ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە كېسەل كۆرسەتكەندە ياكى بەدەن تەكشۈرتكەندە، دوختۇرلار سىزگە «بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەپتۇ» دېيىشى مۇمكىن، بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەرگىز قورقۇپ كەتمەڭ. چۈنكى بۇ كېسەللىك بولۇشىمۇ ياكى بىرخىل فىزىيولوگىيەلىك ئەھۋال بولۇشىمۇ مۇمكىن.
«شەلۋەرەش»-ئاياللار كېسەللىكلىرى دوختۇرى سىزنى تەكشۈرگەندە كۆزى بىلەن كۆرگەن بالىياتقۇ بوينىنىڭ يۈزەكى قىسىمىدا كۆرۈلگەن ئۆزگىرىش بولۇپ، ئادەتتە تېرىمىزنىڭ زەخىملەنگىنىگە ئوخشايدۇ. ھالبۇكى، بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەشنىڭ ئۈچ خىل ئېھتىمالى بولۇپ، بىرىنچى خىلى، نورمال فىزىيولوگىيەلىك «شەلۋەرەش»؛ ئىككىنچى خىلى، ئادەتتىكى ياللۇغدىن بولغان «شەلۋەرەش»؛ ئۈچىنچى خىلى بولسا ئېغىر دەرىجىدىكى، ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر بولغان «شەلۋەرەش» تۇر. ئۈچىنچى خىل شەلۋەرەش ئالاھىدە بىر خىل ۋىرۇس-ئىنسانىيەت ئەمچەك توپچىسىمان ئۆسمە ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش كېلىپ چىققان بالىياتقۇ بوينى كېسەللىكى بولۇپ، بۇ خىل شەلۋەرەش بايقالغان چاغدا ھەتتا بالىياتقۇ بوينى راكى پەيدا بولۇپ بولغان بولۇشىمۇ مۇمكىن.
تېببىي تەتىقىقاتلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، بالىياتقۇ بوينىدىكى نورمال فىزىيولوگىيەلىك شەلۋەرەش ۋە ئادەتتىكى ياللۇغدىن كېلىپ چىققان شەلۋەرەش بالىياتقۇ بوينى راكىنى پەيدا قىلمايدۇ. ئەمما، ئىنسانىيەت ئەمچەك توپچىسىمان ئۆسمە ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىققان شەلۋەرەشنىڭ راك پەيدا قىلىش خەۋپى يۇقىرى بولۇپ، بەلكىم ئۇ بايقالغان چېغىدىلا بالىياتقۇ بوينى راكى پەيدا بولۇپ بولغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا ئۇنى چوقۇم ئاكتىپلىق بىلەن داۋالىتىش لازىم.
بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەشنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى بىر قىسىم راكتىن ئىلگىرىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى ۋە دەسلەپكى مەزگىلدىكى بالىياتقۇ بوينى راكى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش بولۇپ، ئۇلارنى كۆز بىلەن كۆزىتىپ پەرقلەندۈرۈش ئىنتايىن قىيىن. شۇڭا بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، قەرەللىك ھالدا تەكشۈرتۈش ۋە داۋالىتىش لازىم.
«گۈزەل ئايال، بەختلىك ئائىلە» تېمىسىدىكى بىر يۈرۈش كىتابتىن ئېلىندى