تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ قەتئىي قوغدىغۇچىسى بولىمەن

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئېرشات تۇرسۇنباي

     پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى بايراقنى كۆتۈرۈپ نىشان بەلگىلىگەن، گۈللىنىشكە باشلىغان، دەۋر ئاچقان، مۇساپىنى باشلىغان، ئىرادىنى مۇجەسسەملىگەن، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندىگەن، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئاچقان، كۈچنى كۈچكە ئۇلىغان قۇرۇلتاي بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى نامايان قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. مەن پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا باشتىن–ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەگە، خەلققە، كەسپكە بولغان تولۇپ تاشقان چوڭقۇر مېھرىم بىلەن شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ كۈرەش قىلىمەن.

   ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشنىڭ ئەمەلىيەتچىسى بولىمەن. پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى باشتىن–ئاخىر قەتئىي قوغداپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايمەن، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن، ‹‹تۆت ئاڭ››نى يەنىمۇ مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، سىياسىي ئىرادەم، سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىم ۋە سىياسىي سەزگۈرلۈكۈمنى ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭدىن ئىبارەت بۇ يادرونى قوغداشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي، باش شۇجى شى جىنپىڭدىن ئىبارەت بۇ يادروغا بويسۇنۇشنى مۇھىم سىياسىي بۇرچ ۋە سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، ئىدىيەدە يادرونى تونۇپ، سىياسىيدا يادرونى قوغداپ، تەشكىلىي جەھەتتە يادروغا بويسۇنۇپ، ھەرىكەتتە يادروغا يېقىندىن ئەگىشىپ، يادرونى قەتئىي قوغداپ، يادرونى ھىمايە قىلىپ، يادروغا مۇتلەق سادىق بولىمەن.

   بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ قوغدىغۇچىسى بولىمەن. ۋەزىيەتنى يەنىمۇ ئېنىق تونۇپ، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىمنى ئاشۇرۇپ، دىققىتىمنى، كۈچۈمنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يۈكسەك مەركەزلەشتۈرىمەن، ئۇزاققىچە تىرىشىش، ئۇزاققىچە كۈرەش قىلىش ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ھەرۋاقىت ھوشيار بولۇپ، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، ئىزچىل ھالدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىمەن، مەسىلىلەرنى قەتئىي بوشاشماي تەكشۈرۈپ، پەرقنى تېپىپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، يوچۇقنى ئېتىپ، دەرس تولۇقلاپ، تەدبىرنى كۈچەيتىپ، ياخشى ئىستىل ئارقىلىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت››ىنى قەتئىي ياخشى ئاتىمەن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي ئاداققىچە كۈرەش قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق باش نىشاننىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمەن.

   باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىسى بولىمەن. پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتىنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئىشنى ئۆزۈمدىن، ھازىردىن، ئەتراپىمدىكى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىمەن، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش›› تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، ئاممىۋى خىزمەتنى ئىنچىكە، ئەمەلىي، ياخشى ئىشلەيمەن. بولۇپمۇ، ھەر مىللەت ئامما ئارىسىغا بېرىپ، ئەۋزەللىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە قىلغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى، پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن–نىزاملىرىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ ئېغىر زىيىنىنى سۆزلەپ، سۆز–ھەرىكىتىم ئارقىلىق ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلەشكە، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلەيمەن.   

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى