تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ چاغان ھارپىسىدا سىچۈەنگە بېرىپ، ھەرمىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى

پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ تېخىمۇ گۈللەپ ياشنىشىنى تىلىدى

        شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چېڭدۇ، 2 – ئاينىڭ 13 – كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ سىچۈەنگە بېرىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە چاغانلىق گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى.

     باش باھاردىكى سىچۈەن ھاۋا ھېلىھەم سوغۇق بولسىمۇ، لېكىن جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى. شى جىنپىڭ 2 – ئاينىڭ 10 – كۈنىدىن 13 – كۈنىگىچە سىچۈەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ دۇڭمىڭ، ئۆلكە باشلىقى يىن لىنىڭ ھەمراھلىقىدا، لياڭشەن يىزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئابا زاڭزۇ – چياڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، چېڭدۇ شەھىرى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، كەنت – بازار، كارخانا، مەھەللىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى، ۋېنچۈەننىڭ ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش تەرەققىيات ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىغا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى يەتكۈزدى.
     سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان لياڭشەن يىزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى مەملىكەت بويىچە يىزۇلار ئولتۇراقلاشقان ئەڭ چوڭ رايون ۋە سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى مىللەت تۈرى، ئاز سانلىق مىللەتلەر نوپۇسى ئەڭ كۆپ رايون. تەبىئىي شارائىتى ناچار ۋە تەرەققىياتى نىسبەتەن ئارقىدا بولغاچقا، بۇ ئوبلاست مەملىكەت بويىچە مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ بىرى، ئوبلاستتىكى 17 ناھىيە، شەھەرنىڭ 11ى دۆلەتنىڭ يۆلەش – ئېچىش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ناھىيە، شەھەر. شى جىنپىڭ بۇ جايدىكى ئاممىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلدى. 2 – ئاينىڭ 11 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن قاردىن كېيىنكى دالياڭ تېغى ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمگەنىدى، يول بويى تۇمان سۆڭگىسى ئۈستىدە كۈمۈش نۇرلار جىمىرلايتتى. شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ، تىك ھەم چوڭقۇر جىلغا بويلىغان پەنشەن تاشيولىدا تۆت سائەتتىن ئارتۇق يول يۈرۈپ، دالياڭ تېغىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان جاۋجۆ ناھىيەسى سەنچاخې يېزىسىنىڭ سەنخې كەنتى ۋە جيېفاڭ يېزىسىنىڭ خوپۇ كەنتىگە بېرىپ، نامرات ئاممىنى يوقلىدى.
     سەنخې كەنتى دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 2500 مېتىردىن كۆپرەك كېلىدىغان، يىزۇلار ئولتۇراقلاشقان نامرات كەنت. شى جىنپىڭ تاشلىق چىغىر يولنى بويلاپ كەنتكە پىيادە كىرىپ، كەنتنىڭ قىياپىتى ۋە ئەتراپتىكى تەبىئىي مۇھىتنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ كەنتتىكى جىخاۋ يېچيۇ، جيېليې ئېئامۇ ئائىلىسى قاتارلىق ئىككى نامرات ئائىلىنى يوقلىدى، ئىشىك ئالدىدىكى نامراتلارنى يۆلەش ئالاقە كارتىسىنى تەپسىلىي كۆردى، ئۆي ئىگىلىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، تۇرمۇشىنى قانداق ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى، قانداق كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى، كىرىمىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى، پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرەلىگەن – كىرەلمىگەنلىكى قاتارلىق ئەھۋاللارنى سورىدى. ئۇ ئون ياشلىق قىزچاق جىخاۋ يۇگۇ ئېيتقان ‹‹دۆلەت بايرىقى ھەقىقەتەن گۈزەل›› دېگەن ناخشىنى زور ئىشتىياق بىلەن ئاڭلىدى ھەم باشلامچىلىق بىلەن چاۋاك چالدى. شى جىنپىڭ جيېليې ئېئامۇنىڭ ئۆيىدە كەنت ئاھالىلىرى ۋەكىللىرى، كەنتتە تۇرۇشلۇق نامراتلارنى يۆلەش خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن بىللە چوغداننى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، شۇ جاينىڭ نامراتلىق سەۋەبىنى بىرلىكتە تەھلىل قىلدى، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرىنى تۈزدى. كۆپچىلىك ئاددىي، جانلىق تىل بىلەن باش شۇجىنى كۆرگەندىكى خۇشاللىقى ۋە بەختىيارلىق تۇيغۇسىنى ئىپادىلىدى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يىزۇ قېرىنداشلارغا غەمخورلۇق قىلغانلىقى ۋە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى بايان قىلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ يۇرتداشلارغا يەتكۈزگەن زور ئەمەلىي پايدىسىنى سۆزلىدى، ھەممەيلەن سۆزلەۋېتىپ ھاياجانلانغىنىدىن ياش تۆكتى. شى جىنپىڭ چوڭقۇر مېھىر – مۇھەببەت بىلەن مۇنداق دېدى: ‹‹مەن يىزۇ ئاممىسىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدىم، بۇ يەرگە كېلىپ كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىنىڭ كۈندىن  – كۈنگە ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن خۇشال بولدۇم››. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كەنتنىڭ تېرىقچىلىق، باقمىچىلىقنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرغانلىقىنى، ئەلا نەسىللىك كالا، چوشقا، قويلارنى كىرگۈزگەنلىكىنى، ھەممە ئائىلىلەرنىڭ ياڭيۇ، كاۋاۋىچىن تېرىغانلىقى، ياڭاق تىككەنلىكىنى، دېھقانلار كىرىمىنىڭ سىجىل ئېشىۋاتقانلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ ناھايىتى خۇشال بولدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۆزگىچە كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش، ئۇزاققىچە مۇقىم بېيىشتا ئىختىساسلىقلارغا تايىنىمىز. يەرلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنى مەدەنىيەت، ماھارەت ئۆگىنىش، ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ناچار ئۆرپ – ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش، تىرىشىپ ئەمگەك قىلىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلەش كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىزنىڭ سوتسىيالىزم قۇرۇشىمىز ھەر مىللەت خەلقنى بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈندۇر. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ئەڭ مۈشكۈل، ئەڭ ئېغىر ۋەزىپە نامرات رايونلاردا، بولۇپمۇ ئېغىر نامرات رايونلاردا، بۇ قىيىن مەسىلە قانچىلىك ئېغىر بولۇشتىن قەتئىينەزەر، چوقۇم ھەل قىلىشىمىز، بۇ جەڭ قانچىلىك قىيىن بولۇشتىن قەتئىينەزەر، چوقۇم غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەر قانداق بىر مىللەتنى، ھەر قانداق بىر ئائىلىنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ.
     جيېفاڭ يېزىسىنىڭ خوپۇ كەنتى باشقا جايدىكى نامراتلار كۆچۈرۈپ يۆلىنىدىغان يېڭى كەنت، كەنتتە نامراتلار كۆچۈرۈپ كېلىنىدىغان يېڭى ئۆيلەر يول بويلاپ تاغقا يانداشتۇرۇپ سېلىنغانىدى. شى جىنپىڭ نامرات ئائىلە جىدى ئېرزى ئائىلىسىنىڭ يېڭى ئۆيىگە كىرىپ، قورۇدىكى سۇپىدا تۇرۇپ، خوپۇ كەنتىنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىگە نەزەر سالدى، بۇ كەنتنىڭ باشقا جايدىكى نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش، يىزۇلار يېڭى يېزىسى، يېڭى كەنتى قۇرۇلۇشى، كەسىپلەر بويىچە نامراتلارنى يۆلەش ۋە جامائەت مۇلازىمىتى كاپالىتى قاتارلىق ئەھۋاللىرى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، ئاندىن ئۆيگە كىرىپ تۇرالغۇ ئۆي ئىقتىدارى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كۆزدىن كەچۈردى، بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش  نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى، بۇ خىزمەتنى جەزمەن ياخشى، ئەمەلىي ئىشلەش كېرەك. كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇشتا كەسىپنى راۋاجلاندۇرۇش بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كۆچۈرۈلىدىغان ئاممىنى ئولتۇراقلىشالايدىغان، ئىشقا ئورۇنلىشالايدىغان، تەرەققىي قىلالايدىغان بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.
    باش شۇجى كەنتتىن ئايرىلغاندا، يىزۇچە كىيىملىرىنى كىيىپ چىرايلىق ياسانغان كەنت ئاھالىلىرى ئۇزۇن ئۆچرەت بولۇپ، بىرلىكتە باش شۇجىغا سالام بەردى، باش شۇجىنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى كەنت ئاھالىلىرىگە ۋاكالىتەن باش شۇجىغا يىزۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىمى چارۋانى تەقدىم قىلىپ، باش شۇجىغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ يۇرتداشلار بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، يۇرتداشلارنىڭ چاغىنىنىڭ قۇتلۇق بولۇشىنى، تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشىنى تىلىدى. كەنت ئاھالىلىرى تەسىرلەنگەن ھالدا ‹‹مېھماننى تۇتۇپ قېلىش ناخشىسى››نى ئېيتتى. چاۋاك، ناخشا، ئالقىش سادالىرى كەنتتە ئۇزاققىچە ياڭرىدى.
     شى جىنپىڭ شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن شىچاڭدىن چېڭدۇغا باردى. ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا تيەنفۇ يېڭى رايونىغا كېلىپ، بۇ رايوننى كۆزدىن كەچۈردى. تيەنفۇ يېڭى رايونى 2014 – يىلى 10 – ئايدا دۆلەت دەرىجىلىك يېڭى رايون بولۇپ تەستىقلانغانىدى. شى جىنپىڭ سىن، قۇم مودېلى، كۆرگەزمە تاختىسىغا بىرلەشتۈرۈپ، شىڭلۇڭ كۆلى ئېكولوگىيەسىنى تۈزەش نەتىجىسى، كۆل بويىغا ئورۇنلاشقان كەسىپلەرنىڭ يىرىك پىلان ئورۇنلاشتۇرمىسى، جۇڭگو (سىچۈەن) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تيەنفۇ يېڭى رايونى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى ۋە چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى تەرەققىياتىدىكى مۇھىم نۇقتا، ئۇنى جەزمەن ياخشى پىلانلاپ، ياخشى قۇرۇش، بولۇپمۇ باغچە شەھەر ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئېكولوگىيە قىممىتىنى ئويلىشىپ، يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇق ئوچۇق ئىقتىساد ئۈستۈنلۈكىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
     ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر كەسپى ئەمەلىي ئىقتىسادتىكى مۇھىم كەسىپ. شى جىنپىڭ بۇ ساھەدىكى ئەڭ يېڭى ئىلگىرىلەشلەرگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. شى جىنپىڭ چېڭدۇ جۇڭديەن مۈشۈكئېيىق ئېكران پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدە شىركەتنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ۋە سىچۈەن ئۆلكىسى، چېڭدۇ شەھىرىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر كەسپىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، كارخانىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا تىزگىنلىگىلى بولىدىغان تور ئۇچۇر بىخەتەرلىكى مەھسۇلاتلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم سېخقا چوڭقۇر چۆكۈپ، يېڭى بىر ئەۋلاد سۇيۇق كىرىستال تاختىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش، تېخنولوگىيە تەرتىپىنى كۆردى. ئۇ كارخانىلارنى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئارمىيە، خەلقنىڭ يۇغۇرما كەسىپلىرىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنى جۇڭگودا ياساشنى جۇڭگودا ئىجاد قىلىشقا ئايلاندۇرۇش، جۇڭگوچە سۈرئەتنى جۇڭگوچە سۈپەتكە ئايلاندۇرۇش، جۇڭگو مەھسۇلاتلىرىنى جۇڭگونىڭ داڭلىق ماركىسىغا ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە رىغبەتلەندۈردى.
