تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھەرمىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ مۇستەھكەم ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك

  شۆھرەت زاكىر قەشقەردە ‹‹تۆتتە بىللە بولۇش››پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

  ھەرمىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ مۇستەھكەم ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك

  يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 2 – ئاينىڭ 12 – كۈنىدىن 13 – كۈنىگىچە قەشقەر ۋىلايىتىگە بېرىپ، ئامما بىلەن تاماقتا، يېتىش – قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى يوقلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرىنى يوقلاپ، كادىرلار، ئاممىغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چاغانلىق تىلىكى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقىنى يەتكۈزدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى ۋە ئارىلىشىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاق، جەمئىيەت مۇقىم بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملەپ، راۋاجلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ مۇستەھكەم ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.

  قەشقەرنىڭ سوغۇق ھاۋاسىغا قويۇق باھار ھىدى سىڭگەنىدى. شۆھرەت زاكىر قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى يېڭىشەھەر بازىرىنىڭ يېڭى شەھەر رايونى مەھەللىسىدىكى ‹‹پەن موماي مېھىر – شەپقەت دەرسخانىسى››غا كىرىپ، ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق ئەخلاق نەمۇنىچىسى›› پەن يۈليەننى يوقلىدى، ئۇنىڭ 25 يىل ئۈن – تىنسىز تۆھپە قوشۇپ، ئىختىساسلىقلارنى كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىدە ئۈلگە بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. شۆھرەت زاكىر بالىلارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقىدا ماقالە يېزىۋاتقانلىقى، قەدىمىي شېئىرلارنى يادلاۋاتقانلىقى، راۋان ئالاقىلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا: تىل دۇنيانى تونۇشتىكى كۆزنەك، كۆپچىلىكنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئىگىلەپ ۋە قوللىنىپ، ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، كىچىكىدىن ئۇلۇغۋار ئىرادە تىكلەپ، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ، ۋەتەنگە ئۆزىنى بېغىشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى.

  ئارقىدىن شۆھرەت زاكىر قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى ياندۇما يېزىسى ئاياغ چىگەتۇغ كەنتىدىكى قىيىنچىلىقى بار دېھقان ئادىل تۇرسۇننىڭ ئۆيىگە باردى. بۇلتۇر 12 – ئايدا، ئادىل تۇرسۇن ئالاقىدار تولۇقلىمىدىن بەھرىلىنىپ، ئون نەچچە مىڭ يۈەن خەجلەپلا 130 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆيىنىڭ سۇ، توك يوللىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆيىنى ئاقارتىۋالدى ۋە كاڭنى ئۆزگەرتىۋالدى، كەنتتىكى ياغاچچىنى تەكلىپ قىلىپ، ئۈستەل، ئىشكاپ، كىيىم ئىشكاپى، كارىۋات قاتارلىق بىر يۈرۈش زامانىۋى ئۆي جاھازلىرىنى زاكاز قىلدى. شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۆستى، ئۇلار تۇرمۇش ئۇسۇلىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى. زامانىۋى ئۆي جاھازلىرىنى دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىدە ئومۇملاشتۇرۇش ياخشى ئۇسۇل، دېھقانلار، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات رايونلاردىكى دېھقانلار زامانىۋى تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ ياخشىلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلغاندىلا، ئاندىن زامانىۋى، مەدەنىي تۇرمۇش ئۇسۇلىنى دېھقانلارنىڭ روھىغا سىڭدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئۈزلۈكسىز ئىنتىلىشىنى ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ. ئاساسىي قاتلامدىكى رەھبىرىي كادىرلار ئامما قوبۇل قىلالايدىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق، دېھقانلارنى تەرتىپلىك، تەدرىجىي ھالدا قالاق ئۆرپ – ئادەتنى چۆرۈپ تاشلاپ، زامانىۋى، مەدەنىي تۇرمۇش كەچۈرۈشكە يېتەكلىشى كېرەك. شۆھرەت زاكىر ئادىل تۇرسۇننى رىغبەتلەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: بېيىشنىڭ يوللىرى ناھايىتى كۆپ، سىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ئىشەنچ باغلاپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە، ساقلاپ تۇرماي، تايىنىۋالماي، ئەمگەكچان قولۇڭلارغا تايىنىپ، نامراتلىقتىن بالدۇرراق قۇتۇلۇپ، ئۆزۈڭلارغا مەنسۇپ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ‹‹تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالى باھار نۇرىغا چۆمۈلدى، ھەر مىللەت خەلق يېڭى ئۈمىدكە تولدى››. چاغان ھارپىسىدا، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى ئارال يېزىسى خەنىچە كەنتىدىكى ئەيسا ئابدۇرېھىم ئىشىكىگە مەسنەۋى چاپلاپ، قىزىل پانۇس ئېسىپ، ئائىلىسىنى قويۇق چاغان تۈسىگە كىرگۈزدى. شۆھرەت زاكىر ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، قوشماقلاشقان تۇغقىنى لۇڭ جىجۈن ۋە كەنت كادىرلىرى، ئامما ۋەكىللىرى ھەم خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ مۇڭدىشىپ، بىر ئۈستەلدە ئاددىي غىزالىنىپ، كەڭ – كۇشادە سىردىشىپ، كىرىم – چىقىمنى ھېسابلىشىپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى، ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش››، نامراتلارنى يۆلەش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

  شۆھرەت زاكىر كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتى مۇھىم نۇقتىنى زىچ چۆرىدەپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، خىزمەت تەسەۋۋۇرىنى ئېنىق، تەدبىرلىرىنى كۈچلۈك قىلىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنى پۈتكۈل جەريانغا سىڭدۈرۈپ، ئەلنى مايىل قىلىش، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەشنى خىزمەتنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا بىنائەن ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. نامرات ئائىلىلەرنىڭ كەسىپنى راۋاجلاندۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى مۇھىم نۇقتا، كەنتلەرگە، ئائىلىلەرگە بېرىپ نامراتلارنى يۆلەش تەدبىرلىرىنى تۇتقا قىلىپ، دىققەتنى دەل جايىدا كۈچەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ قاتتىق جەڭدە پۈتۈن كۈچ بىلەن غەلىبە قىلىش؛ ئورۇن ئالماشتۇرۇپ تەپەككۇر قىلىشنى ئۆگىنىپ، مەسىلىلەرنى كۆپرەك ئاممىنىڭ نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئويلاپ، جان – دىل بىلەن ھەر مىللەت ئامما ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەپ، مۇلازىمەت خىزمىتىنى ئامما قەلبىدىن ئورۇن ئالدۇرۇش كېرەك. كۆپچىلىك بەس – بەستە سۆز قىلدى، كەيپىيات قىزغىن بولدى، بىلىپ – بىلمەيلا كېچە سائەت نۆل بولۇپ كەتتى. شۆھرەت زاكىر شۇ كۈنى كەچتە دېھقاننىڭ ئۆيىدە قونۇپ، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى، ئەلرايى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ھەم چوڭقۇر ئىگىلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • باغراش كۆلى سۇ ئۈستى باغچىسى ئالقىشقا ئېرىشتى
  • نەنسەندىكى رەڭگارەڭ گۈل دېڭىزى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • نارات مەنزىرە رايونىدا يەككە كۈندە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچىلەر سانىدا رېكورت يارىتىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى