تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى خۇلاسىلەش – تەقدىرلەش يىغىنى ئاچتى ۋە چاغانلىق بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

  دۇڭ شاۋخۇا خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى 11- فېۋرال 2017 – يىللىق خۇلاسىلەش – تەقدىرلەش يىغىنى ۋە ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› چاغانلىق بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردە سىياسىي يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، ئىدىيەدە يادرونى يۈكسەك دەرىجىدە تونۇش، سىياسىيدا يادرونى قەتئىي قوغداش، تەشكىلىي جەھەتتە يادروغا ئاڭلىق بويسۇنۇش، ھەرىكەتتە يادروغا قەتئىي ئەگىشىپ مېڭىش، يادرونى قەتئىي ھىمايە قىلىش، يادروغا مۇتلەق سادىق بولۇش كېرەك. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئەستايىدىل، قايتا – قايتا، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇستەھكەم ئېتىقادچىلىرى ۋە سادىق ئەمەلىيەتچىلىرىدىن بولۇش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ‹‹ئىككى بەنزە›› مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا قەتئىي مەركەزلەشتۈرۈپ، زېھىننى مەركەزلەشتۈرۈپ، تەرەققىياتنى كۆزلەپ، يېڭى تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئۈچ چوڭ جەڭ››نى ياخشى قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خىزمەتلەرنى كۈچەپ، تەرتىپلىك، ياخشى ئىشلەش كېرەك. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ‹‹پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكى››نى ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بېكىتكەن تۈرلۈك نىشان – ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى سۈپەتتە ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭىدىكىلەر ‹‹ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش›› باش تېما تەربىيەسى پائالىيىتىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇشى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان مۇتلەق سادىق بولۇشتەك سىياسىي پەزىلەت، يۈكسەك ئاڭلىق بولۇشتەك ئومۇمىيەت ئېڭى، ئىنتايىن مەسئۇلىيەتچان بولۇشتەك خىزمەت ئىستىلى، زارلانماي تۆھپە قوشۇش روھى، پاك – تەلەپچان بولۇشتەك ئەخلاق مىزانىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىستىلنى ياخشىلاشتىكى ئۈلگە، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرگۈچىسى، ئىناق ئۆتۈش – تۆھپە قوشۇشتىكى باشلامچى، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان ياخشى كادىرلاردىن بولۇپ، يېڭى دەۋر يۈكلىگەن مۇقەددەس مەسئۇلىيەت ۋە شەرەپلىك بۇرچنى ئاڭلىق زىممىسىگە ئېلىپ، يېڭى بىر يىللىق خىزمەت جەريانىدا يېڭى سەۋىيەگە يېتىپ، يېڭى ئوبرازىنى نامايان قىلىشى كېرەك.

  شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئورگىنىنىڭ ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئاشخانىسىدا شوخ مۇزىكا ياڭراپ، بايرام كەيپىياتى ئەۋج ئالدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› چاغانلىق بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە يەنە ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭىدىكىلەرنىڭ قىسمەن قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. كۆپچىلىك يۈزتۇرا ئىتتىپاقلىق، دوستلۇق ھېكايىلىرىنى سۆزلىشىپ، چاغاننى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ئەركىن تۇنىياز، جاڭ چۈنلىن، جارۇللا ھېسامىدىن، مەڭلىك سېيىت ھەم ئائىلىسىدە تۇرۇۋاتقان ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسى ئەزالىرى ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى. يىغىندا يەنە ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭىدىكى 2017 – يىللىق ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەر تەقدىرلەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى