تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى بوشاشماي، قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

      ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 2 – ئاينىڭ 12 – كۈنى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، تەپتىش ئورگىنىنىڭ سۈن جېڭسەينىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسىنى ئەيىبلەش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار بىردەك: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن قەتئىي يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمىز، دېيىشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
    يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: سۈن جېڭسەي دېلوسىنىڭ قانۇن بويىچە ئەيىبلىنىشى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى مەڭگۈ توختىتىپ قويمايدىغان كۈچلۈك ئىرادىسى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇش قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۈن جېڭسەينىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق دېلوسىنى سەلبىي دەرسلىك قىلىپ، ئۇنىڭدىن چوڭقۇر ساۋاق، قەتئىي ئىبرەت ئېلىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى بوشاشماي چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز كېرەك.
     يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى باشتىن – ئاخىر ئەڭ يۇقىرى سىياسىي پىرىنسىپ ۋە تۈپ سىياسىي قائىدە قىلىش، ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ سادىق ئېتىقادچىلىرى ۋە ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولۇش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى باشلامچىلىق بىلەن قوغداش، شىنجاڭ پايتەخت بېيجىڭدىن يىراق بولسىمۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن – ئاخىر قەتئىي چەمبەرچاس باغلانغان بولۇش، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يول جەھەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك.
     يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاساسىي قانۇن، قانۇنلاردىن ھېيىقىش ھالىتىنى ساقلاپ، قانۇن ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، قانۇن ئىدارە قىلىشنى قاتتىق يولغا قويۇش ئىرادىسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئاساسىي قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىش، ئاساسىي قانۇنغا رىئايە قىلىش، ئاساسىي قانۇننى ھىمايە قىلىش، ئاساسىي قانۇندىن پايدىلىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار دائىرىسىدە ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ كۈندىلىك ئادىتى ۋە ئاڭلىق ئەمەل قىلىدىغان مىزانىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.
     يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھوقۇققا چەك قويۇش ۋە نازارەتچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە خەلق بەرگەن ھوقۇقنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرى ئۆزىنىڭ بىرىنچى سالاھىيىتىنىڭ كومپارتىيە ئەزاسى، بىرىنچى مەسئۇلىيىتىنىڭ پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىكەنلىكىنى ھەر ۋاقىت ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، خەلق بەرگەن ھوقۇقنى خەلققە ھەقىقىي بەخت يارىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىشى كېرەك. ھوقۇققا چەك قويۇش ۋە نازارەتچىلىك قىلىش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھوقۇقنىڭ جاۋابكارلىقى بولۇش، ھوقۇقنىڭ مەسئۇلىيىتى بولۇش، ھوقۇقتىن قالايمىقان پايدىلىنىشنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ھوقۇقنى ئاشكارا يۈرگۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.  
     يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شىنجاڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سېپى ۋە ئاساسلىق جەڭگاھى بولسىمۇ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىپىسى ئېغىر بولسىمۇ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى مەسىلىسىدە ھېچقانداق ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە ئەمەس، دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى، بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇپ، پارتىيەنى سۆيۈش، پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى ھىمايە قىلىش ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەڭگۈ توختاپ قالمايدىغان جاسارەت ۋە ئىرادە بىلەن پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.  
     يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، ئىتتىپاق – مۇقىم قىلىپ، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق – ئىناق، ئاۋات – باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، ھەممەيلەن خاتىرجەم ياشايدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى