تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا نەزەر

  ‹‹سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار پەيدا بولغاندىن كېيىن، ساھالەر ئوتتۇرىسىدىكى چەكلىمە يوقالدى، رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى چەكلىمە يوقالدى، كەسىپلەر ئوتتۇرىسىدىكى چەكلىمە يوقالدى››. يۈشى پەن – تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى ھەم باش لايىھەلىگۈچىسى پېڭ جىنجەن مۇنداق دېدى: سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ تەرەققىياتى كەلگۈسىدە چوقۇم نۇرغۇن كەسىپلەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ.

  19 – قېتىملىق جۇڭگو خەلقئارالىق يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا نەتىجىلىرى يەرمەنكىسىدە كۆرگەزمە قىلىنغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى ۋە بىلەك ھالقىسى قاتارلىق تاقايدىغان ئۈسكۈنىلەردىن تارتىپ مۇلازىمەتچى ماشىنا ئادەم، شوپۇرسىز ئاپتوموبىل، ئەقلىي ئىقتىدارلىق داۋالاش قاتارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ يېڭى ئەۋلاد تېخنىكا ئاۋانگارتلىرىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەھسۇلاتلار ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەھسۇلات تەرەققىياتىنىڭ يادروسى ھەم باشقا ئەقلىي ئىقتىدارلىق پەن – تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلار تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى. دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى يۇقىرى پەن – تېخنىكا شىركەتلىرى ۋە خەتىرى بار مەبلەغلەرنى سېلىش ئاپپاراتلىرى بەس – بەستە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق كەسىپ زەنجىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، AI (سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار) ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىپ، ھېسابلاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ۋە ھېسابلاش ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىدى.

  سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قانداق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدۇ؟

  شېنجېن يۈنتيەن لىفېي تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە مۇتەخەسسىسى ۋاڭ شياۋيۈ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: شىركەت ھازىر ھەرىكەتچان ئادەم چىرايىنى پەرقلەندۈرۈش سىستېمىسىنى كەڭ كۆلەمدە ئورۇنلاشتۇرۇۋاتىدۇ، بۇ سىستېما ساقچىلارنىڭ قىيىن، قول تۇتىدىغان دېلولارنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشكە ۋە دېلو پاش قىلىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق. بۇ سىستېمىدىن پايدىلانغاندا، ئەگەر جىنايەتچىنىڭ بىر پارچە كىملىك سۈرىتى ياكى تۇرمۇش سۈرىتى بولسىلا، بىر سېكۇنت ئىچىدە پۈتۈن شەھەرنىڭ بارلىق كامېرالىرىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئىزدەپ، جىنايەتچىنىڭ بارلىق ھەرىكەت ئىزلىرىنى سىزىپ چىقالايدۇ.

  سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قايسى ساھەلەرگە رىقابەت ئېلىپ كېلىدۇ؟ شېنجېن شەھەرلىك سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار كەسپىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، جۇڭشىڭ خەۋەرلىشىش پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى دۇڭ جېنجياڭ مۇنداق دېدى: كىشىلەر قىلىشنى خالىمايدىغان ۋە ياخشى قىلالمايدىغان ئىشلار ئالدى بىلەن سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ. چاقىرىش مەركىزىدىكى تېلېفون قوبۇل قىلىش مۇلازىمىتى خىزمەتتىن ئايرىلىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى كەسىپ بولۇپ، كۈندە نەچچە سائەتلەپ تېلېفون قوبۇل قىلىش ئادەمنى ھەقىقەتەن چارچىتىدۇ، ھازىر سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار بۇ خىزمەتنى تولۇق ئۆز ئۈستىگە ئالالايدۇ.

  شوپۇرسىز ئاپتوموبىل قاچان بارلىققا كېلىدۇ؟

  يېقىنقى يىللادىن بۇيان، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ‹‹شوپۇرسىز ئاپتوموبىل›› قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىپ قالدى. مۇخبىرنىڭ جۇڭگو خەلقئارا يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا نەتىجىلىرى يەرمەنكىسىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاپتوموبىل ساھەسىنىڭ يۈزلىنىشى ۋە يۆنىلىشى بىر تەرەپتىن ئاپتوموبىل ئىچىدىكى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق تاۋۇش پەرقلەندۈرۈش سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ تەبىئىي سۆزلىشىش ئارقىلىق شوپۇرنىڭ ئىككى قولىنى ئازاد قىلىش بولۇپ، شوپۇر ماشىنىغا ‹‹بۇيرۇق›› چۈشۈرسىلا بولىدىكەن؛ يەنە بىر تەرەپتىن سۈرەت پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسىنىڭ ياردىمىدە شوپۇرنىڭ چىراي ئىپادىسى، يول ئەھۋالى ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنى پەرق ئېتىدىكەن، شۇنىڭدەك تۈرلۈك ئەمەلىي كۆرۈنۈشلەر ئاساسىدا، ئەقلىي ھۆكۈم چىقىرىدىكەن ۋە مەشغۇلات ئېلىپ بارىدىكەن.

  شېنجېن شەھىرى سولىڭ ئوقەتچىلىك پاي چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئاپتوموبىل ئالاقە تورى كەسپى مەركىزىنىڭ مەھسۇلات دىرېكتورى جاڭ ياڭ مۇنداق دېدى: سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى ئاساس قىلغان شوپۇرسىز ئاپتوموبىل ھازىرچە ‹‹يېڭى باشلىنىش باسقۇچى››دا تۇرۇۋاتىدۇ، تېخىمۇ كۆپ جابدۇقلاردىن پايدىلىنىپ شەخسلەرنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئاپتوموبىل يەككە پۈتۈن گەۋدە بولماستىن، بەلكى شەھەرلەردە قاتناش جەريانىدا يوللارغا، باشقا ئاپتوموبىللارغا ۋە پۈتكۈل سۇپا ئارىسىدىكى ئۆزئارا خەۋەرلىشىشكە يۇقىرى تەلەپ قويىدۇ. شۇڭا ھەل قىلىشقا تېگىشلىكى نوقۇل ھالدا ئاپتوموبىل مەسىلىسى بولۇپلا قالماستىن يەنە ئاپتوموبىل بىلەن ئاپتوموبىل ئارىسىدىكى، ئاپتوموبىل بىلەن سىستېما ئارىسىدىكى خەۋەرلىشىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە توغرا كەلگەچكە نۇرغۇن سېنزور ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ. ئېنىقلىقى يۇقىرى كامېرادا سۈرەتكە ئېلىش، سۈرەت پەرقلەندۈرۈش ۋە لازېر نۇرى رادارى قاتارلىق بىر يۈرۈش تېخنىكىلار شوپۇرسىز ھەيدەشكە ئىشلىتىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا شوپۇرسىز ئاپتوموبىلنىڭ تەرەققىياتى يەنە 5G تورى ۋە يېڭى بىر ئەۋلاد تور خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى ھەمدە ئۆلچەمنى قېلىپلاشتۇرۇش قاتارلىق باشقا ساھەلەرنىڭ تۈرتكە بولۇشىغا تايىنىدۇ.

  جۇڭگو سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ساھەسىدە دۇنيانىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن

  ھازىر جۇڭگو، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى كەلگۈسى رىقابەتتە پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويماسلىق ئۈچۈن ئارقا – ئارقىدىن سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويغاچقا، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارغا مۇناسىۋەتلىك ساھە ۋە كەسىپلەر پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ قىزىق نۇقتىسى بولۇپ قالدى. ‹‹سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار›› جۇڭگودا گۈللەنمە كەسىپلەرنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە ھۆكۈمەتنىڭ 2017 – يىللىق خىزمەت دوكلاتىغا كىرگۈزۈلدى، گوۋۇيۈەنمۇ ‹‹يېڭى ئەۋلاد سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تەرەققىيات پىلانى››نى رەسمىي بېسىپ تارقاتتى.

  پېڭ جىنجەن مۇنداق دېدى: سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى ئەڭ مۇھىمى كېڭەيتىپ ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ. جۇڭگودا ئۇنىڭ ئىستىقبالى ناھايىتى ياخشى، ھېسابلاش ئىقتىدارى ۋە سانلىق مەلۇمات ئىقتىدارى جەھەتتە ناھايىتى زور ئەۋزەللىككە ئىگە. بۇنىڭدىن باشقا، ئېلىمىزدە يەنە سىياسەت ئەۋزەللىكىمۇ بار، يېڭى پەن – تېخنىكا ۋە يېڭى مەھسۇلاتلار پۈتۈنلەي يېڭى قۇرۇلغان جايلاردا ئىشلىتىلىشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ. جۇڭگودا يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن يېڭى تەرەققىيات رايونلىرى ۋە يېڭى شەھەرلەرنىڭ يىرىك پىلانىغا شوپۇرسىز ھەيدىلىدىغان ئاممىۋى ئاپتوبۇس ۋە شوپۇرسىز ئاپتوموبىللارمۇ كىرگۈزۈلگەن. دوڭ جېنجياڭ مۇنداق دېدى: سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىستراتېگىيەسى قىلىندى ھەم دۆلەت پىلانى قىلىپ بېسىپ تارقىتىلدى. بۇ جەھەتتە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. ھېچبولمىغاندا قوللىنىش قاتلىمىدا جۇڭگونىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئىشلىرى تېزدىن دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتىدۇ.

  ياسىن ئىبراھىم تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • فىلىم: يېشىل سەددىچىن سېپىلى — كۆكيار
  • قوشماقلاشقان تۇغقانلار فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە
  • كۈز ئايلىرىدا گۈزەل تۈسكە كىرگەن قايدۇ دەرياسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى