تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شاۋكەت ئىمىن قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق مەلۇم قىسىمىدىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەردىن ھال سورىدى

     جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن 2 – ئاينىڭ 12 – كۈنى چۈشتىن كېيىن قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق مەلۇم قىسىمىغا كېلىپ، ئوفىتسېر  –  ئەسكەرلەردىن ھال سورىدى ھەم ئۇلارنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى.
     شاۋكەت ئىمىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2017 – يىلى پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىز تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل، ئاپتونوم رايونىمىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىپ، تۈرلۈك ئىشلاردا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بىر يىل، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى باش نىشان بايرىقىنى جەۋلان قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان بىر يىل بولدى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق مەلۇم قىسىمىدىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر ئۇزاقتىن بۇيان بايراقنى باشتىن – ئاخىر ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇپ، بۇرچىنى ساداقەتمەنلىك بىلەن ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداش، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش، ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، مۇلازىمەت – كاپالەت قاتارلىق جەھەتلەردە سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، كۈرەشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ، دائىمىي كومىتېت ئورگىنى ۋە شىنجاڭ خەلق سارىيىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشتى.
     شاۋكەت ئىمىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى تۇنجى يىل، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان، 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشتا يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى باغلايدىغان ئاچقۇچلۇق يىل، شۇنداقلا يېڭى بىر نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان تۇنجى يىل.  دائىمىي كومىتېت پارتگۇرۇپپىسى بۇ جايدا تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ ئىسلاھات ۋە قۇرۇلۇشىغا ئىلگىرىكىدەكلا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇنى قوللاپ، ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، تېخىمۇ زور سالماق، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر بىلەن بۇ جايدا تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تىرەك بولۇپ، ئۇيۇل تاشتەك چىڭ بولغان ئارمىيە – ھۆكۈمەت، ئارمىيە – خەلق ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەيدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ. قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق مەلۇم قىسىمىدىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى باشتىن – ئاخىر يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇشتىن ئىبارەت ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان بۇ روھتا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، جەڭ قىلالايدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشتىن ئىبارەت ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى بۇ مۇھىم ئىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، يېڭى دەۋرنى مەۋقە قىلىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىپ، چاقىرغان ھامان كېلەلەيدىغان، كەلگەن ھامان جەڭ قىلالايدىغان، جەڭ قىلغان ھامان غەلىبە قىلالايدىغان سەرخىل قوشۇننى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان، ئىستىلى ياخشى، ئېغىر سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قىسىم قۇرۇپ چىقىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتەك مۇقەددەس بۇرچنى ئاڭلىق زىممىسىگە ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى