تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

خەلقئارا ئۆلچەملىك ۋاقىت قانداق بارلىققا كەلگەن؟

  خەلقئارا ئۆلچەملىك ۋاقىت يەنى گىرىنۋىچ ۋاقتى يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشىنى ئاساس قىلغان ۋاقىت ھېسابلاش سىستېمىسىدىن ئىبارەت.

  گىرىنۋىچ ۋاقتىنىڭ بەلگىلىنىشى 1858 – يىلى ئەنگلىيەدە يۈز بەرگەن سوت كېڭىشى دېلوسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەينى ۋاقىتتا تۆمۈريول قاتناش سىستېمىسىنىڭ ۋاقتى بىلەن سوتنىڭ ۋاقتىدا پەرق پەيدا بولغانلىقتىن، بىر قېتىملىق بەس – مۇنازىرىگە تولغان سوت قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بۇ يەنە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋاقىتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. كېيىن ئەنگلىيەنىڭ گىرىنۋىچ رەسەتخانىسى مېرىدىيان سىزىقى ۋاقتىنى بەلگىلەپ، ئەنگلىيەنىڭ ئۆلچەملىك ۋاقتىنى تۈزۈپ چىققان. ئۇنىڭدىن كېيىن، دۇنيادىكى بەزى دۆلەتلەر ئۆز دۆلىتىنىڭ جۇغراپىيەلىك شارائىتىغا ئاساسەن، ئۆزىنىڭ مېرىدىيان ۋاقتىنى بەلگىلىگەن، ئەمما بۇمۇ ھەرقايسى دۆلەت ۋاقتىنىڭ قالايمىقانلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، 1884 – يىلى 10 – ئاينىڭ 13 – كۈنى 20 نەچچە دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدە يىغىن ئېچىپ، بىرلىككە كەلگەن خەلقئارا ئۆلچەملىك ۋاقتى بىلەن بىرلىككە كەلگەن مېرىدىيان سىزىقى ئىشلىتىشنى قارار قىلغان، يىغىن قارار ماقۇللاپ، پارلامېنتقا گىرىنۋىچ رەسەتخانىسى مېرىدىيان ئاپپاراتى مەركىزىنىڭ مېرىدىيان سىزىقىنى نۆل گىرادۇس قىلىپ بەلگىلەش تەكلىپىنى بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن جۇغراپىيەلىك ئۇزۇنلۇقنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بىلەن دۇنيا ‹‹ۋاقىت رايونى››نىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ھېسابلاپ چىقىلغان. خەلقئارا ئۆلچەملىك ۋاقىت (گىرىنۋىچ ۋاقتى) شۇنىڭدىن باشلاپ بارلىققا كەلگەن.

  ھۆسىناجى ئابدۇرېھىم تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يۈننەندىكى گۈل بازارلىرى قىزىپ كەتتى
  • غۇلجىدا يەرلىك پائالىيەتلەر قىزىپ كەتتى
  • مۇز چۆگۈن ئەر-ئاياللار جۈپ ئويناش مۇسابىقىسى: ئېلىمىز كوماندىسى ئامېرىكا كوماندىسىنى يەڭدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى