چېنىقماسلىق بالدۇر ئۆلۈشكە سەۋەب بولىدىغان تۆت ئامىلنىڭ بىرى. ئىلگىرى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 18ياشتىن ئاشقانلارغا ھەپتىدە 150مىنۇت ئەتراپىدا ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت قىلىشنى تەكىتلىگەن، بىراق تەتقىقاتچىلار يېقىندا ئاز مىقداردا قىلىنغان ھەرىكەتنىڭمۇ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشكە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.
تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېدى: ھەپتىدە 150 مىنۇت چېنىقىدىغانلارنىڭ بالدۇر ئۆلۈش خەۋپى چېنىقمايدىغانلارغا قارىغاندا %28، قەرەللىك يېنىك ھەرىكەت قىلىدىغانلارنىڭ بالدۇر ئۆلۈش خەۋپى چېنىقمايدىغانلارغا قارىغاندا %22 تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى بايقىدۇق، بۇ بىزگە يېنىك ھەرىكەتنىڭمۇ ئۆمۈرنى ئۇزارتقىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
چېنىققاندا دەسلەپكى 15 مىنۇت سالامەتلىككە ئىنتايىن پايدىلىق، شۇڭا كىشىلەر كۈندە كەم دېگەندە 15 مىنۇت مېڭىشى كېرەك. بۇ ئارقىلىق سېمىزلىك، يۈرەك كېسىلى، سەكتە، دىيابېت، ھەتتا راك كېسىلىنىڭمۇ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» دىن ئېلىندى