تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

دېڭىز – ئوكيان جانلىقلىرى قانداق ئۇخلايدۇ؟

  دېڭىز – ئوكيان جانلىقلىرىنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇخلاش ئادىتى بىر – بىرىگە ئوخشىمايدۇ.

  دېڭىز – ئوكياندا ئۇخلاش بىلەن قۇرۇقلۇقتا ئۇخلاش ئوخشاش بولمايدۇ، قۇرۇقلۇقتىكى ھايۋانلار بىرەر بىخەتەر جاينى تاپسىلا خاتىرجەم ئۇخلىيالايدۇ، ئويغانغاندا يەنىلا شۇ جايدا بولىدۇ، ئەمما دېڭىز – ئوكيان جانلىقلىرىدا ئۇنداق بولمايدۇ، يەنى ئۇلار قۇرۇقلۇق ھايۋانلىرىدەك ئۇخلىسا ئېھتىمال ئۇلارنى دېڭىز – ئوكيان سۇلىرى ناھايىتى يىراقلارغا ئېقىتىپ، خېيىم – خەتەرلەرگە دۇچار قىلىشى مۇمكىن. دېڭىز – ئوكيانلاردا نۇرغۇن جانلىق بولىدۇ، بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى بېلىقلاردۇر، بېلىقلار ئىنسانلارغا ئوخشاش ئارام ئېلىشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ئۇلار ئۇخلىغاندا كۆزى يۇمۇلماي، خەتەر ئىچىدە ئۇخلايدۇ، چۈنكى دېڭىز – ئوكيانلار ئوچۇق ھالەتتە بولغاچقا، خاتىرجەم راھەت ئۇخلىيالمايدۇ، كۈشەندىلىرىگە يەم بولۇپ كېتىش خەۋپى ھەر ۋاقىت مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، كىچىك بېلىقلار چوڭ بېلىقلار بىلەن بىرگە ياشايدۇ، ئەگەر چوڭ بېلىقلارنىڭ ھىمايىسى بولمىسا كىچىك بېلىقلار خاتىرجەم ئۇخلىيالمايدۇ، ئاجىز سۇ ئېقىمى ۋە ئوت – چۆپلەرنىڭ مىدىرلىشىمۇ ئۇلارنى قاتتىق چۆچۈتۈپ قويۇشى مۇمكىن.

  دېڭىزدا كۆپ مىقداردا سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئۇخلىشى ئىنسانلارغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئۇلارمۇ ئۇخلىغاندا نەپەسلىنىپ ئوكسىگېن سۈمۈرىدۇ. ئۇخلىغاندا ئوكسىگېن سۈمۈرۈش دېڭىز – ئوكيان سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلىرىدا ئاجايىپ ئۇخلاش شەكىللىرىنى بەرپا قىلغان. مەسىلەن، تىيۇلېننىڭ ئۇخلاش ئادىتى غەلىتە بولۇپ، ئۇخلىغاندا تۇنجۇقۇپ قېلىشتىن قورقۇپ، ھەر ئون مىنۇت ئەتراپىدا بىر ئويغىنىپ سۇ يۈزىگە چىقىپ نەپەسلىنىدۇ، ئاندىن يەنە ئۇخلايدۇ.

  دېڭىز دېلفىنىنىڭ ئۇخلاش ئادىتىمۇ غەلىتە بولۇپ، مېڭىسىنىڭ يېرىمى ئۇخلاشقا، يېرىمى نەپەسلىنىشكە مەسئۇل بولىدۇ. شۇڭا دېڭىز دېلفىنى بىر تەرەپتىن ئۇخلاپ، يەنە بىر تەرەپتىن سۇ يۈزىگە چىقىپ ئوكسىگېن سۈمۈرىدۇ.

  كىتنىڭ ئۇخلىشىمۇ دېڭىز دېلفىنىغا ئوخشاش بولۇپ، يېرىم مېڭىسى ئۇخلاشقا، يېرىم مېڭىسى ئۈزۈش ۋە نەپەسلىنىشكە قوماندانلىق قىلىدۇ، شۇڭا بىر تەرەپتىن ئۇخلاپ، بىر تەرەپتىن ئۈزۈپ يۈرەلەيدۇ.

  دېمەك، دېڭىز – ئوكيان سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلىرىنىڭ ئۇخلاش ئادىتى ئىنسانلار ئۈچۈن تولىمۇ غەلىتە بولۇپ، ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدۇ، بىر تەرەپتىن ئۇخلاپ، بىر تەرەپتىن ئۈزۈپ يۈرۇشى خۇددى ئىنسانلارنىڭ چۈش سەيلىسى قىلغىنىغا ئوخشايدۇ.

  ئېرفانجان ياسىن تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى