تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ ئالتە تىپىك مەسىلىنى ئاشكارىلىدى

  ئۆز خەۋىرىمىز. يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ ئالتە تىپىك مەسىلىنى ئاشكارىلىدى. بۇ ئالتە تىپىك مەسىلە تۆۋەندىكىچە:

  1. تۇرپان شەھەرلىك مىللەت – دىن ئىشلىرى كومىتېتى(مىللەتلەر تىل – يېزىق خىزمىتى كومىتېتى)نىڭ سابىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى ئېلى ئىمىننىڭ قىزىنىڭ تويىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئۆتكۈزۈش قاتارلىق مەسىلىسى. ئېلى ئىمىن 2013 – يىلى قىزىنىڭ تويىنى قىلىشقا دائىر ئىشلارنى بەلگىلىمە بويىچە تەشكىلگە مەلۇم قىلمىغان، باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش ئوبيېكتىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تويغا تەكلىپ قىلغان ھەم 70 مىڭ يۈەن سوۋغات پۇلى قوبۇل قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئېلى ئىمىندا ئىنتىزامغا خىلاپ باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان. ئېلى ئىمىنگە 2017 – يىلى دېكابىردا پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى.

  2. بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئىشخانا پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر جيا دېفۇنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىغا زىياپەت بېرىش قاتارلىق مەسىلىسى. جيا دېفۇ 2016 – يىلىدىن 2017 – يىلىغىچە، كۆپ قېتىم بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىنى ئىشلىتىپ، شەخسىي زىياپەت بېرىپ جەمئىي 30 مىڭ يۈەن چىقىم قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، جيا دېفۇدا ئىنتىزامغا خىلاپ باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان. جيا دېفۇغا 2017 – يىلى دېكابىردا پارتىيەدىن قوغلاش، مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلدى.

  3. كۇچا ناھىيەلىك شەھەر باشقۇرۇش ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋاڭ دۇڭجېننىڭ شەخسىي ئاپتوموبىلىنى ھۆكۈمەت پۇلىغا بېقىش قاتارلىق مەسىلىسى. ۋاڭ دۇڭجېن 2016 – يىلىدىن 2017 – يىلىغىچە، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئىدارىنىڭ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىغا ماي قاچىلاش كارتىسى بىلەن شەخسىي ئاپتوموبىلىغا ئىلگىرى – كېيىن 12 قېتىم ماي قاچىلىغان، جەمئىي سومما 4000 يۈەنگە يەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ۋاڭ دۇڭجېندا ئىنتىزامغا خىلاپ باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان. ۋاڭ دۇڭجېنغا 2017 – يىلى دېكابىردا پارتىيەدىن قوغلاش، مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلدى.

  4. چىرا ناھىيەسى گۇلاخما بازارلىق يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىنى باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ سابىق باشلىقى كۈرەش جۈمەنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىغا مېھمان كۈتۈش قاتارلىق مەسىلىسى. كۈرەش جۈمە 2012 – يىلىدىن 2014 – يىلىغىچە، تالوننى ساختا كېسىش ئۇسۇلى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ 34 مىڭ 300 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، ھۆكۈمەت پۇلىغا مېھمان كۈتكەن، شۇنداقلا شەخسىي ئاپتوموبىلىغا ماي قاچىلاش، ئۆز ئورنىدىكى كادىرلارغا قۇربان ھېيتلىق ھال سوراش پۇلى تارقىتىش قاتارلىقلارغا چىقىم قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، كۈرەش جۈمەدە ئىنتىزامغا خىلاپ باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان. كۈرەش جۈمەگە 2017 – يىلى دېكابىردا پارتىيەدىن قوغلاش، ئىش ئورنى دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش جازاسى بېرىلدى.

  5. ماناس ناھىيەسى سۇساتقان يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ ساقچىسى تاي ئومانىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات پۇلى قوبۇل قىلىش مەسىلىسى. تاي ئوما 2017 – يىلى ئۆزى، شۇنداقلا خوتۇنىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى نامى بىلەن ئىلگىرى – كېيىن ئىككى قېتىمدا سىرتتىن كەلگەن توققۇز ئىشلەمچىنىڭ 2700 يۈەن سوۋغات پۇلىنى قوبۇل قىلغان. تاي ئوماغا (پارتىيە ئەزاسى ئەمەس) 2018 – يىلى يانۋاردا مەمۇرىي جەھەتتىن گۇناھ يېزىش جازاسى بېرىلدى.

  6. موڭغۇلكۈرە ناھىيەلىك شەھەر – يېزا پىلانلاش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جىنلۇڭنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا زىياپەتكە قاتنىشىش مەسىلىسى. جاڭ جىنلۇڭ 2017 – يىلى ئىيۇندا بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتى بولغان شىنجاڭ مەلۇم يول – كۆۋرۈك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ فامىلىلىك تەشكىللىگەن زىياپەتكە قاتنىشىپ، جەمئىيەتتە يامان تەسىر پەيدا قىلغان. جاڭ جىنلۇڭغا 2018 – يىلى يانۋاردا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  يۇقىرىدىكى ئالتە تىپىك دېلو ‹‹تۆت خاھىش›› مەسىلىسىدە يامان ئادەتنىڭ سىڭىپ، يىلتىزىدىن چىرىگەنلىكىنى، قىسمەن پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ يەنىلا تەلەي سىناش ئويىدا بولۇۋاتقانلىقىنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قايتا – قايتا تەكىتلىشىگە پىسەنت قىلماي، بىلىپ تۇرۇپ قەستەن خىلاپلىق قىلىپ، ئۆزىنى تارتمايۋاتقانلىقى، قولىنى يىغمايۋاتقانلىقى ۋە توختاتمايۋاتقانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەردى، شۇڭا جەزمەن قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

  2018 – يىللىق چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، بۇ مۇھىم بايرام ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەرلەرنى يوقلايدىغان، جەم بولۇپ تاماق يەيدىغان بېسىق مەزگىل ھەم باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش ئوبيېكتى مۇناسىۋەت ئىزدەشكە قاترايدىغان، يول ئىزدەيدىغان ‹‹ئاچقۇچلۇق مەزگىل››، شۇنداقلا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش ئوڭاي يۈز بېرىدىغان ۋە كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىل. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى بارلىق پارتىيەلىك كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار يۇقىرىدىكى دېلولاردىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، ھەقىقىي ئىبرەت ئېلىپ، ‹‹كادىرلارنىڭ ئىستىلى دۇرۇس بولماسلىق مەسىلىسى شىنجاڭدا ئەڭ چوڭ دۈشمەن›› دېگەن بۇ ئىلمىي ھۆكۈمنى باشتىن – ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ۋە سىياسىي ئاڭلىقلىقنى ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇشتىن ئىبارەت قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق تونۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھى ۋە يولغا قويۇش تەپسىلىي پىرىنسىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئوننى ياخشىلاش، ئوننى قىلماسلىق››نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىشنى ئۆزىدىن، كىچىك ئىشلاردىن ۋە ئادەتتىكى ئىشلاردىن باشلاپ تۇتۇشى كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئورگانلىرى سىياسىي ئورنىنى ساقلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ‹‹ئىككى مەسئۇلىيەت››نى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، بوشاشماي، توختاپ قالماي، قايتا ئاتلىنىپ، ‹‹تۆت خاھىش››نى تۈزىتىشنى بىر مىنۇتمۇ توختىتىپ قويماي، چاغاننىڭ ئالدى – كەينىدە ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، بەلگىلىمە ۋە ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشنى تېخىمۇ چىڭىتىشنىڭ كۈچلۈك سىگنالىنى سىجىل ياڭرىتىپ، چاغان مەزگىلىدە ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى