12-فېۋرال، D6336-قېتىملىق ئوقپويىز باشلىقى تاڭ يۈمېي ئوقپويىز ۋاگونىدا بىر كىچىك دوستتىن ئوقپويىزغا ئولتۇرغاندىكى تەسراتىنى سورىماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: بۇ يىل ئەمدىلا 20 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان تاڭ يۈمېي جۇڭگو تۆمۈر يولى نەنچاڭ ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى فۇجۇ يولۇچى توشۇش ئوچاستىكىسى ئوقپويىز 121-گۇرۇپپىسىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن پويىز باشلىقى. ئۇ 2014-يىلى نويابىردا خىزمەتكە چۈشكەندىن بۇيان، ھەر يىلى چاغانلىق يولۇچى توشۇش خىزمەت سېپىدە ئىزچىل چىڭ تۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ بىر نەچچە يىل چاغاندا ئۆيگە قايتىپ ئاتا-ئانامغا ھەمراھ بولالمىدىم، ئۆيدىكىلەرنىڭ ئالدىدا خىجىللىق ھېس قالىمەن، ئەمما نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە قايتىش سەپىرىگە ھەمراھ بولۇپ ئۇلارنىڭ بىخەتەر ئۆيلىرىگە قايتقانلىقىنى كۆرۈپ، خىزمىتىمنىڭ شۇ قەدەر مەنىلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمەن.
(لىن شەنچۇەن فوتوسى)