كىشىلەر تاماكا چېكىشنىڭ ئۆپكە، جىگەر قاتارلىق ئەزالارنىڭ ساغلاملىقىغا زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. شىۋېتسىيەنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا، تاماكا چېكىش بەل ئومۇرتقىسىغىمۇ زىيانلىق ئىكەن، ئۇ بەل ئاغرىقى ۋە بەل ئومۇرتقا نەيچىسى تارىيىش كېسەللىكىنى كۈچەيتىۋېتىدىكەن.
تەتقىقاتچىلار331مىڭ941قۇرۇلۇش ئىشچىسىنى 30يىلدىن ئارتۇق ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن، ئۇلارنىڭ %44 تاماكا چەكمەيدىغانلار، %16 تاماكا تاشلىغانلار،% 26 تاماكىنى ئاز چېكىدىغانلار، %14 كۈنىگە15تالدىن كۆپرەك تاماكا چېكىدىغانلار ئىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، بەل ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان باشقا ئامىللار چىقىرىپ تاشلانغاندىن كېيىن، تاماكا چەكمەيدىغانلارغا سېلىشتۇرغاندا، تاماكىنى كۆپ چېكىدىغانلارنىڭ بەل ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش نىسبىتى%46 يۇقىرى، ئاز چېكىدىغانلارنىڭ ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش نىسبىتى %31 يۇقىرى، تاماكا تاشلىغانلارنىڭ %13 يۇقىرى ئىكەن.
تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، نىكوتىن ئومۇرتقا توقۇلمىلىرىنى زەخىملەندۈرۈپ، سۆڭەكنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ياللۇغنى كۈچەيتىۋېتىدىكەن، بۇ سەۋەبلىك بەل ئاغرىقى كۈچىيىپ كېتىدىكەن.
«شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى» دىن ئېلىندى