خەلقئارا لىنيە تورى : خۇبېي ئۆلكىسى ۋۇخەن شەھىرى چاڭجياڭ مەدەنىيەت سارىيىدىكى غايەت زور كەركىدان تاش قاتمىسى 6-فېۋرال چېڭدۇ شەھىرى چوڭجوۋ تيەنيەن مۇزېيدا رېمونت قىلىنىپ، پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. بۇنى رېمونت قىلىشقا ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنىپ، 1 مىليون 500 مىڭ يۈەن چىقىم قىلىنغان.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ تاشقا ئايلانغان سۆڭەكنىڭ مۇكەممەللىك دەرىجىسى % 90 كە يەتكەن، بۇ تاش قاتمىنىڭ جازىغا ئېلىنغاندىكى تەن ئۇزۇنلۇقى 8.8 مېتىر، ئېگىزلىكى 4.2 مېتىر، كەڭلىكى 2 مېتىر كېلىدىكەن. تيەنيەن مۇزېيىنىڭ باشلىقى ۋاڭ شياۋبىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ تاش قاتما بۈگۈنگە قەدەر خاتىرىلەنگەن مۇكەممەللىك دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان چوڭ تىپتىكى غايەت زور كەركىدان تاش قاتمىسى ھېسابلىنىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ كەركىداننىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئېغىرلىقى 20 توننىدىن يۇقىرى ئىكەن.
چوڭ تىپتىكى غايەت زور كەركىدان تاش قاتمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى
مۇھەررىر :
زۇلخۇمار ئابدۇقادىر
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2018/02/13 19:13
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.