     بۇ يىل ۋېنچۈەن ‹‹12 – ماي›› پەۋقۇلئاددە ئېغىر يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ ئون يىللىقى. ئون يىل ئىلگىرىكى ئاشۇ ئېغىر يەر تەۋرەشتە تاغلار گۈمۈرۈلۈپ، يەرلەر يېرىلىپ، بۇ جاي خارابىگە ئايلانغان، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلكى زور زىيانغا ئۇچرىغانىدى. شى جىنپىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش ئەھۋالى قانداق بولدى؟ ئاممىنىڭ تۇرمۇشى قانداق؟ دېگەن مەسىلىلەرگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. ئۇ 2 – ئاينىڭ 12 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئالايىتەن ئابا ئوبلاستىنىڭ ۋېنچۈەن ناھىيەسى يىڭشيۇ بازىرىغا كەلدى. بۇ، ۋېنچۈەندىكى پەۋقۇلئاددە ئېغىر يەر تەۋرەشنىڭ مەركىزىي رايونى ئىدى. ئون يىل ئىلگىرى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بېرىپ ئۇزاق ئۆتمەي، شى جىنپىڭ قالدۇق يەر تەۋرەش خەۋپىگە قارىماي بۇ يەرگە كېلىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرگەن، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىدىن ھال سورىغانىدى. ئون يىل ئۆتۈپ كەتتى، بۇ جايدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى، بۇ جاي ئىناقلىق، خاتىرجەملىككە تولدى. شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن شۈەنكو ئوتتۇرا مەكتىپى خارابىسىگە كېلىپ، ۋېنچۈەندىكى پەۋقۇلئاددە ئېغىر يەر تەۋرەشتە قازا قىلغان قېرىنداشلار ۋە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جەريانىدا ھاياتىنى تەقدىم قىلغان قەھرىمانلارغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلدى ھەم ئۈچ تەزىم قىلدى. ئۇ يەر تەۋرەش خارابىسىنى ياخشى قوغداپ، ئۇنى مۇھىم ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسىغا ئايلاندۇرۇشنى تاپىلىدى.
      ئاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ يىڭشيۇ بازىرى، چاڭجىن بازىرىغا باردى. بۇ جاينىڭ كوچىلىرى ياخشى پىلانلانغان، رەتلىك ئىدى، قاتار كەتكەن دۇكانلاردا چاغان تۈسى ناھايىتى قويۇق ئىدى. شى جىنپىڭ كوچا ئېغىزىدا ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ، كۆرگەزمە تاختىسىغا بىرلەشتۈرۈپ ۋېنچۈەندىكى پەۋقۇلئاددە ئېغىر يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش، تەرەققىي قىلدۇرۇشتا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە ئېلىمىز سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكى نامايان قىلىندى، كەسىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە داۋاملىق كۈچەپ، خەلقنىڭ يۇرت – ماكانىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
     جياڭ ۋېيمىڭنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ‹‹شياڭزى چېيى›› ماركىسىدا چاي تىجارىتى قىلىپ، يەرلىكتىكى بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ چاي يىغىش، چاي ياساش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنى چاي دۇكىنىنى كۆرۈپ بېقىشقا قىزغىن تەكلىپ قىلدى. شى جىنپىڭ ئەنئەنىۋى قارا چاي ياساشنىڭ ئىش تەرتىپىنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، ئۆز قولى بىلەن سېرىق ماي قوشۇلغان چاي ياسىدى. شى جىنپىڭ كىچىك توقاچ چاينىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› بويىدىكى جايلارغا سېتىلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ چاي ياساش كەسپىنى يەنىمۇ مۇكەممەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشىشىنى، داڭلىق ماركا يارىتىشىنى، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا يەنىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
     يېقىن ئەتراپتىكى ‹‹بوئەي›› يېڭى كەنتى مېھمانخانىسىدا چۈشلۈك تاماق تەييارلىقى قىلىنىۋاتاتتى. شى جىنپىڭ مېھمانخانىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇلاردىن سودىسىنىڭ قانداقراق ئىكەنلىكىنى، بىر يىلدا قانچىلىك كىرىم قىلىدىغانلىقىنى سورىدى. مېھمانخانىنىڭ خوجايىنى ياڭ يۈنگاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭغا ئەھۋالىنى دوكلات قىلىپ: پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىدا ھازىر مېھمانخانىمىزدا ھەممە پەسىلدە خېرىدارلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ. كىرىمىم ئائىلىمىزدىكى ئالتە جاننى بېقىشقا يېتىپ ئاشىدۇ، دېدى. شى جىنپىڭ بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بەكمۇ خۇشال بولدى ھەم خوجايىننىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇلار بىلەن تەڭ گۆشنى قىزارتىپ پىشۇرۇپ، پۇرچاق تالقىنى ياسىغاچ، بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن پاراڭلاشتى، نەق مەيداندا قاينام – تاشقىنلىق مەنزىرە نامايان بولدى. شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ كەلگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلاپ يېتىپ كەلگەن ئامما بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى، كۆپچىلىكنىڭ ئەمگەكچان ئىككى قولىغا تايىنىپ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشتا تېخىمۇ چوڭ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
     شى جىنپىڭ يىڭشيۇ بازىرىدىن ئايرىلىپ، يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئەڭ بالدۇر يولغا قويغان چېڭدۇ شەھىرىنىڭ پىدۇ رايونى جەنچى كەنتىگە كېلىپ، خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى. بۇ كەنت مەملىكەت دەرىجىلىك مەدەنىي كەنت، سىچۈەن ئۆلكىسى بويىچە كوللېكتىپ ئىگىلىكى ئون كۈچلۈك كەنتنىڭ بىرى، كەنتنىڭ كوللېكتىپ مۈلكى 46 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ، يىللىق كوللېكتىپ ئىگىلىكى كىرىمى 4 مىليون 600 مىڭ يۈەندىن، كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 26 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ. شى جىنپىڭ ‹‹رەڭدار جەنچى›› ئۆزگىچە كەسىپلەر تور لىنىيە مۇلازىمەت چوڭ زالىغا كىرىپ، ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ۋە سىچۈەن كەشتىچىلىكى قاتارلىق قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسىنى كۆردى، ‹‹ئالاقە تورى + ھەمبەھرە يېزا ئىگىلىكى›› تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق سۇپىسىدا مەشغۇلات جەريانىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۆزى يېنىدىن پۇل چىقىرىپ، يەرلىك ئامما تىككەن لاتا ئاياغدىن بىر جۈپ سېتىۋالدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، شەھەر – يېزىلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيە، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىدىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەت دەپ بىلىش، تۇرمۇشنى بېيىتىشنى يېزا – كەنتلەرنى بېيىتىش ئىستراتېگىيەسىدىكى مەركىزىي ۋەزىپە دەپ بىلىش، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى پۇختا، ياخشى يولغا قويۇش كېرەك.
     چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، كەنتتىكىلەر ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ئوپچە سۈرەتكە چۈشۈپ، باھار بېغىشلىمىسى يېزىپ، گۈرۈچ كۇمىلىچى ياساپ، چاغانلىق مول ئەنئەنىۋى پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرغانىدى. شى جىنپىڭ بارغانلىكى يېرىدە قەدىمىنى توختىتىپ، ئامما بىلەن پاراڭلاشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹مەن خەلقنىڭ خىزمەتكارى، خەلقنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە ئاساسىي مەقسىتى››. يولغا چىقىش ئالدىدا، كەنت ئاھالىلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنى ئورىۋېلىپ، ئۇنىڭغا ئالقىش ياڭراتتى ۋە ئۇنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ كەنت ئاھالىلىرىگە قىزغىن قول ئىشارىتى قىلىپ، يۇرتداشلارغا خاتىرجەملىك، ياخشى تۇرمۇش تىلىدى، ئۇلارنىڭ چاغاننى خۇشال ئۆتكۈزۈشىگە، ھەممە ئائىلىنىڭ بەختكە چۆمۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
     شى جىنپىڭ 2 – ئاينىڭ 13 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سىچۈەن ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى. سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئېرىشكەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، سىچۈەننى ئىدارە قىلىش ۋە گۈللەندۈرۈشنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.
     شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ، جۇڭگودىن ئىبارەت 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە بۇ غايەت زور پاراخوتنىڭ ئىلگىرىلىشىگە يۈرۈش بەلگىسى تىكلەپ بەردى. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەت پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىپ، ياخشى ئىگىلەپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدىكى تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى، باغلىنىشچانلىقى، ماسلىشىشچانلىقىنى ياخشى ئىگىلەپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيەمىز ئېلىپ بارغان ئۇلۇغ كۈرەشلەر، ئۇلۇغ قۇرۇلۇشلار، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئەمەلىيىتىنى ئىگىلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈشى كېرەك. كۆپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى ئىگىلەپ، دىققەتنى چىڭ تۇتۇشقا قارىتىپ، ئاخىرغىچە چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەشكە كۈچەپ، قۇرۇق گەپ قىلىشتىن ساقلىنىپ، دەل جايىدا كۈچەپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەمەلىي ئىشلىشى كېرەك.
     شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلىتىمىز ئىقتىسادى يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى، زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسى بەرپا قىلىش  ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانى. ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاش، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىش، شەھەر – يېزىلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسى بوشلۇقى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش كېرەك. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇش، ئاسمىنى تېخىمۇ كۆك، زېمىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيى تېخىمۇ سۈزۈك بولۇش بىلەن گۈزەل شەھەر – بازار، گۈزەل يېزا – كەنت قۇرۇشنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش، گۈزەل تاغ – دەريالار بىلەن گۈزەل ئولتۇراق رايونلارنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش كېرەك. ئىسلاھاتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى ئاشۇرۇش، كەسىپ قۇرۇلمىسى سەر خىل، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى كۈچلۈك، رايون ئورۇنلاشتۇرمىسى ماس، شەھەر – يېزىلارنىڭ تەرەققىياتى بىرلەشكەن، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى گۈزەل، خەلق بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرىدىغان تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسى بەرپا قىلىش كېرەك.
     شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: خەلقنى مەركەز قىلىشتەك تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، دائىم خەلقنىڭ غېمىنى يېيىش، خەلقنى سۆيۈش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنى كۆڭۈلگە پۈكۈش، قاراتمىلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك، قاپلاش دائىرىسى تېخىمۇ كەڭ، رولى تېخىمۇ بىۋاسىتە، ئۈنۈمى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، داۋالاش – ساقلىقنى ساقلاش، ئىجتىمائىي كاپالەت، ئىجتىمائىي مۇقىملىق قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىش، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىش، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىش كېرەك. تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقنى چىڭ تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، بىرلىكتە گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەملىكەت بويىچە مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىنچىكە، يەنىمۇ پۇختا ۋە يەنىمۇ سىجىل ئىشلەش كېرەك.
     شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇلدى، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنىڭ پارتىيەنىڭ تۈپ قۇرۇلۇشى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى، بۇنىڭدا يىراق كەلگۈسى كۆزدە تۇتۇلغان، شۇنداقلا تولۇق نەزەرىيەۋى ۋە ئەمەلىي پاكىت ئاساس قىلىنغان. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەشەببۇسىغا قەتئىي ئاۋاز قوشۇش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارارىنى قەتئىي ئورۇنداش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چەكلىگەننى قەتئىي چەكلەش كېرەك. ج ك پ 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئاساسىي قانۇن ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئاساسىي قانۇننى ھۆرمەتلەش، ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىش، ئاساسىي قانۇنغا رىئايە قىلىش، ئاساسىي قانۇننى ھىمايە قىلىش، ئاساسىي قانۇندىن پايدىلىنىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىش ۋە شۇنداق قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك. يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا دائىر بىر قانچە مىزاننى كەسكىن ئىجرا قىلىش، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش، ئىجابىي، ساغلام بولغان پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي مەدەنىيەتنى يارىتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ياخشى سىياسىي مۇھىت بەرپا قىلىش كېرەك.
     دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې ۋە مەركەزنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈشتە بىللە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.