تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلار پېشقەدەم يولداشلارنى يوقلىدى

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 – ئاينىڭ 13 – كۈنى تېلېگراممىسى. چاغان ھارپىسىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ئايرىم – ئايرىم جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ، لى پېڭ، جۇ رۇڭجى، لى رۈيخۇەن، ۋۇ باڭگو، ۋېن جياباۋ، جيا چىڭلىن، سۇڭ پىڭ، لى لەنچىڭ، زېڭ چىڭخۇڭ، ۋۇ گۇەنجېڭ، لى چاڭچۈن، لو گەن، خې گوچياڭ، ليۇ يۈنشەن ۋە تيەن جىيۈن، چى خاۋتيەن، جياڭ چۈنيۈن، ۋاڭ لېچۈەن، ۋاڭ جاۋگو، خۇي لياڭيۈ، ليۇ چى، ۋۇ يى، ساۋ گاڭچۇەن، زېڭ پېييەن، ۋاڭ گاڭ، مېڭ جيەنجۇ، گو جىنلۇڭ، ۋاڭ خەنبىن، خې يۇڭ، جاۋ خوڭجۇ، ۋاڭ بىڭچيەن، زۇ جياخۇا، ۋاڭ گۇاڭيىڭ، تۆمۈر داۋامەت، پېڭ پېييۈن، جۇ گۇاڭجاۋ، ساۋ جى، لى تيېيىڭ، ئىسمائىل ئەھمەد، خې لۇلى، دىڭ شىسۈن، شۈ جيالۇ، جياڭ جېڭخۇا، گۇ شيۇليەن، رې دى، شېڭ خۇارېن، لۇ يۇڭشياڭ، ئۇيۇنچىمىگ، خۇا جيەنمىن، چېن جىلى، جۇ تيېنۇڭ، ئىسمائىل تىلىۋالدى، جياڭ شۇشېڭ، ساڭ گوۋېي، تاڭ جياشۈەن، لياڭ گۇاڭليې، دەي بىڭگو، شياۋ ياڭ، خەن جۇبىن، جيا چۈنۋاڭ، يې شۈەنپىڭ، ياڭ رۇدەي، رېن جيەنشىن، سۇڭ جيەن، چيەن جېڭيىڭ، سۈن فۇلىڭ، خۇ چىلى، جاۋ نەنچى، ماۋ جىيۇڭ، ۋاڭ جۇڭيۈ، لى گۈيشيەن، جاڭ سىچىڭ، جاڭ كېخۈي، خاۋ جيەنشيۇ، شۈ كۇاڭدى، جاڭ خۈەيشى، لى مېڭ، لياۋ خۈي، بەي لىچېن، چېن كۈييۈەن، ئابلەت ئابدۇرېشىت، لى جاۋجو، خۇاڭ مېڭفۇ، جاڭ مېييىڭ، جاڭ رۇڭمىڭ، چيەن يۈنلۇ، سۈن جياجېڭ، لى جىنخۇا، جېڭ ۋەنتۇڭ، دېڭ پۇفاڭ، لى ۋۇۋېي، چېن زۇڭشىڭ، ۋاڭ جىجېن قاتارلىق پېشقەدەم يولداشلارنى يوقلىدى ياكى مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەردىكى مەسئۇل يولداشلارغا يوقلاشنى ھاۋالە قىلدى، پېشقەدەم يولداشلاردىن بايراملىق سەمىمىي ھال سورىدى، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ چاغاننى خۇشال ئۆتكۈزۈشىگە، سالامەت بولۇپ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
     پېشقەدەم يولداشلار بۇنىڭغا رەھمىتىنى بىلدۈردى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى ئىكەنلىكىنى چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. پېشقەدەم يولداشلار پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.