلى بىللە كۈرەش قىلىپ، بەختنى ھېس قىلىپ، ئارزۇيىمىزغا يېتەيلى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2–ئاينىڭ 14–كۈنى تېلېگراممىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى