ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى كادىرلار يىراقتىن كەلگەن «تۇغقان»لىرىنى كۈتۈۋالماقتا
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋىرى، فوتوسى: باي ناھىيە سايرام بازىرىنىڭ ھەر قايسى كەنتلىرىدىن تەشكىللەنگەن 10 نەپەر كەنت ئاھالىسى يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى «تۇغقان»لىرىنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن پويىزغا ئولتۇرۇپ، ئۈرۈمچىگە بېرىپ «تۇغقان»لىرىنى يوقلىدى. ئۇلار «تۇغقان»لىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا مەركىزىي شەھەرنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ، ئۈرۈمچىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلدى.