چىش چۈشۈش گۈزەللىككە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنىمۇ چېكىندۈرۈۋېتىدۇ.
كىشىلەر يېمەكلىك چاينىغاندا چوڭ مېڭىنىڭ قان ئايلىنىشى كۈچىيىپ، ئەستە تۇتۇش قاتارلىق چوڭ مېڭە ئىقتىدارىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. يېمەكلىك چاينىغاندىكى تۇيغۇ ئەستە تۇتۇش ئارقىلىق شەكىللىنىدىغان ۋە قايتىدىن ئېرىشىدىغان چوڭ مېڭە سەمەنقۇر رايونىغا تەسىر قىلىدۇ، چىش چۈشكەندە چوڭ مېڭە سەمەنقۇر رايونىنىڭ ئېرىشكەن ئۇچۇرى تەدرىجىي ئازىيىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كۆپىنچە چىشى چۈشكەن ياكى سۈنئىي چىش سالدۇرغاندىن كېيىن، قاتتىق يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ، بۇنداق بولغاندا، كۆپ خىل ۋىتامىن ۋە ئاقسىل قاتارلىق مۇھىم ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئازىيىپ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىمۇ تەدرىجىي چېكىنىشكە باشلايدۇ.
«شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى» دىن ئېلىندى