تەڭرىتاغ تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

چېن چۈەنگو چاغان ھارپىسىدا ئۈرۈمچىدىكى ھەرمىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرمىللەت خەلق ۋە بىڭتۈەندىكى كادىرلار، ئىشچى _خىزمەتچىلەرگە چاغانلىق گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى

    چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى سەمىمىي يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق ۋە بىڭتۈەندىكى كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە چاغانلىق گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى.
سۈرەتتە: چېن چۈەنگو تەڭرىتاغ رايونى جەنۇبىي داۋان يولىدا ئىشلەۋاتقان مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرىغا ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە چاغانلىق بەخت تىلىدى. (سۈي جىجيەن فوتوسى)

     ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى سەمىمىي يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق، بىڭتۈەندىكى كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە چاغانلىق گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى.
قىش كۈنلىرىدىكى ئۈرۈمچى ئاق لىباستىن تون كىيگەنىدى، چوڭ – كىچىك كوچىلار قويۇق چاغان كەيپىياتىغا تولغانىدى. چوڭ قىزىل پانۇس، قىپقىزىل دۆلەت بايرىقى ھەممىلا جاينى بايرام شادلىقىغا چۆمدۈرگەنىدى.
   باش باھار كېلىپ قالغان بولسىمۇ، ھاۋا يەنىلا سوغۇق ئىدى. مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرى قاتتىق سوغۇققا قارىماي، سەھەر تۇرۇپ، كەچ يېتىپ، جاپالىق ئىشلەپ، پۈتۈن شەھەرگە پاكىز، ئازادە مۇھىت ئاتا قىلدى. چېن چۈەنگو تەڭرىتاغ رايونى جەنۇبىي داۋان يولىغا كېلىپ، ئۇ يەردە ئىشلەۋاتقان مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: ‹‹كۆپچىلىك جاپا چەكتىڭلار، سىلەرنىڭ ئائىلەڭلەردىكىلەر بىلەن بىللە چاغاننى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈشۈڭلارغا تىلەكداشمەن!›› چېن چۈەنگو مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرى بىلەن بىرمۇبىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، قىزغىن ئەھۋاللاشتى. ئۇ: ‹‹كىرىمىڭلار قانداق؟››، ‹‹ئىش كىيىمىڭلار ئىسسىقمۇ؟››، ‹‹ئىسسىق تاماق يېيەلەمسىلەر؟›› دەپ سورىدى. چېن چۈەنگو كۆپچىلىكنىڭ ئەتىگەن سائەت 6:30دىن باشلاپ ئىشلەيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ناھايىتى تەسىرلەندى. ئۇ مۇنداق دېدى: سىلەر بۇ شەھەردىكى ئەڭ جاپاكەش كىشىلەر، شۇنداقلا ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەر. سىلەر ئەمگەكچان ئىككى قولۇڭلارغا تايىنىپ ۋە جاپالىق تەر ئاققۇزۇپ، مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان ئائىلىگە پاكىز، ئازادە مۇھىت يارىتىپ بېرىۋاتىسىلەر، سىلەر ئۈرۈمچىنىڭ مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىشىغا مۇھىم تۆھپە قوشتۇڭلار. پۈتۈن جەمئىيەتتىكىلەر مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ھۆرمەت قىلىپ، مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرىنىڭ ئەمگەك نەتىجىلىرىنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك. چېن چۈەنگو تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۆپچىلىكنى بىللە خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈشكە تەكلىپ قىلدى ھەم ئالاقىدار تارماقلاردىكى يولداشلارغا مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرىنىڭ چاغان مەزگىلىدىكى تۇرمۇشىنى جەزمەن ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارغا تىرىشىپ تېخىمۇ ياخشى خىزمەت، تۇرمۇش شارائىتى يارىتىپ بېرىشنى تاپىلىدى.
     چېن چۈەنگو TS123 ئاممىغا قولاي ساقچى پونكىتىدا: ‹‹كۆپچىلىكنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلەيمەن، ئائىلىسىگە بەخت تىلەيمەن!›› دېدى، شۇنداقلا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خەلق ساقچىلىرى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرىگە چاغانلىق بەخت تىلىدى. ئۇ تەۋەلىك رايوننىڭ ئامانلىق ساقلاش، نۆۋەتچىلىك قىلىش، ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا تەييارلىق قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئاممىغا قولاي ساقچى پونكىتىنىڭ باشلىقى تونۇشتۇرۇپ: بىر يىلدىن كۆپرەك تىرىشىش نەتىجىسىدە، تەۋەلىك رايونىمىزدا ئامانلىق دېلوسى، جىنايى ئىشلار دېلولىرى زور دەرىجىدە ئازايدى، ھەر مىللەت ئامما ئاممىغا قولاي ساقچى پونكىتى بولغاچقا، بىخەتەر بولدۇق ھەم ئىشلىرىمىز قولايلاشتى دېيىشتى، دېدى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: ‹‹سىلەر ئىش ئورنۇڭلاردا چىڭ تۇرۇپ، ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشۇپ، ئۆزۈڭلار جاپا چېكىش بەدىلىگە نۇرغۇن ئائىلىگە خۇشاللىق ئاتا قىلدىڭلار، مەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن سىلەرگە، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى مۇقىملىقنى قوغداش كۈچلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا رەھمەت ئېيتىمەن، كۆپچىلىكنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلەيمەن!›› چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى مۇقىملىقنى قوغداش كۈچلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى باشتىن-ئاخىر ياڭرىتىپ، مۇداپىئەنى چىڭىتىپ، كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭ تارتىپ تۇرۇشتەك يۈكسەك ھوشيار ھالەتنى ساقلاپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختى، ئامانلىقى ۋە سالامەتلىكى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل ئىناقلىقى، مۇقىملىقى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
     چېن چۈەنگو نامرات ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. ئۇ ئالايىتەن تاشبۇلاق ئارقا كوچىسى مەھەللىسىگە كېلىپ، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى يوقلىدى. تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان گۈلنىسا ئىسمائىل ئەمدىلا قۇرامىغا يەتكەن ئوغلى ئەزىمەت مەمەت بىلەن بىللە تۇراتتى. چېن چۈەنگو ئانا-بالا ئىككىيلەن بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ، مېھرىبانلىق بىلەن ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. گۈلنىسا ئىسمائىل چېن چۈەنگوغا: تۆۋەن كاپالەت پۇلىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتىمەن، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتىم، مەھەللىنىڭ ياردىمىدە ئوغلۇممۇ ئىشلەۋاتىدۇ، تۇرمۇشىمىز كاپالەتكە ئىگە بولدى، دېدى. ئۇ باش شۇجى شى جىنپىڭغا، پارتىيەگە، ۋەتەنگە چىن كۆڭلىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، دۆلەت بايرىقىنى مېھمانخانىسىنىڭ ئەڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە ئاسقانىدى. چېن چۈەنگو گۈلنىسا ئىسمائىلغا ھال سوراش پۇلى بەردى ھەم ئۇنى رىغبەتلەندۈرۈپ: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت جەزمەن سىلەرگە ئوخشاش ئائىلىلەرگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆپچىلىكنى تېخىمۇ ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرىدۇ. دۆلەت قۇدرەت تاپسا، مىللەت گۈللەنسە، ھەممەيلەن ياخشى كۈن كۆرەلەيمىز. بىز شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەگە مەڭگۈ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك، دېدى.
     چېن چۈەنگو تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان جۇ خۈەيلياڭنىڭ ئائىلىسىدە، بوۋاي، موماي بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. 78 ياشلىق جۇ خۈەيلياڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا كەلگىنىمگە 50 نەچچە يىل بولدى، شىنجاڭدىكى تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەرگە شاھىت بولدۇم. بولۇپمۇ ھازىر شەھەرلەر تېخىمۇ گۈزەللىشىپ، ھەر مىللەت ئامما تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىپ، ئامانلىق مۇھىتى بارغانسېرى ياخشىلاندى، ئەر-خوتۇن ئىككىمىز بارغانسېرى بەختلىك ياشاۋاتىمىز. چېن چۈەنگو بۇ ياشانغان ئەر-خوتۇنلارغا سالامەتلىك ۋە ئۇزاق ئۆمۈر تىلىدى، ئۇلارنىڭ چاغىنىنى قۇتلۇقلىدى! چېن چۈەنگو مەھەللە خىزمەتچىلىرىگە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى ئۆز تۇغقىنى، ئائىلە ئەزاسى دەپ بىلىپ، داۋاملىق يېنىغا بېرىپ، ئۇلارنى يوقلاپ ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىپ، مېھىر-مۇھەببىتى بىلەن ئۇلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەملىشىپ، ئۇلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشنى تاپىلىدى.
    چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغۋار پىلان سۈرەتلەندى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ، خىزمەتلەرنى پۇختا، ئەمەلىي ئىشلەپ، بىرلىكتە تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسى، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشىمىز كېرەك.
    ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۈ خەيرۇڭ، سارقىت ئاقان ھال سوراشتا بىللە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يۈننەندىكى گۈل بازارلىرى قىزىپ كەتتى
  • غۇلجىدا يەرلىك پائالىيەتلەر قىزىپ كەتتى
  • مۇز چۆگۈن ئەر-ئاياللار جۈپ ئويناش مۇسابىقىسى: ئېلىمىز كوماندىسى ئامېرىكا كوماندىسىنى يەڭدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى