تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدىن تۆت كوللېكتىپ بىلەن بىر شەخس مەملىكەتلىك مۇھىت ئاسراش سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە شەخس بولۇپ باھالاندى

     شىنخۇا تورى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى بىلەن مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى بىرلىكتە «مەملىكەت بويىچە مۇھىت ئاسراش سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلاش قارارى» نى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئاپتونوم  رايونىمىزنىڭ مۇھىت ئاسراش سىستېمىسىدىكى تۆت كوللېكتىپ بىلەن بىر شەخس بۇ تىزىملىكتىن ئورۇن ئالغان. بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن ئورۇنلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايون مۇھىت مەمۇرىي تەپتىش باش ئەترىتى، ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىتنى قوغداش پەن-تېخنىكا تەتقىقات ئورنى، كۈيتۇن شەھەرلىك مۇھىتنى ئۆلچەش پونكىتى ۋە سانجى ئوبلاستلىق مۇھىت مەمۇرىي تەپتىش تارماق ئەترىتى قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىتنى نازارەت قىلىش، ئۆلچەش باش پونكىتى ئانالىز مەركىزىنىڭ مۇدىرى دا لىفاڭ « مەملىكەتلىك مۇھىت ئاسراش سىستېمىسىدىكى ئىلغار خىزمەتچى» شەرىپىگە نائىل بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى