تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تاشيول قۇرۇلۇشى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى

   لۇ فېڭباۋ، بارشا تېگىس

  ليەنيۈنگاڭ – قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (G30)نىڭ پارچە ساغالدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان بۆلىكىنى ئۆزگەرتىش ۋە كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنىڭ 3 – بۆلىكىدە 4- فېۋرال ئىش توختىدى، لېكىن ئابدۇسەمەت تۇردى داۋاملىق ئىش ئورنىدا قېلىپ دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقى، كەپشەرلەش، ماشىنا رېمونت قىلىش تېخنىكىسىنى ئۆگەندى، ئۇ: مەن كۆپرەك تېخنىكا ئۆگىنىپ، بالدۇرراق كەپشەرچى بولۇپ يېتىشىپ چىقىمەن، دېدى.

  ئابدۇسەمەت يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ئەگۈس يېزىسى ئۈرۈكچەكمەھەللىسى كەنتىدىن بولۇپ، بۇلتۇر ئاۋغۇستتا تاشيول قۇرۇلۇشى ئورنىغا كېلىپ ئىشلىدى، ئۇ ئايدا 4000 يۈەنگە يېقىن ئىش ھەققى ئالالايدىغان بۇ خىزمەتنى ئىنتايىن قەدىرلەيتتى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسەتتى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ـــ خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەڭ چوڭ ئىش. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىدە ۋە ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ۋە تېخىمۇ تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. 2017 – يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ تېخىمۇ ئاكتىپ سىياسىتىنى يولغا قويدى، قاتناش ئۇل ئەسلىھە چوڭ قۇرۇلۇشلىرى يېزا ئارتۇق ئەمگەكچىلىرىنى نۇرغۇن ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش – تىرانسپورت نازارىتىنىڭ شۇ دەرىجىلىك تۈرىدە ئىشلىتىلگەن ئومۇمىي ئىشچى 180 مىڭ ئادەم (قېتىم)گە يېتىپ (تاشيول ئاسراش قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، لىنىيە بويىدىكى دېھقانلارنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

   سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى

   23 ياشلىق ئابدۇسەمەتنىڭ كۆپ ۋاقتى ئۆز يېرىدە تېرىقچىلىق قىلىش بىلەن ئۆتۈپ، يىلدا 5000 يۈەندىن كۆپرەكلا كىرىم قىلالايتتى.

  ‹‹كەنتىمىزدىكىلەر ئارقا – ئارقىدىن سىرتقا چىقىپ ئىشلىدى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى››. سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلغان كەنت ئاھالىلىرى پۇل تاپتى، بۇ ئابدۇسەمەتكە ناھايىتى چوڭ ئىلھام بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇنلارنى سۈرۈشتۈردى.

  بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىز تاشيول قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتتى، پۈتۈن يىلدا 3607 تۈردە قۇرۇلۇش باشلانغان بولۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا چوڭ قۇرۇلۇش دولقۇنى قوزغالدى، بۇ، يېزىلاردىكى زور بىر تۈركۈم ئارتۇق ئەمگەكچىنى ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى. بۇلتۇر ئىيۇلدا تاشيول قۇرۇلۇشىغا ئىشچى قوبۇل قىلىدىغان خەۋەر كەنتكە تارقالغاندا، ئابدۇسەمەت ئاكتىپلىق بىلەن تىزىمغا ئالدۇردى، ئاۋغۇستتا ليەنيۈنگاڭ – قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (G30)نىڭ پارچە ساغالدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان بۆلىكىنى ئۆزگەرتىش ۋە كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى ئورنىغا بېرىپ ئىشلىدى.

  ئابدۇسەمەت قۇرۇلۇش ئورنىغا كېلىشتىن بۇرۇن، كۆنەلمەسلىكىدىن ئەنسىرىگەنىدى، ئويلىمىغان يەردىن بۇ يەردىكى خىزمەت، ياتاق، تاماق ناھايىتى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: ياتاق، تاماق شارائىتىمىز ناھايىتى ياخشى، مېنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەشنى تاللىشىم ناھايىتى توغرا بوپتۇ.

  ئابدۇسەمەت ھەر ئايلىق ئىش ھەققىنى ئۆيىگە ئەۋەتىپ بېرەتتى، ئۇ مۇنداق دېدى: دادام ھەر قېتىم تېلېفوندا ماڭا بۈگۈنىمىزنى ياخشى قەدىرلەپ، خاتىرجەم خىزمەت قىلىشىمنى تاپىلايدۇ.

  مۇقىم كىرىمگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئابدۇسەمەت ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇش شارائىتى بارغانسېرى ياخشىلاندى، بۇلتۇر نويابىردا دادىسى ئوغلى ئەۋەتكەن پۇلغا بىر كالا سېتىۋالغاندا، كەنتتىكىلەر ئۇلارغا ھەۋەس قىلىشتى.

  ئابدۇسەمەت ناھايىتى ئىپتىخارلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: كەنتتىكىلەر ئىشلەپ پۇل تاپقانلىقىمنى كۆرۈپ، ماڭا ناھايىتى ھەۋىسى كەلدى، بەزىلەر تېلېفوندا مەندىن قۇرۇلۇش ئورنىغا يەنە ئادەم كېرەكمۇ، ئەمەسمۇ؟ دەپ سۈرۈشتۈردى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ماڭا پۇل تېپىشنىڭ پۇرسىتىنى يارىتىپ بەردى، مەن تىرىشىپ ئىشلەپ، ئائىلەمنىڭ شارائىتىنى تېخىمۇ ياخشىلايمەن.

  ئابدۇسەمەتكە ئوخشاش، G3012 قەشقەر – قەشقەر يېڭىشەھەر يول تۈرىدە ئىشلەۋاتقان ياسىن ئابلىزنىڭ تۇرمۇشىمۇ بارغانسېرى ياخشىلاندى.

  ياسىن ئابلىز يەكەن ناھىيەسىنىڭ يېڭىئۆستەڭ يېزىسى قوشئۆستەڭ كەنتىدىن بولۇپ، ئادەتتە ئىشلەمچىلىك قىلىپ جان باقاتتى، كىرىمى تۇراقسىز ئىدى.

  بۇلتۇر ئىيۇلدا دوستى ئۇنىڭغا تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرىگە ئىشچى قوبۇل قىلىدىغان خەۋەرنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇ دەرھال تۈرنىڭ قۇرۇلۇش ئورنى بىلەن ئالاقىلەشتى، ئارقىدىنلا ئىش ئورنىغا بېرىپ ئىشلەپ، بىر ئايدا 4500 يۈەن كىرىم قىلدى.

  ياسىن ئابلىز كەلگۈسىدىن ناھايىتى ئۈمىدلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: مەن تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرىدە ئىشلەپ پۇل تاپتىم، بۇ يىلمۇ داۋاملىق مۇشۇ يەردە ئىشلەپ، تىرىشىپ پۇل تاپىمەن. مەن ھويلامنى قاتتىقلاشتۇرۇشنى، ئېغىل سېلىپ باقمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشنى پىلانلاۋاتىمەن.

   ئاكتىپ ئۆگىنىپ، دېھقاندىن تېخنىكقا ئايلىنىش

  سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان دېھقانلار تېخنىكا تەلىپى بىر قەدەر تۆۋەن ئىش ئورنىدا ئىشلەش بىلەنلا قانائەتلەنمىدى، ئۇلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماھارەت ئۆگىنىپ، تېخنىك ئىشچىلارغا ئايلاندى.

  قورغاس ناھىيەسىنىڭ لەڭگەر يېزىسىدىن كەلگەن دېھقان ئابدۇللا ئالىم مۇنداق دېدى: ھازىر مەن يول چىڭداش ماشىنىسى ھەيدەپ، ئايدا 6500 يۈەن ئىش ھەققى ئالىمەن، بۇنىڭدىن كېيىن كىرىمىم تېخىمۇ كۆپىيىدۇ.

  ئابدۇللا ئائىلىسىنىڭ ئالتە مو يېرى بار بولۇپ، يىللىق كىرىمى 10 مىڭ يۈەنگىمۇ يەتمەيتتى.

  بۇلتۇر يىل بېشىدا، ئىلى ئوبلاستىدا تاشيول قۇرۇلۇشى چوڭ تۈرلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، زور تۈركۈم يېزا ئەمگەك كۈچلىرى ھەرقايسى تۈرلەر بويىچە ئىشلەمچىلىككە قوبۇل قىلىندى، ئابدۇللا ئىلى ‹‹لېفېڭ›› يول – كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەكلىپ قىلىندى.

  ئابدۇللا ئادەتتىكى ئىشلەمچىلىك بىلەنلا توختاپ قالمىدى، ئۇنىڭ يول چىڭداش ماشىنىسى ھەيدەشنى ئۆگىنىپ، تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپقۇسى بار ئىدى، ‹‹لېفېڭ›› يول – كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى شىركىتى ئۇنىڭ تەلىپى بويىچە تەجرىبىلىك بىر ئىشچىنى تېخنىكا ئۆگىتىپ يېتەكلەشكە ئورۇنلاشتۇردى.

  ئۈچ ئايلىق تەربىيەلەش ۋە ئۆگىنىشتىن كېيىن، ئابدۇللا باھالاشتىن ئۆتۈپ، شۇ يىلىلا يول چىڭداش ماشىنىسىنى ھەيدەشكە مەسئۇل بولدى، كۆپلىگەن تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرىگە قاتنىشىپ، تېخنىك ئىشچىغا ئايلاندى، كىرىمىمۇ ئاشتى.

  ئابدۇللا ئىش ھەققىنىڭ ھەممىسىنى خوتۇنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ تىجارەت قىلىشى ئۈچۈن يېزا بازىرىدىن ئۆي ئىجارە ئېلىپ بەردى. ئابدۇللا مۇنداق دېدى: ھازىر تۇرمۇشىمىز تولىمۇ بەختلىك، كېيىن مەن يەنە باشقا تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا بېرىپ ئىشلەيمەن.

  ئاپتونوم رايون تېخنىك ئىشچىلارنى تەربىيەلەشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ھەرقايسى تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرى ئورۇنلىرىدىن پولات چىۋىقنى باغلاش، بېتون قۇيۇش، ماشىنا ھەيدەش، رېمونت قىلىش قاتارلىق تېخنىكا ماھارەتلىرى بويىچە تەربىيەلەشنى ئاكتىپ قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

  بۇلتۇر 9 – ئايدىن باشلاپ، ئابدۇسەمەت تەشەببۇسكارلىق بىلەن گۇرۇپپا باشلىقىدىن كەپشەرلەش تېخنىكىسىنى ئۆگەندى. دەم ئالغان ۋاقىتلىرىدا ئۇ ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقىنى ئۆگەندى، ھەتتا قىشلىق قۇرۇلۇش توختاش مەزگىلىدىمۇ ئۆيىگە قايتماي داۋاملىق باشقا تېخنىكا – ماھارەتلەرنى ئۆگەندى. ھازىر، ئۇ كەپشەرلەش تېخنىكىسىنى ئىگىلىگەندىن باشقا، يەنە ئاددىي رېمونتچىلىقنىمۇ ئۆگىنىۋالدى.

  ئابدۇسەمەت مۇنداق دېدى: تېخنىكاملا بولسا، نەگە بېرىپ ئىشلىسەممۇ قورقمايمەن.

   ئىدىيەنى ئۆزگەرتىپ، تىرىشقاندىلا بېيىغىلى بولىدۇ

  يېزىلاردىكى نۇرغۇن ئارتۇق ئەمگەكچى تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرىگە قاتناشتى، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار زور كۈچ بىلەن تەربىيەلەش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئىشچىلارنىڭ پەن – مەدەنىيەت ساپاسى ۋە كەسپىي تېخنىكا ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىدىيە – قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، خىزمەت ۋە تۇرمۇش مۇھىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىشقا يېتەكلىدى.

  1-فېۋرال چۈشتىن كېيىن، مۇخبىر قەشقەر شەھىرى ئايرودۇرۇم يولى بويىدىكى ئابابەكرى ئىمىننىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئەر – خوتۇن ئىككىيلەننىڭ زىخ كاۋاپ پىشۇرىدىغان كىچىك قول ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ سىرتقا ماڭغانلىقىنى كۆردى، ‹‹ھازىر ئىش مەيدانىدا باشقا ئىش يوق، بىز بىكار يۈرگىمىز كەلمەي، ئازراق سودا قىلىپ پۇل تېپىشنى ئويلاشتۇق››.

  2014 – يىلىدىن باشلاپ، ئابابەكرى قەشقەر شەھىرى ئەتراپىدىكى يېزا – بازارنىڭ يول قۇرۇلۇشىدا ئىشلىدى. كۈندۈزى ئاسفالت يېيىتىپ، سۇ چېچىش ماشىنىسى ھەيدىدى، كەچتە ئۆيىگە قايتىپ خوتۇن – بالىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى، بىر ئايدا 4500 يۈەن كىرىم قىلدى. بىرنەچچە يىل ئىشلەمچىلىك قىلىش جەريانىدا، ئۇ نۇرغۇن ئادەم بىلەن ئۇچراشتى، نۇرغۇن بىلىم ئۆگەندى، ئىدىيە – قارىشىدىمۇ ئاستا – ئاستا ئۆزگىرىش بولدى.

  بۇلتۇر ئۆكتەبىردە ھاۋا سوۋۇشقا باشلاپ، قۇرۇلۇشتا ئىش توختىدى، ئابابەكرى ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ بىكار يۈرگۈسى كەلمىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: ئەر كىشى دېگەن ھېچ ئىش قىلماي بىكار يۈرسە بولمايدۇ، بىرەر ئىش تېپىپ قىلىشى، پۇل تېپىپ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى قامدىشى كېرەك.

  ئابابەكرى قەشقەر شەھىرىنى ئايلىنىپ چىققاندىن كېيىن، ياغدا پىشۇرۇلغان زىخ كاۋاپ سودىسىنىڭ ئوبدانلىقىنى، ئاسان ئۆگىنىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىدى. ئۇ ئۆتكەن يىلى نويابىردا 1000 يۈەنگە قول ھارۋىسى سېتىۋالدى ھەمدە ياغ، ھەرخىل يېمەكلىك خۇرۇچلىرىنى سېتىۋېلىپ، ئۆيدە بىرقانچە كۈن مەشىق قىلغاندىن كېيىن، سىرتقا چىقىپ سودىنى باشلىۋەتتى، بىر ئايدا 1000 يۈەن كىرىم قىلدى.

  ئابابەكرى مۇنداق دېدى: ھازىر پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى بەك ياخشى، پەقەت تىرىشىپ ئىشلىسەكلا چوقۇم بېيىپ كېتىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى