تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

بالىلارنىڭ ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلىقىنى قانداق بىلىمىز

  1. قىزىتما: كىلىنىكىدا ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ قىزىتمىسىدا ھېچقانداق ئالامەت بولمايدۇ. لېكىن ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان كۆپ ساندىكى بالىلارنىڭ قىزىتمىسى چۈشمەيدىغان ئەھۋال يۈز بەرگەندىن باشقا، بىر قىسىم بالىلارنىڭ كۈندۈزدىكى تېمپېراتۇرىسى نورمال، ئەمما كەچ بولغاندا قىزىپ كېتىدىغان ئالامەتلەر كۆرۈلسە يەنە بىر قىسىم بالىلاردا ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانسىمۇ قىزىمايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.

  2. يۆتەل: ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ مۇتلەق كۆپى توختىماي يۆتىلىدۇ. بۇ باسقۇچ بالىلاردا ئۆتكۈنچى بولۇپ، غىدىقلاش خاراكتېرلىك قۇرۇق يۆتەل بولۇشىمۇ مۇمكىن.

  3. نەپەس سىقىلىش: بۇ خىل ئالامەت بوۋاقلاردا ياكى ئادەتتە نەپىسى سىقىلىش خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ، بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىنىڭ داۋاملىق بۇرۇن سىنوسى گىژىلداش، ئاغزى ئەتراپى كۆكىرىپ كېتىش، نەپىسى تېزلىشىش، يۈرىكى مىنۇتىغا 40~80 قېتىمغىچە سوقۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن باشقا، كۆپ ھاللاردا روھى چۈشكۈن بولۇش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، بۇرۇقتۇرما بولۇش، يېنىك ئىچى سۈرۈش ياكى قوسۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

  ئۆپكە ياللۇغىدا تۆۋەندىكى ئۈچ خىل خاتا قاراشتىن ساقلىنىش لازىم:

  1. قاتتىق يۆتەلگەن ھامان ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بوپتۇ دەپ قاراش. يۇقىرى نەپەس يولى يۇقۇملانغاندا دىماق بوشلۇقى ياللۇغلانغان بولسىمۇ قاتتىق يۆتىلىدۇ، لېكىن يۆتەل بىرقەدەر يېنىك بولسا، گېلى قىچىشىدۇ ياكى گالدا غەيرى نەرسە تۇرۇپ قالغاندەك سېزىم بولىدۇ، لېكىن ئۆپكە ياللۇغىدىن بولغان يۆتەل نەپەس يولىدىن چىقىدۇ، چوڭقۇر نەپەس ئالغاندىن كېيىن يەنە قاتتىق يۆتىلىپ كېتىدۇ.

  2. قىزىپ كەتكەنلىك ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلىق دەپ قاراش. ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇشقا بىر جەريان كېتىدۇ، يەنى ئۈچ كۈندىن بەش كۈنگىچە قىزىتمىسى يانمىسا، يۆتەل بارغانسېرى كۈچىيىپ كەتسە ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بولىدۇ، لېكىن يۇقۇملۇق كېسەل تارقالغان چاغ بۇنىڭ سىرتىدا، نۇرغۇن ئاغرىقلارنىڭ مىكروبتىن يۇقۇش ۋاقتى 24 سائەت ئىچىدىلا ئېغىر ئۆپكە ياللۇغىغا تەرەققىي قىلىدۇ، ئەمما ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك قاتارلىق ئېغىر ئالامەتلەر ئەگىشىپ (قوشۇلۇپ) كېلىدۇ.

  3. بەلغەم كۆپ كەلسە ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولدى دەپ قاراش. بەزى بالىلار زۇكام بولغاندىن كېيىنمۇ بۇرۇندىكى ئاجراتما ماددىلار كاناي ۋە قىزىلئۆڭگەچكە يانىدۇ، ئەمما ئالتە ياشتىن تۆۋەن بالىلار ئادەتتە يۆتەلگەندە ئاشۇ ئاجراتما ماددىنى ياندۇرالماي ئۇ ماددىلار كاناي ۋە قىزىلئۆڭگەچتە تۇرۇۋېلىپ كىشىگە بەلغەم كۆپ دېگەن تۇيغۇنى بېرىدۇ، ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ قىزىتمىسى يانغاندىن كېيىن، ياللۇغ قوبۇل قىلغاندا ئاشۇنداق بەلغەمنى كۆپەيتىۋېتىدۇ.

  (راخمانجان رۇسۇل تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى