تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش قىلىش مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممەمگە ئالىمەن

  قاراماي شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى پولاتجان غېنى

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى شىنجاڭ خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەشكە ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. بىز پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا چىقىرىلغان مۇھىم ھۆكۈم، زور ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە باشتىن – ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى كۆزلەپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت››ىنى ياخشى ئېتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن ئۇلۇغۋار پىلان ۋە تۈرلۈك نىشان – ۋەزىپىلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  ھازىر شىنجاڭ دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت يەنىلا كەسكىن ۋە مۇرەككەپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋەزىپىسى مۈشكۈل ۋە ئېغىر. يېڭى دەۋردە يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىش، يېڭى مۇساپىدە يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىش ئۈچۈن، بىز ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە، مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، 12– نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن ھەقىقىي بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش بىلەن تەپەككۇر قىلىش، ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىش، بىلىش بىلەن قىلىشنىڭ يۈكسەك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى قەلبىمىزگە سىڭدۈرۈپ، ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرۇپ، خىزمەت ئورنىمىزدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىزدە نامايان قىلىپ، كونكرېت خىزمەتلەرگە سىڭدۈرۈپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ 1 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق كەڭ زېمىنىنى ياخشى قوغداپ، مۇقىم قىلىپ، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتۈشىمىز كېرەك.

  پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى ئىلمىي ھۆكۈمىنى باشتىن – ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، كاللامنى سەگەك تۇتۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە تېخىمۇ زور ئىرادە، تېخىمۇ زور غەيرەت، تېخىمۇ زور شىجائەت بىلەن ئاتلىنىمەن. مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنى ئۆز ۋەزىپەم قىلىپ، قىزىل سىزىق، تۆۋەن چەككە جەڭ ئېلان قىلغان ئادەم ۋە ئىشلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن. خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كادىرلار، ئاممىنى ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش››نى پۇختا تۇرغۇزۇشقا پائال تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، بۆلگۈنچىلىكنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە تاقابىل تۇرىدىغان ئىدىيە مۇداپىئە سېپىنى قەتئىي مۇستەھكەملەيمەن.

  سىياسىي – قانۇن سېپىدىكى پېشقەدەم جەڭچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ گۈزەل يۇرت – ماكانىمىزغا ۋە مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا قەتئىي يول قويمايمەن. سەمىمىي ساداقىتىم ئارقىلىق ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قەتئىي قوغدايمەن. بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش قىلىش مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممەمگە ئېلىپ، تۈرلۈك خاتا ئىدىيەنىڭ قايمۇقتۇرۇشىغا، تار مىللەتچىلىك ئېڭىنىڭ ئازدۇرۇشىغا ئۇچرىماي، ئالدىدا بىر خىل، كەينىدە بىر خىل ئىش قىلىدىغان ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى پەرقلەندۈرۈشكە ماھىر بولىمەن، مەن بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، دەپ تەكچىگە ئەپقويىدىغان ‹‹ياخشىچاق››لىق ئېڭىنى قەتئىي يېڭىپ، كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سالىدىغان پاسسىپ ئىستىلنى قەتئىي تۈگىتىمەن، مۈجمەل تونۇش ئالدىدا باتۇرلۇق بىلەن ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، خاتا ئىدىيە، خاتا نۇقتىئىنەزەرگە قارشى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، بارلىق بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەلىرى ۋە سۆز – ھەرىكەتلىرىگە قارشى قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىمەن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى قەتئىي ئېچىپ تاشلاپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى