تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

باش نىشانغا تىرىشىپ يېتىش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمەن

ئىلى ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى كۇلەن سېيپىلقان

     مەن ھەر مىللەت ئاكا–ئۇكا، ئاچا–سىڭىللار بىلەن بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئۆسۈپ يېتىلىپ، بۈگۈنكى كۈندە پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇپ يېتىشىپ چىقتىم، مېنىڭ ھەر بىر قەدىمىم پارتىيەنىڭ ھىممىتى ۋە غەمخورلۇقىدىن، تەشكىلنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە يېتىشتۈرۈشىدىن ئايرىلالمايدۇ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىدىن تېخىمۇ ئايرىلالمايدۇ، مەن بۇنىڭدىن باشتىن–ئاخىر مىننەتدار بولۇپ، بۇنى قەلبىمگە چىڭ پۈكۈپ كەلدىم. مەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا باشتىن–ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، لاياقەتلىك پارتىيەلىك كادىر بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمەن.
     باش نىشانغا يېتىشنى چۆرىدەپ، سىياسىيدا زېرەك ئادەم بولىمەن. مەن باشتىن–ئاخىر پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، يادرونى ھىمايە قىلىش، يادرونى قوغداش، يادروغا بويسۇنۇش، يادروغا ئەگىشىش ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمەن، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيەنىڭ بايرىقىنى بايراق، پارتىيەنىڭ يۆنىلىشىنى يۆنىلىش، پارتىيەنىڭ ئىرادىسىنى ئىرادە قىلىشتا چىڭ تۇرىمەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى كەم–كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىشىغا كاپالەتلىك قىلىمەن.
     باش نىشانغا يېتىشنى چۆرىدەپ، ئىنتىزامدا تەلەپچان ئادەم بولىمەن. مەن پارتىيە ئىنتىزامى ۋە قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىشنى ھاياتىم، دەپ بىلىپ، ئالدىنقى ئورۇنغا، مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، تۆۋەن چەكتە چىڭ تۇرىمەن، قىزىل سىزىققا چېقىلمايمەن. دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا چېتىلىدىغان چوڭ ھەق–چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە كاللامنى سەگەك تۇتۇپ، مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، بايرىقىمنى روشەن قىلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قانات يايدۇرىمەن، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن.
     باش نىشانغا يېتىشنى چۆرىدەپ، خىزمەتتە مەسئۇلىيەتچان ئادەم بولىمەن. مەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ئىلمىي ھۆكۈمىنى پۇختا ئىگىلەشتە باشتىن–ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى قەلبىمگە سىڭدۈرۈپ، ھەرىكىتىمگە ئايلاندۇرۇپ، ئۇنى ھەقىقىي يوسۇندا خىزمىتىمنى ياخشى ئىشلەشتىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىمەن. قەتئىي تەۋرەنمەي دىققىتىمنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتچان، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت››ىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئېتىپ، ئىتتىپاق– ئىناق، ئاۋات–باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، ھەممەيلەن خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىمەن.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى