تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

ئىتتىپاق يېڭى كەنتى ئاھالىلەر رايونىدىكى «مەززىلىك تائاملار ھېكايىسى»

     12-فېۋرال، تەۋەلىكتىكى ھۆسنخەت ھەۋەسكارلىرى كارامىتىنى ئىشقا سېلىپ مەسنەۋى يازدى.

    ئۆز خەۋىرىمىز: 12 -فېۋرال چۈشتە، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) ئوتتۇرا ئاسىيا جەنۇبىي يولى كوچا ئىش باشقارمىسى ئىتتىپاق يېڭى كەنت ئاھالىلەر رايونىدا  چاغانلىق جەم بولۇش تامىقى ئېتىلدى. تاماقلار ئاددى بولسىمۇ، ھەممەيلەننىڭ قەلبى ئىللىقلىققا تولغانىدى.

    ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونلۇق (تۇدۇڭخابا رايونى)  پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى چاغان مەزگىلىدە خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلەۋاتقان كىشىلەرگە مەززىلىك تائام سۇنۇپ، ئۇلارنىمۇ چاغاننىڭ خۇشاللىقىدىن بەھرىلەندۈرۈش مەقسىتىدە تەۋەسىدىكى ئىدارە-ئورۇنلارنى جەم قىلىپ، ئىتتىپاق يېڭى كەنت ئاھالىلەر رايونىدا «مېھىر بىلەن تولغان ئۆيگە قايتىش يولى، ئۆزگىچە تەملىك چاغانلىق تائاملار» تېمىسىدىكى بۇ پائالىيەتنى تەشكىللىگەنىدى. تەكلىپكە بىنائەن رايون تەۋەسىدىكى ئاھالىلەر، خىزمەت ئەترەتلىرىدىكى كادىرلار، ئاھالىلەر رايوندىكى كادىرلار ۋە سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر پائالىيەتكە قاتنىشىپ مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىش بىلەن بىرگە، ئۆزئارا چاغانلىق ياخشى تىلەكلەرنى تىلىدى.

     پائالىيەتتە ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرلىرى ئورۇندىلىش بىلەن بىرگە، ھۆسنخەت ھەۋەسكارلىرى مەسنەۋىلەرنى يازدى. كۆپچىلىك بىرلىكتە مەززىلىك تائاملارنىڭ ھېكايىلىرىنى سۆزلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى