تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

داۋالاش ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈلۈپ، ئاممىنىڭ ساغلاملىقى كاپالەتلەندۈرۈلدى

چاۋ جىن، دىڭ جىڭ

     باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسەتتى: خەلقنىڭ ساغلاملىقى  مىللەتنىڭ روناق تېپىشى ۋە دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىنىڭ مۇھىم بەلگىسى. پۇقرالار ساغلاملىقى سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىغا ھەر تەرەپلىمە، تولۇق دەۋرىيلىك ساغلاملىق مۇلازىمىتى قىلىش كېرەك.
     شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى خەلقنى مەركەز قىلىشتەك تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ‹‹ساغلام شىنجاڭ›› قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇلازىمەتنى ياخشىلاپ، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشنى چىڭ تۇتۇپ، داۋالاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، داۋالاش ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.
     پۇقرالار داۋالاش ئىسلاھاتىنىڭ پايدىسىدىن تېخىمۇ كۆپ بەھرىمەن قىلىندى
     بۇ يىل 61 ياشقا كىرگەن جاڭ چىن ئۇزاقتىن بۇيان قان نۆكچىسى، يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان كىلوپىدوگرېل (clopidogrel) تابلىتىنى ئىچىپ كېلىۋاتقانىدى، ھەر ئايدا دېگۈدەك شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 2 – دوختۇرخانىغا بېرىپ نومۇر ئېلىپ دورا ئالاتتى. جاڭ چىن 2 – ئاينىڭ 1 – كۈنى دورا تالونىنى ئېلىپ، ھېسابات قىلىۋېتىپ مۇنداق دېدى: بۇرۇن بۇ دورىنىڭ بىر قېپى 137 يۈەن ئىدى، دورا تەننەرخىگە ئۈلۈش قوشۇش ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، 119 يۈەنگە چۈشۈپ، ھەر قېپىدىن 18 يۈەن تېجەپ قالالايدىغان بولدۇم. بىر قاپتا يەتتە تال دورا بار، كۈندە بىر تالدىن ئىچسەم، 28 كۈن بويىچە ھېسابلىغاندا، بىر ئايدا 72 يۈەن، بىر يىلدا 900 يۈەن تېجەپ قالالايمەن.
     بۇلتۇر 8 – ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئاپتونوم رايون دائىرىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك ھۆكۈمەت داۋالاش ئاپپاراتلىرى دورا تەننەرخىگە ئۈلۈش قوشۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇردى. دورا ۋە تەكشۈرۈش ھەققىنى تۆۋەنلىتىش، داۋالاش مۇلازىمىتى باھاسىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت ‹‹ئىككىنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى ئۆستۈرۈش›› ‹‹دوختۇرخانىنى دورا ئارقىلىق قامداش›› ئەھۋالىنى تۈگىتىشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىرگە ئايلاندى.
     ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى رادىيوئاكتىپلىق سۈرەتكە تارتىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى جاڭ لىنچۈەن ماگنىت رېزونانسلىق تەكشى سىكاننېرلاپ تەكشۈرۈش تۈرىنى مىسالغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: بۇرۇن تەكشۈرۈش ھەققى 550 يۈەن ئىدى، ئىسلاھاتتىن كېيىن 468 يۈەنگە تەڭشەلدى، مۇشۇ بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشتىلا باھا 80 نەچچە يۈەن تۆۋەنلىتىلدى.
     ئاپتونوم رايونىمىز 2017 – يىلى ‹‹داۋالاش، داۋالاش سۇغۇرتىسى، تېببىي دورا››دىن ئىبارەت ئۈچنى ھەمتۈرتكىلىك ئىسلاھ قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىلمىي، مۇۋاپىق بولغان دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاش تۈزۈمىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئورنىتىپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئائىلە دوختۇرى كېلىشىملىك مۇلازىمەت تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى؛ زامانىۋى دوختۇرخانا باشقۇرۇش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، شەھەرلەردىكى ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، بارلىق ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىدا دورا تەننەرخىگە ئۈلۈش قوشۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇردى ھەم داۋالاش مۇلازىمىتى باھاسىنى تەڭشەپ، داۋالانغان ئاغرىقلارغا 150 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پايدىنى ئۆتۈنۈپ بەردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ داۋالاش ئىسلاھاتىدىن ئالغان ئېرىشىش تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.
     ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى يىن يۈلىن ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاشتا تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يۇقىرى دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرى تۆۋەن دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا يوللاپ بېرىدىغان ئاغرىقلارنىڭ سانىنى سىجىل ئاشۇرىدۇ. ‹‹دوختۇرخانىنى دورا ئارقىلىق قامداش›› ئەھۋالىنى تۈگىتىش ئىسلاھاتىنىڭ نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەپ، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئىسلاھاتى ۋە تېببىي دورا بىلەن تەمىنلەش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ، يۇقىرى دورا باھاسىنى تۆۋەنلىتىپ، ئاممىنى نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ‹‹داۋالىنىشى تەس ۋە قىممەت بولۇش›› تىن ئىبارەت خەلق تۇرمۇشى چوڭ ئىشىنى تۈپتىن ھەل قىلىدۇ.
     ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقى ‹‹مۇداپىئە تېمى›› سېلىندى
     قۇتۇبى ناھىيەسى تاشپەلەمپەي قازاق يېزىسىنىڭ شىرىكتى كەنتىدىكى گۈلسېتىر 2 – ئاينىڭ 2 – كۈنى ئادەتتىكىگە ئوخشاش تاڭ سۈزۈلمەستىنلا ئورنىدىن تۇرۇپ ناشتىلىق تەييارلىدى.

     2017 – يىلى، گۈلسېتىر ئۈچۈن ئالاھىدە بىر يىل بولدى. ئۇنىڭ كېلىنى ئۈچكېزەك يەڭگىدى، موما بولغىنىدىن ئۇنىڭ قەلبى شادلىققا تولدى، شۇنداقلا ھېرىپ ھالىدىن كەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەمدى سالامەتلىكىمنى ئاسرىمىسام بولمايدۇ، ساغلام بولسام، ئاندىن نەۋرىلىرىمنىڭ چوڭ بولۇپ قاتارغا قوشۇلغىنىنى كۆرەلەيمەن.
     گۈلسېتىر بۇلتۇر 9 – ئايدا ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش بويىچە سالامەتلىكىنى تەكشۈرتكەندە، جىگەر ۋە بۆرىكىدە خالتىلىق ئىششىق بارلىقى ئېنىقلاندى، بىر ئائىلە كىشىلىرى بۇنىڭدىن ناھايىتى ئەنسىرىدى. گۈلسېتىر شىپاخانىدىكى تېببىي خادىملارنىڭ تەكلىپى بىلەن سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىدا قايتا تەكشۈرتۈپ، يەنىمۇ ئېنىق دىياگنوز قويدۇردى. خالتىلىق ئىششىق كىچىكرەك بولغاچقا، ئوپېراتسىيە قىلىش ئەپسىز ئىدى، دوختۇر ئۇنىڭغا ھەر ئۈچ ئايدا بىر قېتىم تەكشۈرتۈپ تۇرۇش، پۇرسەت پىشىپ يېتىلگەندە ئاندىن ئوپېراتسىيە قىلىش تەكلىپىنى بەردى.
     گۈلسېتىر مۇنداق دېدى: ئىلگىرى سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە كۆڭۈلشىمەيتتۇق، ھازىر ئۇنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتتۇق. ئومۇمىي خەلق ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئارقىلىق بىر ئائىلە كىشىلىرىدە سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ۋە ساقلىقنى ساقلاش ئېڭى پەيدا بولدى، مەسىلەن، ناشتا قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈردۇق، تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدۇق.
     ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش داۋامىدا، قۇتۇبى ناھىيەسى ھەر بىر ئاھالىگە ئېلېكتىرونلۇق ساغلاملىق ئارخىپى تۇرغۇزدى، گۈلسېتىرنىڭ ھەر تۈرلۈك ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى ئېلېكتىرونلۇق ساغلاملىق ئارخىپىدا خاتىرىلىنىپ ماڭدى، شىپاخانا ھەر ئۈچ ئايدا بىر قېتىم قايتا تەكشۈرتۈشنى ئەسكەرتىش ۋە تەكشۈرۈشكە مەخسۇس خادىم ئورۇنلاشتۇردى، گۈلسېتىر مۇنداق دېدى: سالامەتلىكىمگە كۆڭۈل بۆلىدىغان مەخسۇس كىشىنىڭ بارلىقىدىن ئۆزۈمنى ناھايىتى بەختلىك ھېس قىلىۋاتىمەن.
     دەسلەپكى مۆلچەرگە قارىغاندا، 2017 – يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈشكە 1 مىليارد 585 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىلىپ، 18 مىليون 840 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى تاماملانغان، 1 مىليون 840 مىڭ ‹‹ئاھالىلەر ساغلاملىقى دورا ساندۇقى›› سېتىۋېلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى دېھقان – چارۋىچىلارغا ھەقسىز تارقىتىپ بېرىلگەن.
     ‹‹كېسەل يىلتىزى››نىڭ ‹‹نامراتلىق يىلتىزى››غا ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىندى

     2017 – يىلى 8 – ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى قاتارلىق يەتتە تارماق بىرلىشىپ ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قۇرۇلۇشىنىڭ <ئۈچ بىر تۈركۈم> ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇش لايىھەسى››نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئېغىر كېسەل ۋە سوزۇلما كېسەلگە گىرىپتار بولغان نامرات ئاھالىلەرنى تۈرگە ئايرىپ داۋالاپ، ‹‹بىر تۈركۈم ئېغىر كېسەللەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ داۋالاش، بىر تۈركۈم سوزۇلما كېسەللەرگە كېلىشىملىك مۇلازىمەت قىلىش، يەنە بىر تۈركۈم  ئېغىر كېسەللەرنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش›› خىزمەت تەلىپى بويىچە، ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى ئادەمگىچە، كېسەلگىچە دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈردى.
     قەشقەر شەھىرىدىكى تۇرسۇن ئىمىنغا نىسبەتەن، ‹‹ئۈچ بىر تۈركۈم›› ھەرىكەت پىلانىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئۇنى غەم – ئەندىشىدىن ئۈزۈل – كېسىل خالاس قىلدى، دېيىشكە بولاتتى.
     تۇرسۇن ئىمىن 2 – ئاينىڭ 3 – كۈنى تېلېفوندا زىيارىتىمنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: 2016 – يىلى ماڭا توغرا ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولغان، دەپ دىياگنوز قويۇلدى، كېسىلىمنى داۋالىتىشقا نۇرغۇن پۇل كەتكەچكە، ئائىلىمىز بەرداشلىق بېرەلمەي قالدى. بۇلتۇر ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، داۋالاش – ساقلىقنى ساقلاش تارماقلىرى مېنى نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئېغىر كېسىلىنى مەخسۇس داۋالاش تۈرىگە كىرگۈزدى، بۇنىڭ بىلەن يۈكۈم خېلى يېنىكلىدى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ماڭا داۋاملىق ياشاش جاسارىتى ئاتا قىلغانلىقىغا رەھمەت.
     ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قۇرۇلۇشىنىڭ يولغا قويۇلۇشى يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنىڭ ئاساسىي داۋالاش – ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ساغلام شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش، كېسەل سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، 2020 – يىلىغا بارغاندا يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانىغا يېتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
     يىن يۈلىن مۇنداق دېدى: بىز نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ‹‹نىشانلىق داۋالاش›› تەدبىرىنى قوللىنىپ، نامرات ئاھالىنى كۆپ كۆرۈلىدىغان، كۆپ پەيدا بولىدىغان كېسەللەرنى داۋالىتىش، ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغاندا كاپالەتكە ئىگە بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشمىز كېرەك. ‹‹ئۈچ بىر تۈركۈم›› ھەرىكەت پىلانىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەركەزلىك داۋالايدىغان كېسەل تۈرى دائىرىسىنى كېڭەيتىش، يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يىراقتىن داۋالاش تورىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش – ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش، كېسەل سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك.
     ‹‹ساغلام شىنجاڭ›› قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىقى ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا تۈرتكە بولۇش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ بەخت ئاتا قىلغۇسى.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى