تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

سەھرا ئارامگاھى تىجارەتچىلىرىنىڭ چېھرىدە كۈلكە

  مېھرىگۈل ناسىر، ليۇ خۇڭ، ياۋ گاڭ

  __ غولپىياز – قېرىنقۇلاق قورۇمىسىغا قانداق تېتىتقۇلار سېلىنىدۇ؟

  __ بېلىق تەملىك گۆش قورۇمىسى قورۇغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ ...

  مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىي تاغلىق رايونىدىكى دۇڭچىڭ بازىرى، دانەنگو ئۆزبەك مىللىي يېزىسى، چۆرىن يېزىسى قاتارلىق يېزا – بازارلاردا سەھرا ئارامگاھى ئاچىدىغان 60 نەچچە تىجارەتچى 7- فېۋرال ناھىيە ئۇيۇشتۇرغان ‹‹2018 – يىللىق جەنۇبىي تاغلىق رايونى سەھرا ئارامگاھى تىجارەتچىلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى››غا قاتناشتى.

  __ بىر خىل خام سەيگە بۇنچە كۆپ تېتىتقۇ سالىدىغانلىقىنى ئويلىماپتىكەنمەن، مەن ئىلگىرى خام سەي تەييارلىغاندا قارىمۇچ، زەنجىۋىل سالمايتتىم، -دېدى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ دانەنگو ئۆزبەك مىللىي يېزىسى ئاققاباق كەنتىدىكى چارۋىچىلار سەھرا ئارامگاھى تىجارەتچىسى ئاجارخان مۇرات.

  __ ئاجارخان مۇرات يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى بىلەن 2017 – يىلى مايدا چارۋىچىلار سەھرا ئارامگاھى ئېچىپ، ئۆزى ھەم ئاشپەز، ھەم كۈتكۈچى بوپتۇ. يازدا ساياھەتچىلىكنىڭ بېسىق مەزگىلىدە كۈنىگە 60قا يېقىن ساياھەتچىنى كۈتۈۋالىدىكەن. ئۇ بىزگە مۇنداق دېدى:

  __ بۇلتۇر سەھرا ئارامگاھى ئېچىپ، 30 نەچچە مىڭ يۈەن كىرىم قىلدىم. بۇ يىلنىڭ بېشىدا ناھىيەنىڭ ‹‹چارۋىچىلار سەھرا ئارامگاھى تىجارەتچىلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى›› ئاچىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ دەرھال تىزىملاتتىم، كۇرسقا قاتنىشىپ نۇرغۇن يېڭى قورۇمىلارنى قورۇشنى ئۆگىنىۋالدىم، قورۇمىلىرىممۇ ئىلگىرىكىدىن تەملىك چىقتى، بۇ يىل ئۆگەنگەنلىرىمدىن پايدىلىنىپ تىجارەت دائىرەمنى كېڭەيتىشنى ئويلاۋاتىمەن.

  مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك ساياھەتچىلىكنى ئېچىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ يۈتاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ناھىيەمىزنىڭ تەبىئىي مۇھىتى ئۆزگىچە، ناھىيەمىز مۇشۇ ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنىپ، ‹‹مەملىكەت بويىچە رايون ساياھەتچىلىكى سىناق نۇقتىسى›› بەرپا قىلدى. ناھىيە تەبىئىي مۇھىتنى قوغداش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تاغلىق رايوندىكى دېھقان – چارۋىچىلارنى ئەۋزەل تەبىئىي مۇھىتتىن پايدىلىنىپ، چارۋىچىلار سەھرا ئارامگاھى ئېچىپ بېيىشقا يېتەكلىدى. ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئەۋزەل مۇھىت بولغاندىن سىرت، مۇلازىمەتمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئۇلارنى تەربىيەلەشتىكى مەقسىتىمىزمۇ تىجارەتچىلەرنىڭ قىزغىن مۇلازىمىتى، تەملىك قورۇمىلىرى بىلەن تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ناھىيەمىزگە ساياھەتكە كېلىشكە يېتەكلەش ئۈچۈن.

  بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش كۇرسىغا ناھىيەلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، چارۋىچىلار سەھرا ئارامگاھى تىجارەتچىلىرىنى ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان تېخنىكا بىلىملىرى بويىچە ھەقسىز تەربىيەلەپ، چارۋىچىلار سەھرا ئارامگاھىنىڭ يېمەك – ئىچمەك، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە ئاساس ساپتۇ. 15 كۈنلۈك تەربىيەلەش كۇرسىدا كۇرسانتلار تۈرلۈك قورۇما، خام سەيلەرنى تەييارلاشنى ئۆگەنگەندىن سىرت، ئەدەپلىك سۆزلەرنى ئىشلىتىش ۋە مېھمان كۈتۈش قائىدىلىرى قاتارلىق جەھەتلەردىن تەربىيەلىنىپتۇ.

  كۇرستا ئاشپەزلىك ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەيدىغان ئوقۇتقۇچى ئوڭغارسىن مۇقان بىزگە مۇنداق دېدى: كۇرسانتلارنىڭ قورۇما، خام سەيلەرنى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تېزرەك ئۆگىنىۋېلىشى ئۈچۈن، چۈشتىن بۇرۇن نەزەرىيە بىلىملىرىنى ئۆگەتتۇق، چۈشتىن كېيىن ئەمەلىي مەشغۇلات ئېلىپ بېرىپ، ھەر بىر كۇرسانت تەييارلىغان قورۇمىلارنى نومۇر قويۇپ باھالىدۇق.

  كۇرسانت ئاجار كامالنىڭ چارۋىچىلار سەھرا ئارامگاھى ئاچقىنىغا تۆت يىل بوپتۇ. ئۇ 2017 – يىلى ئەسلىدە بار بولغان تۆت كىگىز ئۆي ئاساسىدا يەنە ئىككى قەۋەتلىك ئۆي سېلىپ، بىرىنچى قەۋىتىنى ئاشخانا، ئىككىنچى قەۋىتىنى ياتاق قىلغان ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇنداق نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەت بىرلەشتۈرۈلگەن تەربىيەلەش شەكلى ئارقىلىق نۇرغۇن يېڭى قورۇمىلارنى تەييارلاش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىۋالدۇق، ئەمدى ئارامگاھىمىزنىڭ قورۇما ۋە تاماق تۈرلىرىمۇ كۆپىيىدىغان بولدى. بۇ يىل كەنتىمىزدىكى نامرات ئاھالىلەرنى ئارامگاھىمىزغا كېلىپ ئىشلەشكە تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنى ساياھەتچىلىك ئارقىلىق بېيىشقا يېتەكلەيمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى