تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە ۋە نىكاھ

ئەر-خوتۇننىڭ ئورتاق مال-مۈلكى قايسىلار؟

  ئەر-خوتۇننىڭ مال-مۈلكى ئورتاق مال-مۈلۈك ۋە ئەر ياكى ئايالنىڭ شەخسىي مال-مۈلكىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

  ئەر-خوتۇننىڭ ئورتاق مال-مۈلكى ئەر-خوتۇننىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتى داۋاملىشىۋاتقان جەرياندا، بىر تەرەپ ياكى ئىككى تەرەپ ئېرىشكە مال-مۈلۈكنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ مائاش ۋە مۇكاپات، ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت كىرىمى، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى كىرىمى، ۋارىسلىق قىلىش ياكى ھەدىيە قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكەن مال-مۈلۈك، باشقا ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىشقا كىرىدىغان مال-مۈلۈكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  قانۇندا ئورتاق مال-مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئەر-خوتۇننىڭ باراۋەر ھوقۇققا ئىگە ئىكەنلىكى بەلگىلەنگەن. بۇنى ئىككى تەرەپتىن چۈشىنىشكە بولىدۇ:

  بىرىنچىسى، ئەر ياكى ئايال ئەر-خوتۇننىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقىدىكى مال-مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىشتا باراۋەر ھوقۇققا ئىگە. كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجى تۈپەيلى، ئەر ياكى ئايال ئۆزلىرىنىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقىدىكى مال-مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىشنى قارار قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

  ئىككىنچىسى، ئەر ياكى ئايال كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىدىن سىرت، ئەر-خوتۇننىڭ ئورتاق مال-مۈلكىنى بىر تەرەپ قىلىشنى قارار قىلىشتا، ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپ باراۋەر ئاساستا مەسلىھەتلىشىشى، بىردەك پىكىرگە كېلىشى كېرەك. ئەگەر بىر تەرەپ ئۆز ئالدىغا قارار قىلىپ، يەنە بىر تەرەپ ئەھۋالدىن خەۋەرسىز بولسا، ئۆز ئالدىغا قىلىنغان «قارار» كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.

  مەزمۇن «گۈزەل ئايال، بەختلىك ئائىلە» تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك كىتابتىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بارلۇق تاغلىق رايونىدىكى ئېگىز تاغ يايلىقى باش يازنى كۈتۈۋالدى
  • گۈزەل نارات يايلىقى
  • «نامراتلارنى يۆلەش سېخى» نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ياردەم بەردى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى