يۈزتۇرا، قايىل قىلارلىق بولۇش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش، بەخت تىلەش
شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ‹‹چاغاندا ئاساسىي قاتلامغا بېرىش، چاغاننى خۇشال – خۇرام ئۆتكۈزۈش، چاغانلىق كاتتا بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش›› تېمىسىدىكى چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى 14 - فېۋرال كەچ سائەت 20 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە شىنجاڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ قاناللىرىدا كۆرسىتىلىدۇ.
شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەش ئۈچۈن، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جاي – جايلىرىغا بېرىپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدا يەتتە شۆبە مەيدان تەسىس قىلىپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن كەڭ – كۇشادە سىردىشىپ، ئۆزگىرىشلەر، جەم بولۇش، بەختلىك تۇرمۇش ھەققىدە پاراڭلىشىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل – قىزلارنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى چاغاننى خۇشال – خۇرام ئۆتكۈزۈشتىكى ئۆزگىچە ئۆرپ – ئادەتلىرى ۋە خۇشال كەيپىياتتىن بەھرىلىنىپ، پۈتكۈل مەملىكەتتىكى ئاممىغا ئېسىل، ئۆزگىچە چاغانلىق كاتتا بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنى سۇنىدۇ.