تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ياشانغاندا كۆز ئاجىزلىقىغا سەل قارىماڭ

  

   چەت ئەل ئالىملىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدىن ئىسپاتلىنىشىچە، كۆز ئاجىزلىقنىڭ ياشانغاندا دېۋەڭ بولۇپ قېلىش بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار ئىكەن. كۆزى ئاجىز بولسىمۇ، ۋاقتىدا داۋالانمىغان كىشىلەرنىڭ دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ بىرقەدەر يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقالغان. ئەگەر ياشانغانلارنىڭ كۆزى ئاجىزلاپ كەتسە تەشەببۇسكارلىق بىلەن داۋالاتسا ياكى كۆزىگە ماس كېلىدىغان گىرادۇسلۇق كۆزەينەك سەپلەپ بېرىلسە، دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تۆۋەنلەيدىكەن.
     ئالىملار تەكشۈرۈش جەريانىدا يەنە ياشانغانلار ئىچىدىكى كۆۆرۈش قۇۋۋىتى ياخشىلارنىڭ دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ كۆزى ئاجىزلارغا قارىغاندا %63 تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. كۆزى ئاجىز بولسىمۇ ۋاقتىدا داۋالىتىلمىسا ياشانغانلارنىڭ ھەرخىل پائالىيىتىگە، ھەرىكىتىگە تەسىر يېتىدىكەن. ياشانغانلارنىڭ كۆزىنىڭ ئاجىزلىشىشى پەرزەنتلەر ئۈچۈن نورمال ھادىسىدەك كۆرۈنسىمۇ، بۇنىڭغا سەل قارىماسلىقى، چوقۇم ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ داۋالىتىشى ھەم ئۇلارغا ماس كېلىدىغان گىرادۇسلۇق كۆزەينەك سەپلەپ بېرىشى كېرەك ئىكەن. ياشانغانلارمۇ كۆزىنىڭ ئاجىزلىشىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلغان ھامان ياشانغانلار كېسىلىنى داۋالايدىغان دوختۇرلاردىن مەسلىھەت سورىشى كېرەك ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە كۆزگە ئاق چۈشۈش، سېرىق داغ چۈشۈش كېسىلى ۋە دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك ئىكەن، چۈنكى بۇ كېسەللەر كۆزنى تېخىمۇ ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدىكەن.


(ئادىل غوجالىم تەييارلىغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى