تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ شياڭگاڭ نىڭداپۇ يولىدا يۈز بەرگەن زور قاتناش ھادىسىسىدە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى، قازاقىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە يارىلانغانلاردىن ھال سورىدى

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 – ئاينىڭ 12 – كۈنى تېلېگراممىسى. 2 – ئاينىڭ 10 – كۈنى سائەت 18 ئەتراپىدا، شياڭگاڭ شىنجيېدىكى داپۇ يولىدا زور قاتناش ھادىسىسى يۈز بەردى، قوش قەۋەتلىك ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسى ھادىسىگە ئۇچراپ ئۆرۈلۈپ كېتىپ، 19 كىشى قازا قىلدى، 60 نەچچە كىشى يارىلاندى. شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتى دەرھال جىددىي تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى قوللىنىپ، ھادىسىنى بىر تەرەپ قىلدى.
     ھادىسە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تالاپەتكە ئۇچراش ۋە قۇتقۇزۇشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى دەل ۋاقتىدا ئىگىلەپ، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شياڭگاڭدىكى ئالاقىلىشىش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلىغا باش مەمۇر لىنجېڭ يۆئېغا ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى ھادىسىدە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرىدىغانلىقى، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە يارىلانغانلاردىن ھال سورايدىغانلىقىنى يەتكۈزۈپ قويۇش توغرىسىدا يوليورۇق بەردى ھەم شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتىدىن قازا قىلغانلارنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرى، يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇش – داۋالاش ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سوراش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى. شى جىنپىڭ يەنە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ جىددىي بىر تەرەپ قىلىشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ۋاقتىدا قانات يايدۇرغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
     لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭمۇ مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شياڭگاڭدىكى ئالاقىلىشىش ئىشخانىسىغا قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە يارىلانغانلاردىن ھال سورايدىغانلىقىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئېيتتى.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى