تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

ھامىلىدارلارنىڭ قان شېكىرى يۇقىرى بولسا، بالا تۇغما يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولىدىكەن

  ئامېرىكا ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنستىتۇتىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، ھامىلىدارلارنىڭ قان شېكىرى ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئۆرلىسە، بالىنىڭ تۇغما يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئاشىدىكەن.

  بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتىكى بالىلار بۆلۈمى يۈرەك كېسەللىكى مۇتەخەسسىسلىرى 20 مىڭغا يېقىن ئايال ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرىنىڭ كېسەللىك خاتىرىسىنى تەكشۈرگەن. ھامىلىدار بولۇشتىن ئاۋۋالقى دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ئاياللار ۋە ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ئاياللارنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىنكى تەھلىل قىلىش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئاياللار ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە قاندىكى قەنت مىقدارى ھەر قېتىمدا 0.56مىللىمول/ لىتىر كۆپەيسە، بالىسىنىڭ تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى %8 ئۆرلەيدىكەن.

  «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى» دىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • فىلىم: يېشىل سەددىچىن سېپىلى — كۆكيار
  • قوشماقلاشقان تۇغقانلار فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە
  • كۈز ئايلىرىدا گۈزەل تۈسكە كىرگەن قايدۇ دەرياسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى