تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

«كەنتكە چىڭ باغلانغاچ مېھرىمىز، ئايرىلىشقا چىدىمىدى كۆڭلىمىز»

  جېن شىشىن خەۋىرى، فوتوسى

  كەنت ئاھالىلىرى 5-فېۋرال سەھەردىلا كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىغا كېلىپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرىنى ئۇزاتماقتا.

  5-فېۋرال سەھەردە قاراقاش ناھىيەسى ماڭلاي يېزىسى ئاقتام كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى ھويلىسى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا كەلگەن كەنت ئاھالىلىرى بىلەن لىق تولدى. شۇ كۈنى يەنە شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى لى چاۋ بىلەن فۇ جيەنجۈننىڭ كەنت ئاھالىلىرى بىلەن خوشلىشىدىغان كۈنى ئىدى.

  دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئاقتام كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئەبەيدۇللا مۇھىبۇللا كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا كۆپچىلىككە: 2017 – يىللىق كەنتىمىزگە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىدىكى ئىككى كادىر بۈگۈن قايتماقچى، دېدى.

  بايراق چىقىرىش خادىسى يېنىدا 300دىن كۆپرەك كەنت ئاھالىسى بۇ ئىككى كادىرنى ئورىۋېلىشقانىدى. قول ئېلىشىش، قۇچاقلىشىش... ھەممەيلەننىڭ ئايرىلىشقا كۆزى قىيماي، ‹‹خوش›› دېيىشكە تىلى بارمايۋاتاتتى!

  78 ياشلىق كەنت ئاھالىسى غوجامنىياز توختىغوجام لى چاۋنىڭ قولىنى چىڭ سىقتى ۋە گەپ قىلا – قىلمايلا كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلدى. ئۇ: لى شۇجى، بىزنىڭ كېسىلىمىزنى سىز داۋالىدىڭىز، بىزگە دورا ئەكىلىپ بەردىڭىز، كەنتىمىزگە نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بەردىڭىز، بىزنىڭ ئۆيگە بېرىپ، بىرەر ۋاق تاماق يەپ ئاندىن مېڭىڭ، دېدى.

  ‹‹سىلەر كەنتىمىزگە قۇياش ئېنېرگىيەلىك يول چىرىغىدىن 40 نى ئورنىتىپ بەردىڭلار، ھازىر كەچتە سىرتقا چىقساق يولنى ئېنىق كۆرەلەيدىغان بولدۇق››.

  ‹‹كەنتىمىزدىكى كۇتۇپخانا، شىپاخانا، چېنىقىش پائالىيەت مەيدانلىرى سىلەرنىڭ ياردىمىڭلاردا سېلىندى، سىلەرنىڭ قىلغان ياخشىلىقىڭلارنى سۆزلەپ تۈگىتەلمەيمىز!››... كەنت ئاھالىلىرى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى توختىماي سۆزلەۋاتاتتى.

  لى چاۋ خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، كەنتنىڭ 1 – شۇجىسى، ئۇ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ خىزمەت ئەترىتى بىر يىلدىن بۇيان ئىشلىگەن خىزمەتلەرنى بۇنداق ئېسىدە چىڭ ساقلىشىنى ئويلىمىغانىدى. لى چاۋ كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا مۇنداق دېدى: كۆپچىلىكتىن ئايرىلىدىغان بولدۇم، بىراق كەنتنىڭ ھەر بىر تۈپ گۈل – گىياھىغىچە چوڭقۇر مېھرىم بار. تۇنجى قېتىم ئائىلىلەرگە بېرىپ، ئەھۋال ئىگىلىگەندە، يۇرتداشلار ئۈچۈن تېخى ناتونۇش ئىدىم؛ ھەر قېتىملىق ئەھۋال ئىگىلەش، ئېتىز – ئېرىق باشلىرىغا بېرىش ئارقىلىق يۇرتداشلار مېنى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى؛ كەنتتىكىلەر ھەر قېتىم ئۆيىدە ياخشى تاماق ئەتكەندە بىزگە ئەكىلىپ بېرىشنى ئۇنتۇمىدى، بىز بۇنىڭدىن ئىنتايىن تەسىرلەندۇق. بۇ يەردىن كەتسەممۇ، ئاقتام كەنتىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايمەن، سىلەرنى ئەسلەپ تۇرىمەن. بۇ ئىككى كادىرنىڭ كېتىشىگە كۆزى قىيمايۋاتقان كەنت ئاھالىلىرى ئۇلارنى ياتاقتىن تاكى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ دەرۋازىسىغىچە ئۇزىتىپ كەلدى ھەم ئۇلارغا ياخشى تىلەكلەرنى تىلىدى. خوشلىشىشقا كەلگەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن، ئىككى كادىر 30 نەچچە مېتىرلا كېلىدىغان بۇ يولنى يېرىم سائەت ماڭدى!

لى چاۋ (ئوڭدىن 2 – كىشى) 4-فېۋرال ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ يېڭى ئەزاسىغا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرماقتا.
بىر يىللىق كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان لى چاۋ 5-فېۋرال ياتاقتا يۈك – تاقلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، قايتىشقا تەييارلىق قىلماقتا.

78 ياشلىق كەنت ئاھالىسى غوجامنىياز توختىغوجام لى چاۋ بىلەن خوشلاشماقتا. 

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • فىلىم: يېشىل سەددىچىن سېپىلى — كۆكيار
  • قوشماقلاشقان تۇغقانلار فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە
  • كۈز ئايلىرىدا گۈزەل تۈسكە كىرگەن قايدۇ دەرياسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى