تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ چاغان ھارپىسىدا سىچۈەندە تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ مەلۇم بازىسىنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرنى يوقلىدى

بارلىق ئازادلىق ئارمىيە كوماندىر – جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرى، خەلق ئەسكەرلىرى، زاپاس ھەربىيلەرنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى

شى جىنپىڭ مەلۇم بازىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ  قويۇپ بېرىش مەيدانىدا ئەھۋال تونۇشتۇرۇش دوكلاتى ئاڭلىماقتا. ( شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چېڭدۇ، 2 – ئاينىڭ 12 – كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى ـــ چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 2 – ئاينىڭ 10 – كۈنى سىچۈەندە تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ مەلۇم بازىسىغا كېلىپ، سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش ئورنى ۋە تېخنىكا زاۋۇت بىناسىغا كىرىپ، قىسىمدىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن بارلىق ئازادلىق ئارمىيە كوماندىر – جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرى، خەلق ئەسكەرلىرى، زاپاس ھەربىيلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتە قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى پەن – تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، ئارمىيەنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئۇرۇش تەييارلىقى، ئۇرۇش قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، بۇرچ ۋە ۋەزىپىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىغا يېتىشكە يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

     2 – ئايدىكى غەربىي سىچۈەن زېمىنىدا تاغلار ياپيېشىل، سۇلار سۈپسۈزۈك ئىدى، مەيىن شامال يۈزلەرنى لەرزان سىيپاپ ئۆتەتتى، ھەممە جاي باھار تۈسىگە كىرگەنىدى. شى جىنپىڭ چۈشتىن كېيىن سائەت 4 ئەتراپىدا مەلۇم بازىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەيدانىغا كەلدى. ئۇ ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپلا، سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش ئورنىغا باردى. ئېگىز قويۇپ بېرىش مۇنارى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. شى جىنپىڭ تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىغاچ، سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەيدانىنىڭ جايلىشىش خەرىتىسىنى كۆرۈپ، مەيداننىڭ قۇرۇلمىسى، فۇنكسىيەسىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، ئارىلاپ – ئارىلاپ ئالاقىدار مەسىلىلەرنى سورىدى. خىزمەتچى خادىم 3 – نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش ئورنىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ مۇكەممەل ئىكەنلىكى، كۆپ خىل تىپتىكى راكېتا ۋە ئالەم ئۇچقۇسىنى قويۇپ بېرىشكە بولىدىغانلىقىنى، بۇ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش ئورنىنىڭ ئېلىمىزنىڭ ئالەم قاتنىشى تارىخىدا نۇرغۇن بىرىنچىلىكنى ياراتقانلىقىنى تونۇشتۇرغاندا، شى جىنپىڭ باش لىڭشىتىپ ماختىدى.  ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى 2 – نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش ئورنىدا ئون نەچچە قېتىملىق سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسى ئىجرا قىلىنغانىدى، پىلان بويىچە يېقىندا ‹‹يەتىكەن – 3›› ناملىق سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىلەتتى.
     قوماندانلىق زالىدا بازىدىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر جىددىي، تەرتىپلىك ئىشلەۋاتاتتى، شى جىنپىڭ ‹‹يەتىكەن – 3›› ناملىق سۈنئىي ھەمراھنى قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسىنىڭ تەييارلىق ئەھۋالىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلۈپ، ئالايىتەن بۇ يەرگە كېلىپ كۆپچىلىكنى يوقلىدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، كۆپچىلىك ناھايىتى ھاياجانلاندى ھەم ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى. شى جىنپىڭ ئىش ئورنىدىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر بىلەن بىر – بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، پەن – تېخنىكا خادىملىرى بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلەشتى، ھەربىر يولداشنىڭ پەن تەتقىقات خىزمىتى ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورىدى.
      كۆپچىلىكنىڭ تاغ جىلغىسىدا يىلتىز تارتىپ، ئۆزىنى ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىغا بېغىشلاپ، كۆپ تۈردە كەشپىيات پاتېنتىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئاڭلاپ، شى جىنپىڭنىڭ چېھرىدە مەمنۇنىيەت جىلۋىلەندى. شى جىنپىڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش تەييارلىق خىزمىتى ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، كۆپچىلىككە تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىشقا ئىنتىلىش خىزمەت ئىستىلىنى ساقلاپ، قىلچە نۇقسان كۆرۈلمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىشنى جېكىلىدى.
     چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، شى جىنپىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، ئۇ مەخسۇس سىن ئارقىلىق قىسىملاردىن ھال سورىدى، ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى. دېڭىز سۈيى خادا تاشلارغا ئۇرۇلۇپ، بۇژغۇن ھاسىل قىلماقتا ئىدى. شى جىنپىڭ شىشادىكى مەلۇم كۆزىتىش – كونترول قىلىش نۇقتىسىدىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىپ، ئوفىتسېر – ئەسكەرلەردىن ئارالنىڭ مۇھىتىغا ماسلىشالىغان – ماسلىشالمىغانلىقى، چاغانلىق تەييارلىقىنىڭ قانداق بولۇۋاتقانلىقى... قاتارلىقلارنى ناھايىتى تەپسىلىي سورىدى. شى جىنپىڭ ئارالدا مۇداپىئەدە تۇرۇش شارائىتىنىڭ بىر قەدەر تولۇق ئىكەنلىكى، چاغان مەزگىلىدە تۈگرە تۈگۈش، كارا OK ئېيتىش، شاھمات، قارتا ۋە توپ تۈرلىرى بويىچە مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ناھايىتى خۇشال  بولدى، ئۇ چاغان مەزگىلىدە جەڭچىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆپچىلىككە كۆڭۈللۈك چاغان ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى جېكىلىدى. بىنخەيدىكى مەلۇم سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش سىناق پونكىتىدا غۇر – غۇر مەيىن شامال چىقىۋاتاتتى، قىسىمدىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر جۇشقۇن روھىي ھالەت بىلەن قويۇپ بېرىش مۇنارىنىڭ ئاستىغا يىغىلىپ، سىن ئارقىلىق رەئىس شى جىنپىڭغا چاغانلىق سالام يوللىدى. شى جىنپىڭ ئۇلارغا رەھمەت ئېيتتى، ئۇلارنى زىممىسىدىكى بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈردى.
     شى جىنپىڭ قوماندانلىق زالىدىن ئايرىلىپ، تېخنىكا زاۋۇت بىناسىغا كېلىپ، كۆرگەزمە تاختىسى ئارقىلىق بازىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، بازىنىڭ جۇڭگونىڭ ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىغا قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. شى جىنپىڭ بازا قارىمىقىدىكى ئالاقىدار قىسىمنىڭ تۈەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلىرىنى سەمىمىي قوبۇل قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىدا ۋەتەنگە جان پىدا قىلىش ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەپ، ‹‹ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ›› روھىنى، ئالەم قاتنىشى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو مۆجىزىسىنى يارىتىش كېرەك. غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ئۇرۇش بويىچە ھەربىي مەشىقلەندۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇرۇش ئۇسۇلى، مەشىق ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىش، ئۇلار ئۈستىدە ئىزدىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالەمگە قويۇپ بېرىش ئىقتىدارى ۋە ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ بىرلەشمە ئۇرۇش قىلىش سىستېمىسىغا سىڭىشىش، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قۇرۇش، ئالەم قاتنىشىدا قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشنى پۇختا تىرەككە ئىگە قىلىش كېرەك. ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، تىپ ئۆزگەرتىپ راۋاجلاندۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا جەڭگىۋار بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يادرولۇق، ئاچقۇچلۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا رىقابەتتە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ساقلاش كېرەك. سىياسىي كاپالەتنى، ئىدىيەۋى – سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتۇپ، ئاساس سېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قىسىمدىكىلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەربىيەلەش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قىسىملارنىڭ مۇتلەق سادىق، مۇتلەق پاك، مۇتلەق ئىشەنچلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

     2 – ئاينىڭ 12 – كۈنى، ‹‹ئۇزۇن سەپەر – 3›› ناملىق B توشۇغۇچى راكېتا جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان ھەيۋەت بىلەن كۆككە كۆتۈرۈلۈپ، ‹‹يەتىكەن – 3›› ناملىق سۈنئىي ھەمراھنى بىپايان ئالەم بوشلۇقىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى. بازىدىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەرشكە چىقىش ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم غەلىبىلىك ئاتلىنىپ، ۋەتەن ۋە خەلققە چاغانلىق ئالاھىدە بەخت تىلىدى.
     شى جىنپىڭ 2 – ئاينىڭ 12 – كۈنى چۈشتىن كېيىن چېڭدۇدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ شى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلىرى ۋە ئىشتاتلىق تۈەن دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى ھەم كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
     جاڭ يۇشيا قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى. 

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 2 – ئاينىڭ 10  – كۈنى سىچۈەندە تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ مەلۇم بازىسىدىكى سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش ئورنى ۋە تېخنىكا زاۋۇت بىناسىغا كېلىپ، قىسىمدىكى ئوفىتسېر   –  ئەسكەرلەردىن ھال سورىدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، بارلىق ئازادلىق ئارمىيە كوماندىر   – جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر   –  ئەسكەرلىرى، خەلق ئەسكەرلىرى، زاپاس ھەربىيلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى.

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 2 – ئاينىڭ 10  – كۈنى سىچۈەندە تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ مەلۇم بازىسىدىكى سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش ئورنى ۋە تېخنىكا زاۋۇت بىناسىغا كېلىپ، قىسىمدىكى ئوفىتسېر   –  ئەسكەرلەردىن ھال سورىدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، بارلىق ئازادلىق ئارمىيە كوماندىر   – جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر   –  ئەسكەرلىرى، خەلق ئەسكەرلىرى، زاپاس ھەربىيلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.